باش بەت

نۇسرەتگۈل

6490يوللانما
54مەستانە

جۇڭگودىكى 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «ئەڭ چوڭ باغچا» ئارانلا 5 يىل ئېچىلىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-02 22:08 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 2-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شاڭخەي شەھىرى جيادىڭ رايونى خۇاڭدۇ بازىرىغا جايلاشقان ئامېرىكا خىيالىي دۇنيا باغچىسىنى جۇڭگو بويىچە تۇنجى چوڭ تىپلىق باغچا دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ باغچا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا (1996-يىلى) تىجارەت باشلاپ، 2001-يىلى تاقالدى. تۇنجى قېتىمدا باغچا رايونىنىڭ تەخمىنەن 330 مىڭ كىۋادرات مېتىرى ئېچىلغان بولۇپ،300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغانىدى.

باغچا تاقالغاندىن كېيىن كۆپ قىسىم ئەسلىھەلەر پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىلمىگەنلىكتىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چىرىپ، دالىدا كۆڭۈل ئاچقۇچىلارنىڭ «تاماشا سورۇنى»غا ئايلاندى. كېيىنچە بۇ جاينى سەنئەتكارلار، فوتوگرافلىق ھەۋەسكارلىرى، جەڭ ئويۇنى مەستانىلىرى، «ئەرۋاھ» ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى پات-پات زىيارەت قىلىپ، خېلى جانلاندۇردى.

ھازىر تورلاردا شاڭخەيدىكى مەنزىرە رايونلىرى تونۇشتۇرۇلغاندا بۇ باغچىنىڭ ئېلانىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ: «بۇ بىر چىراغلار چاقناپ تۇرغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل باغچا. ھەرقانداق ساياھەتچى بۇ باغچىدا بىر كۈنىنى خۇشال ئۆتكۈزەلەيدۇ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئارام ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە ئارام ئالالايدۇ».

ئىگىلىنىشىچە،بۇ باغچا ئۇزۇن ئۆتمەي رەسمىي چېقىلىدىكەن.

بۇ باغچا كېيىنچە كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇلار، كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئۆيلەر ۋە ئادەتتىكى دۇكانلار سېلىنغان چوڭ تىپلىق قورو بولۇپ قالىدىكەن.

قىزىقارلىق يېرى، بۇ «جۇڭگودىكى 1-باغچا» شاڭخەي مېتروسى 11-لىنىيەسىنىڭ باشلىنىش ئورنىدا بولۇپ، 2016-يىلى 6-ئايدا تىجارەت باشلىغان شاڭخەي دىسنېي باغچىسى ئىدى.

باغچىدىكى قۇرۇلۇشلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرىپ قالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىلىمەن ساغلاملىق تورى www.biliman.cn2 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمىشقا تاقىلىپ قاپتۇ…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号