باش بەت

ئىدىقۇت887

6840يوللانما
11مەستانە

تىرامپ ئەر-ئايال تېكساستىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا قاچىلىق تاماق تارقىتىپ بەردى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-03 13:34 8 ئىنكاس چۈشتى

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى خىيۇستون، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن خانىمى مېلانىيا تېكساس شىتاتىغا بېرىپ بوران-چاپقۇن ئاپىتىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى، تىرامپ ئەر-ئايال ئاپەت رايونىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا قاچىلىق تاماق تارقىتىپ بېرىپ ھال سورىدى.

بۇ تىرامپنىڭ «خارۋېي» ناملىق بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن بېرى 2-قېتىم تېكساس شىتاتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى بولۇپ، ئۇ سەپىرىدە يەنە لۇيىزاننا شىتاتىغا بېرىپ ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرامپ يەنە ئامېرىكا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ تېكساس شىتاتى ۋە لۇيىزاننا شىتاتىدىكى ئاپەتنى يېنىكلىتىش شۇنداقلا ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مالىيە مەبلىغى ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

نۆۋەتتە بوران-چاپقۇن ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە بىر مىليوندىن كۆپرەك ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 50 ئادەم قازا قىلغانىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • شوخسەنەم 8862 ئاي ئىلگىرى

    زۇڭتۇڭ بولغانكىن ئاپەتكە ئۇچۇرغانلارنى يوقلاش ئۇنىڭ مەجبۇريىتى ھەم مەسئۇليىتى مەنچە

  • ئۆركەش2 ئاي ئىلگىرى

    ئىككى تاشنىڭ ئارلىغىدا چوكانلار بىلەن ئۆز تارتىم ئويناشقا ئۈلگۈرۈپتۇ بۇ بوۋاي..

  • 176******922 ئاي ئىلگىرى

    ماڭىمۇ تاقىتىپ بەگەن بولسا

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    مانا بۇ ئامېركا. ئامېركىنىڭ بىز ھېس قىلالمايدىغان تەرىپى.

  • تەشنا2 ئاي ئىلگىرى

    تىرامىپ مەن ئويلىغاندەك ئەمەسمۇ نىمە

  • يارىش2 ئاي ئىلگىرى

    بوپ قالدۇ بۇ ئادەم ئۇنى بۇنى دەپ قويغان بىلەن

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تىراممىپنىڭ قىلغان تۇنجى ياخشى ئىشى بۇلىشى مۇمكىن يارايسەن

  • 147******632 ئاي ئىلگىرى

    يارايسىز تىرامىپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号