باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

iPhoneنىڭ رېمونت قائىدىسى ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-02 15:17 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 2-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

BI ئالمىنىڭ «سىرتقى كۆرۈنۈش/مېخانىكىلىق تەكشۈرۈش قوللانمىسى» ناملىق بىر ھۆججىتىنى تورغا  يوللىدى، بۇ ھۆججەتتە ئالمىنىڭ رېمونت سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىلەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئالمىنىڭ قايسى ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى، قايسى ئۈسكۈنىلەرنى سىرتتىن ھەق ئېلىپ رېمونت قىلىپ بېرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلەلەيمىز. بۇ ھۆججەتنىڭ ۋاقتى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا VMI دەپ ئاتالغان،  iPhone 6، 6s ۋە 7 قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، Plus تىپلىرىنىمۇ قوللايدۇ. بىر تېخنىك خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەتنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۆججىتى بار بولۇپ، ئادەتتە خادىملارنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلىدىكەن. 

ھۆججەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، يېشىل قىسىمدا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر ۋە ھادىسلەردە ئالمىنىڭ رېمونت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. سېرىق رەڭلىك قىسمىدىكى ئەھۋاللاردا پەقەت ھەقلىق رېمونت قىلىپ بېرىلىدۇ. قىزىل رەڭلىك قىسمىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئالما رېمونت قىلىپ بەرمەيدۇ. 

ئېكران ئەينىكى ئاستىدىكى ئۇششاق نەرسىلەر، پىكسېل نورمالسىزلىقى، FaceTime كامېراسى توغرىلانماسلىق ۋە ئالدى ئەينەكتىكى تاق يېرىقچىلار قاتارلىقلار ئالما رېمونت قەرەلىدە ئوڭشاپ بېرىدىغان مەسىلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۈسكۈنە تاسادىپىي بۇزۇلغان ياكى سۇيۇقلۇق ئارقىلىق بۇزۇلغان ئەھۋاللارمۇ رېمونت دائىرىسىدە. بۇلار بىردىنبىر ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىدىغان تاسادىپىي مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. 

ئالما سۇيۇقلۇق كىرىپ كېتىش، چىرىپ كېتىش، LCD يېرىلىش، كامېرا لازىر نۇردا بۇزۇلۇش، سوقۇلغان ئورۇندىكى يېرىقلار، Lightning/ئاۋاز/مىكروفون دېتاللىرى بۇزۇلۇش، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش ياكى تېشىلىپ كېتىش، سىرتقى قېپى ئېگىلىپ كېتىش ياكى پارچىلىنىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەق ئېلىپ رېمونت قىلىپ بېرىدۇ. 

ئىشلەتكۈچى مەلۇم دېتاللارنى ئالماشتۇرغان، يانفوننى قەستەن ئۆزگەرتكەن ياكى بۇزغان، ئالمىنىڭ زاۋۇت تەرەپ باتارېيەسىنى ئىشلەتمىگەن ياكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئۈسكۈنە بۇزۇلۇش ئەھۋالى كېلىپ چىققان بولسا رېمونت قىلىنمايدۇ. سىرتقى قاپ  بۇزۇلۇش، مەسىلەن: جىجىلىپ كېتىش ۋە سۈركىلىپ سىرى چىقىپ كېتىش ئەھۋاللى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقى كۆرۈنۈش مەسىلىسىدە ئالماشتۇرغىلى ياكى رېمونت قىلغىلى بولمايدۇ. 

ئۈسكۈنىگە سۇ كېرىپ كېتىش ئەھۋالىغا قارىتا، ئالمىنىڭ يەنە بىر قاتار بەلگىلىمىرى بار بولۇپ، خادىملار مەسىلىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا سىرتقى ۋە ئىچكى قىسىمنىڭ سۇ كىرىپ كېتىش ئەھۋالىغىمۇ قارىشى كېرەك. ئەگەر ئۈسكۈنىگە سۇ كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا، رېمونت ھەققى ئېلىشنى ئېيتسا بولىدۇ. 

ئالما خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، VMI دائىم ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى بەكلا غەيرىي مەسىلىگە يولۇققان ۋاقىتتىلا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ بەلگىلىمىلەر AppleCare+ مۇلازىمىتىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. ئۈسكۈنىلەرگە AppleCare+ مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۈسكۈنە تاسادىپىي بۇزۇلغان تەقدىردىمۇ، ھەق تۆلەپ رېمونت قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. ئۈسكۈنە تاسادىپىي بۇزۇلغان، AppleCare+ مۇلازىمىتى سېتىۋالمىغان ۋاقىتتا ئالمىنىڭ ئېكران ئالماشتۇرۇش باھاسى 130-150 دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ، باشقا زەخمىنى رېمونت قىلىش ھەققى 300-3500 دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئەگەر AppleCare+نى سېتىۋالسا، ئېكران ئالماشتۇرۇشقا پەقەت 29 دوللار، باشقا رېمونت ھەققىگە بولسا 99 دوللار سەرپ قىلسىلا بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号