باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1234يوللانما
499مەستانە

بۈگۈنكى تورلاشقان دەۋردىكى 10 چوڭ رەھىمسىز جازا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-02 21:30 11 ئىنكاس چۈشتى




ئون رەھىمسىز جازا بولسا جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى رەھىمسىز تەن جازاسىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ئاشۇ دەۋردە قانۇن ئىشلىتىپ قورقۇتۇش ۋاستىسى سۈتىپىدە ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات، ئاساسلىقى مەزمۇنى تېرىسىنى شۈلىۋېلىش، بېلىدىن چېپىش، پارچىلاپ ئۆلتۈرۈش، پارە-پارە قىلىپ ئۆلتۈرۈش، بوغۇپ ئۆلتۈرۈش، پىشۇرۇپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە پارە-پارە قىلىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى ئەڭ رەھىمسىز جازادۇر.

بىراق تارىخنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئادىمىيلىككە مۇخالىپ جازالاشلارمۇ تارىخقا ئايلاندى. ۋاقىت ئوقى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈننى ياراتتى، ھەممەيلەن ئاللىقاچان كۆچمە ئۇچۇر ئالاقە تورى دەۋرىگە قەدەم باستۇق. ئۇنداقتا كۆچمە ئۇچۇر ئالاقە تورى دەۋرىدە بۇ دەۋرگە تەۋە رەھىمسىز جازا يوقمۇ؟


تۆۋەندىكىسى ئۇچۇر ئالاقە تورى دەۋرىدىكى ئون چوڭ رەھىمسىز جازا:

1. يانفوننى ئۇنتۇلۇپ قېلىش

 ئالاقە تور دەۋرىدىكى ئون چوڭ رەھىمسىز جازانىڭ بىرىنچىسى يانفوننى ئۇنتۇلۇپ قېلىش.

پۈتۈن كۈن يانفونىڭىزنى ئۇنتۇلۇپ قالمىسىڭىزمۇ، ئەمما بىر قىسىم ۋاقىتلاردا يانفونىڭىزنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش ناھايىتى ئازابلىق. مەسلەن دوستلىرىڭىز بىلەن يىغىلغاندا يانفونىڭىزنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش.

2. سىمسىز تور wifi غا ئۇلىيالماسلىق

3. ئېقىم مىقدارى يېتىشمەسلىك

ھەر قېتىم ئاي ئاخىرىغا بارغاندا ئېقىم مىقدارى يېتىشمەسلىك ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدۇ.

 

4. مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش

ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ ئازاب ئاكونت نومۇرىنى ئېسىدە تۇتۇش مەخپىي نومۇرىنى ئېسىدە تۇتالماسلىق.

 

5. يىغىلغاندا يانفون ئوينىغۇزماسلىق

يىغىلغاندا يانفون ئوينىغۇزماسلىق رەھىمسىز جازانىڭ بىرى. يىغىلىش ۋاقتى قاچان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نۇرغۇن كىشى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىلگىرىكى تۇنجى ئىش چىش چوتكىلاشتىن يانفون ئويناشقا ئۆزگەردى.

6. قىزلارنى ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشتىن توختىتىش

ناۋادا قىزلارنى ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشتىن توخىتىپ قويسىڭىز يېرىم كۈن تۇتۇلۇپ قالىدۇ.

7. ئاتا-ئانا ئۈندىدار ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش

ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى دوستلار چەمبىرىكىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۈندىدارىڭىزنى ئاچسىڭىزلا بەزىدە ھۇجۇمغا ئۇچرايسىز، بەزىدە ئازابلىق سۆزلەر قالدۇرۇلىدۇ، ئاتا-ئانىڭىز ھال ئەھۋال سوراپ تەسەللىي بەرگەندە چىداپ تۇرالماي ئۆچۈرۋەتكۈڭىز كېلىدۇ.

 

8. wifi مەخپىي شىفىرى بەك مۇرەككەپ بولۇش

سىمسىز تور wifi غا ئۇلىيالماسلىق ئىنتايىن ئازابلىق، wifi مەخپى نومۇرىنى توغرا كىرگۈزەلمەسلىك تېخىمۇ ئازابلىق، يەتتە-سەككىز قېتىم سىناپمۇ توغرا كىرگۈزەلمىسىڭىز تېخىمۇ ئازابلىق.

 

9. APP نى ئۆچۈرۋېتەلمەسلىك

بارلىق يانفونلاردا دېگۈدەك ئالدىن قاچىلانغان ناھايىتى كۆپلىگەن ئەپ بار، ئەمما ھامان سىز بىر قىسىم ئەپلەرنى ئىشلىتەلمەيسىز، ھەتتا بىر قىسىم ئەپلەرنى كۆرۈپ يىرگىنىش ھېس قىلىسىز، ئەمما سىز بۇ ئەپلەرنى ئۆچۈرۋېتەلمەيسىز، شۇڭا ھەتتا بۇ يانفوننى تاشلىۋەتكۈڭىز كېلىپ ئىچىڭىز تىتىلدايدۇ.

 

10. توردا مال سېتىۋالغاندىن كېيىن تېز يوللانمىنى ساقلاپ تۇرالماسلىق

توردا مال سېتىۋالغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بولسا تېز يوللانمىنى تاپشۇرىۋالغان ۋاقىت، توردا مال سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەڭ قايغۇرىدىغان ۋاقىت تېز يوللانمىنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ كېتىشىدىن ئىبارەت.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بەخت3 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە يانفۇننى ئۇنتۇپ قالىمىز ، يانفۇن ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ دىسەك توغرا بۇلىدىغۇ دەيمەن ،
    بەك قىزىقارلىق مەزمۇنكەن

  • تىمتاس3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن تىلفۇننى ئۇنتۇپ قالسام، ئاندىن مەن تىلفۇن ئوينىغاندا بىرسى قارۋالسا بەك جىلە بولىمەن ، گەرچە يانفۇنۇمدا مەخپىيەتلىك بولمىسمۇ شۇنداق ، باشقىسى بىلەن كارىم يوق

  • 139******403 ھەپتە ئىلگىرى

    راسلا ئەمىليەتكە بىرلەشتۇرۇپ

  • 133******423 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇنداق ھازىرقى جەمىيەت دەل مۇشۇنداق بۇلۇپ كەتتى،

  • كونۇپكا پالۋىنى:ھالاكەت ئارخىپى3 ھەپتە ئىلگىرى

    راستلا ئادەمنى روھىي جەھەتتىن ئازابلايدىغان ئىشلاركەن……
    بۇنداق بولۇشىنى كىم ئويلىغان ……

  • كەپتەر3 ھەپتە ئىلگىرى

    ناھايتېياخشسيلپتۇ

  • alma3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك توغرا ئپىدىلەپتۇ

  • Prince3 ھەپتە ئىلگىرى

    قالتىس بەلەن راس گەپلەر كەن بۇ

  • 155******493 ھەپتە ئىلگىرى

    يېڭىلاش،ئاستا نىمىشقا تىز يېڭىلانمايدىكەن

  • بىلىمخۇر3 ھەپتە ئىلگىرى

    راست ،راست بۇ يانفۇن كىسلى بۇغانلار ئۇچرايدىغان جازالار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号