باش بەت

ئىدىقۇت887

6487يوللانما
8مەستانە

تىرامپنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى مائاش تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەكچى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-03 11:20 2 ئىنكاس چۈشتى

تىرامپنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى كەيس شىللېر  (Keith Schiller)

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 20 يىل بولاي دېگەن باش قوغدىغۇچى كەيس شىللېر  (Keith Schiller) خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرمەكچى بولۇۋاتقانىكەن. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەيس تىرامپنىڭ ئەڭ سادىق شۇنداقلا تىرامپنىڭ ئەڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيىسى خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپنىڭ 18 يىللىق قوغدىغۇچىسى بولغان، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاق ساراي زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان كەيس شىللېر مائاش سەۋەبىدىن يېقىندا ئاق سارايدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانىكەن.

كەيس شىللېر نىيۇيوركتا تۇغۇلغان بولۇپ، تىرامپنىڭ يۇرتدىشى. بوي ئېگىزلىكى 1.9 مېتىر كېلىدىغان كەيس ئىلگىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن  نىيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەشكە باشلىغان. كەيس 1999-يىلى ساقچى ئىدارىسىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشتىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق تىرامپقا قوشۇمچە قوغدىغۇچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا تىرامپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ئۆستۈرۈلگەن. 2005-يىلى تىرامپنىڭ  مەخسۇس قوغدىغۇچىسى بولۇپ قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

تىرامپ سودا ساھەسىدىكى ماگناتتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نامزاتى شۇنداقلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا ئايلانغۇچە بولغان سالاھىيەت ئۆزگىرىشى جەريانىدا، كەيس شىللېر تىرامپنى قوغداش ۋەزىپىسىنى باش تارتماي بىجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلىپ كەلگەن، كەيس تىرامپنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنىڭ باشقا ئىشلىرىنىمۇ بېجىرىپ ھەل قىلىپ بەرگەن. تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رىقابەت سايلىمىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە، كەيس شىللېر تىرامپنىڭ ئورنىدا «چاتاق تېرىغۇچى» مۇخبىرنى ئۇرۇپ قوغلىۋەتكەن شۇنداقلا تىرامپقا قارشى تۇرغۇچىلارنى ئۇرغانلىقى سەۋەبىدىن سوتقا ئەرز قىلىنغان.

تىرامپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ ئاق سارايغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى مەسئۇل بولۇشقا باشلىغان. كەيس شىللېر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «ئىللىپىسسىمان ئىشخانا پائالىيەت مۇدىرى» بولۇپ تەيىنلەنگەن، ئۇنىڭ ئىشخانىسى زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ئىشخانىسىغا يانداش بولۇپ، ئۇ يەنىلا تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلگەن. تىرامپ بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جامېس كومىينى ۋەزىپىسىدىن بوشاتقاندا، كەيس شىللېر فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە بېرىپ جامېس كومىيغا تىرامپنىڭ «بۇيرۇقى» نى يەتكۈزگەن.

 ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيىسى خەۋەر تورىنىڭ نۇرغۇن خەۋەرچى زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، كەيس شىللېر ئۆتكەن ھەپتىدە باشقا خىزمەتداشلىرىغا ئۆزىنىڭ 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ھازىرقى مائاشىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىكەن.

كەيس شىللېر تىرامپقا ئەگىشىپ ئاق سارايغا كىرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن يىللىق مائاشى 165 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( يەنە تەخمىنەن 1 مىليون 80 مىڭ يۈەنگە تەڭ) قىلىپ بەلگىلەنگەن. لېكىن كەيس شىللېر ئاق سارايغا كىرىپ ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئىلگىرى تىرامپ گۇرۇھىنىڭ خادىمى، تىرامپنىڭ خاس قوغدىغۇچىسى شۇنداقلا مەلۇم قوغدىغۇچىلار شىركىتىنىڭ غوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىللىق كىرىمى 294 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 1 مىليون 920 مىڭ يۈەنگە تەڭ)  غا يەتكەنىدى.

لېكىن يەنە بەزى خەۋەرچى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، كەيس شىللېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بېرىشىنىڭ يەنە  بىر سەۋەبى بولسا جون كېللىي (John Kelly) ئاق ساراي ئىشخانا مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تىرامپ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئەركىنلىكىگە چەك قويغان. كەيس ئاغرىنىپ ئۆزىنىڭ تىرامپ بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشمەكچى بولسا چوقۇم ئاق ساراي باش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئاندىن تىرامپ ئىشخانىسىنىڭ تېلىفونىغا ئۇلىنىپ تىرامپ بىلەن تېلىفونلىشالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كەيس شىللېر ئۆزىنىڭ ئاق سارايدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بېرىش ئويىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلغان بولۇپ، لېكىن ئاق ساراي باياناتچىسى سارا ساندېس بۇ ئۇچۇرنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ مەسلىنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا مۇنازىرىلىشىشنى رەت قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • SeLaM…BeeG2 ھەپتە ئىلگىرى

    ساراڭ ئەبلەخمۇ نېمە بۇ؟جىقراق بەرسىمۇ بولىدۇ.

  • رەجەپ توپاق2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالجىغان بۇ قېرى ئەڭ ئاخىردا يالغۇز قېلىپ نىرۋا كىسلى بۇلىدۇ چۇقۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号