باش بەت

ئىدىقۇت887

6423يوللانما
9مەستانە

شىياڭگاڭلىق 3 ئەر تايلاندتىكى 2-ئېگىز بىناغا چىقىپ ئۆز تارتىم رەسىمگە چۈشتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-02 15:45 11 ئىنكاس چۈشتى

تايلاند خەنزۇچە تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا كۆرگەن ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان بىر يۈرۈش ئۆزتارتىم رەسىملىرى تايلاند ئالاقە تورلىرىدا كەڭ تۈردە ھەمبەھىرلىنىپ تارقالغان. رەسىمدە ئۈچ نەپەر شىياڭگاڭلىق ئەرنىڭ تايلاندتىكى 2-ئېگىز بىنا- «بەگزادىلەر بىناسى»نىڭ 85-قەۋىتىدىكى سىگنال مۇنارىنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ ئۆز تارتىم رەسىمگە چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى.

كەينىدىن رەسىمگە چۈشكۈچىلەر بۇ رەسىملەرنى ئالاقە تورىغا چىقارغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا سانسىزلىغان تورداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىۋەتكەن، بۇنى كۆرگەن بىر قىسىم تايلاندلىق تورداشلار قاتتىق چۆچۈپ كېتىشكەن. تايلاندلىق تورداشلار بەس-بەستە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئۈچەيلەننى ئىزدەپ تېپىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەم «ئۇلارنىڭ بۇ خىل خەتەرلىك قىلمىشى ئۆزىگە شۇنداقلا باشقىلارغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

«بەگزادىلەر بىناسى»نىڭ مەسئۇلى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مۇنارغا تۇتىشىدىغان ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ساقلايدىغان بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ بىنانىڭ ئۈستىدىكى مۇنارغا چىقىۋالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدۇق. بەلكىم ئۇلار ئىسسىقلىق تارقىتىش تونىلى ئارقىلىق ئوغرىلىقچە چىقىۋالغان بولۇشى مۇمكىن».

يەنە بەزى تورداشلار بۇ «خەتەرلىك» رەسىملەرنىڭ كىرىشتۈرۈلگەن رەسىم ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشقان بولۇپ، لېكىن تايلاند ساقچىلىرى  بۇ ئۇچۇر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر بۇ ئىشقا چېتىشلىق كىشىلەرنى ئىزدەپ تاپالمىغان، ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ ئۈچەيلەن دائىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاسمانپەلەك ئېگىز بىنالارنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ ئۆز تارتىم رەسىمگە چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئانار3 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇخان ئاخىىرى ساراڭ بوپ قالىسىز سامسۇڭنىڭ دەردىدە، نەگىلا باسا شڭنداق ئىمكاس يازدىكەنسىز بىر تاسقان بار ئوخشايدۇ

  • نامسىز3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاۋۇ بىرسى سەل قورقۇپقالغان چىراي مەھكەم ئولتۇرۋاپتۇ

  • 183******653 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالامەت يۈركى باركەن بۇلارنىڭ

  • 189******153 ھەپتە ئىلگىرى

    روسىيەلىكلەر بەك يامانكە ئىگىزدە رەسىمگە چۈشۈشكە

  • ئابدىرەيىمجان3 ھەپتە ئىلگىرى

    قالتىس بالىلاركەن .
    جۈرئەت يۈرەك دىگەنمۇ بايەدە با ھە ،، ئىسىل.

  • تاركان3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئۈچ بۇرادەر يولداشلارغا بەكلا ھەۋسىم كەلدى جۇمۇ ئالامەت تەۋەككۈلچى باللكەن بۇلا شاش

  • سۈرخان3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇ رەسىمنى سامسوڭدا تارتىپتۇ بىراق ئۇلارنى تېپىپ قاتتىق جازالاش كىرەك بۇلۇپمۇ ئاشۇ بىنانىڭ مەسئۇلىنى مىنىڭمۇ ئاشۇيەردە باردەك قىياس قىلسام تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى

  • ساتتار3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ دىگەن جاسارەت ، شۇ شۇ شۇ شۇ شۇشۇشۇ

  • يامغۇر3 ھەپتە ئىلگىرى

    نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق.85قەۋەت خېلى بارغۇ.مەن 85قەۋەت ئەمەس 15قەۋەتكىمۇ يۈرەكلىك چىقەلمايمەن

  • يامغۇر3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇلار جېنىدىن تويغان نوچىلارمۇ نېمە؟شۇنداق ئېگىزگە چىققان بارمۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号