باش بەت

ئىدىقۇت887

6850يوللانما
11مەستانە

ئۈندىدار ئابونتلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغان «ئۇششاق مەشغۇلاتلار»

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-03 17:45 6 ئىنكاس چۈشتى

نۆۋەتتە ئۈندىداردىن ئىبارەت ئالاقە سۇپىسى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، لېكىن ئۈندىدار ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىك مەسلىسى يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، ئۇلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتماقتا. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئۈندىدار ئابونتلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغان «ئۇششاق مەشغۇلاتلار»غا قاراپ باقايلى.

1-خەتەرلىك مەشغۇلات: «قىزىل بولاق»نى كۆرسىلا ئالماقچى بولۇش


دېلو مىسالى: چېڭ خانىم ئىسىملىك تورداشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئۈندىداردا «قىزىل بولاق» تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، چېڭ خانىم قارىماققا نورمال ئۈندىدار قىزىل بولىقىغا ئوپمۇ-ئوخشاش كەلگەن بۇ «قىزىل بولاق»نى چەككەندىن كېيىن «قىزىل بولاق» دەرھال تور بەتكە ئۆزگەرگەن ھەم تور بەت يۈزىدە چېڭ خانىمنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. چېڭ خانىم تور بەتتە كۆرسىتىلگەن تەلەپ بويىچە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرغان ھەم ئۈندىدار پۇلدانىنىڭ ھەق تۆلەش شىفىرىنى كىرگۈزگەن. چېڭ خانىم يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ «قىزىل بولاق»نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يانفونىغا ئۈندىدار پۇلدانىدىكى قالدۇق پۇللارنىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا قىسقا ئۇچۇر كەلگەن.

دېلو تەھلىلى: بىز بەزى چاغلاردا بىر قىسىم ناتونۇش ئۈندىدار توپلىرىدا ئۈندىدار قىزىل بولىقىغا ئوخشايدىغان دېئالوگلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز، بەزى كىشىلەر بۇ خىل ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن بىتاقەتلىك بىلەن «قىزىل بولاق»نى ئېچىپ ئىچىدىكى «پۇل»نى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولىدۇ. بۇ خىل «بولاق»لار قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ باشقىلارنى قارماققا ئىلىندۇرۇشتىكى «يەمچۈكى» بولۇپ، سىز بۇ «قىزىل بولاق»نى چېكىپ قويسىڭىزلا يانفونىڭىز «قىزىل بولاق ۋىرۇسى»دىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

بۇ خىل «قىزىل بولاق»نىڭ لايىھە يۈزى ئادەتتىكى نورمال ئۈندىدار قىزىل بولىقىغا ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، سىز بۇ «قىزىل بولاق»نى چەككەندىن كېيىن سىزدىن يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، سىز تەلەپ قىلىنغان تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن يانفونىڭىزغا سىزمۇ ئۇقىمىغان ھالدا ياغاچ ئات ۋىرۇسى قاچىلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ياغاچ ئات ۋىرۇسى يانفونىڭىزدىكى ئالاقىلىشى تېلىفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك ھالدا ئوغرىلاپ، ۋىرۇسلانغان يانفون نومۇرىڭىزغا تەقلىد قىلىپ قارشى تەرەپكە «قىزىل بولاق ۋىرۇسى» ئەۋەتىپ دوستلىرىڭىزنىمۇ مۇشۇ قىلتاققا دەسسىتىدۇ. ناۋادا بۇ خىل «قىزىل بولاق»نى تاپشۇرۇۋالغۇچى بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرسىلا، بۇ ۋىرۇس دەرھال قارشى تەرەپنىڭ بانكا كارتىسىدىكى ئېشىنچا پۇللارنى يۆتكەپ كېتىدۇ.

ئۈندىداردىكى قىزىل بولاققا نىسبەتەن چوقۇم قىزىل بولاق ئۇلىنىشىنىڭ 3-تەرەپنىڭ ياكى ئۈندىدار ئورگان تەرەپنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر، ناۋادا ئۇلىنىش بېتى 3-تەرەپنىڭ بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل ساختا قىزىل بولاقتىن چوقۇم ھوشيار بولۇش لازىم.

2-خەتەرلىك مەشغۇلات: «ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاش» ئۇچۇرىغا ئىشىنىپ قېلىش

دېلو مىسالى: گو خانىم ئىسىملىك بىر تورداش توردا ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن، گو خانىمنىڭ ئۈندىداردىكى تورداشلىرىنىڭ سانى كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقسىز دېتالدىن پايدىلىنىپ ئۈندىداردىكى تورداشلىرىنى تازىلىماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن گو خانىم باشقا دوستى بەرگەن «ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاش» دېتالىنىڭ ئىككىلىك كودى ئارقىلىق «خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى»نى قوشقان ھەم قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدىكى جەسەتلەرنى تازىلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. تەخمىنەن 10 مىنۇتلاردىن كېيىن گو خانىمنىڭ ئۈندىدارىدىكى ئۆزىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بارلىق تورداشلىرىنىڭ ھەممىسىگە بەلگە قويۇلۇپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، گو خانىم ئۆزىنىڭ دوستىدىن كەلگەن تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالغان. گو خانىمنىڭ دوستى ئۇنىڭغا  ئۆزىنىڭ نەچچە مىنۇت ئىلگىرى ئۈندىداردا پۇل ئەۋەتىپ بېرىشى شۇنداقلا يانفون ھەققى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. گو خانىم شۇ چاغدىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ «ھەقسىز جەسەت تازىلاپ بېرىش» دېتالىغا ئىشىنىپ كېتىپ تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان.

دېلو تەھلىلى: «ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى ھەقسىز تازىلاپ بېرىش» دېتالى ئەمەلىيەتتە سىز تەلەپ بويىچە ئۇچۇرلارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۈندىدار نومۇرىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىدىغان، ئۈندىداردىكى تورداشلىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلايدىغان ياكى يانفونىڭىزغا ۋىرۇس يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدىغان ئالدامچىلىق دېتالى بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ئۈندىداردىكى جەسەتلەرنى تازىلىۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدىكى ئۇچۇرلارنى توپ يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىز ئۇچۇرلارنى توپ تارقاتسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا مەشغۇلات قىلغاندا ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ قويۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە.

3-خەتەرلىك مەشغۇلات: ناتونۇش ئىككىلىك كودلارنى خالىغانچە سىكاننىرلاش

دېلو مىسالى: يۈ فامىلىلىك شەھەر ئاھالىسى شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا بىر ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى «تاۋباۋ تور دۇكىنى غوجايىنى» دەۋالغان بولۇپ، قارشى تەرەپ يۈ ئەپەندىنىڭ يېقىندا تور دۇكىنىدىن  بىر جۈپ راھەت ئايىغى سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقىنى سورىغان، يۈ ئەپەندى ھەقىقەتەن يېقىندا تور دۇكىنىدىن بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋالغانىدى. كەينىدىن قارشى تەرەپ ناھايىتى ئوڭايسىز تەلەپپۇزدا يۈ ئەپەندىدىن ئۆزلىرىنىڭ 3-تەرەپ ئارقىلىق بۇ ئاياغلاردا سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى، شۇڭا يۈ ئەپەندىگە «ھەسسىلەپ پۇل قايتۇرۇپ بەرمەكچى» بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

يۈ ئەپەندى قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇۋالغان ھەم قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلىغان. سېستىما ئۇچۇرىدا مەشغۇلاتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يۈ ئەپەندى تېخى «ھەسسىلەپ قايتۇرۇلغان» پۇلنى تاپشۇرۇۋالمايلا، يۈ ئەپەندىنىڭ كارتىسىدىن 10 مىڭ يۈەن پۇل يۆتكەپ كېتىلگەن، يۈ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالدامچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا قارشى تەرەپ ئۇنى ئاللىقاچان «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈپ ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى.

دېلو تەھلىلى: مەزكۇر دېلونى بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، بىرىنچىدىن، يۈ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرىكى تور سودا ئۇچۇرى يۈ ئەپەندى خەۋەرسىز ئەھۋالدا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولۇشى شۇنداقلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئىككىنچىدىن، قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئىككىلىك كود ئەمەلىيەتتە «قارماققا ئىلىندۈرۈش كودى» بولۇپ، پۇل قايتۇرۇش ئىككىلىك كودى بولماستىن، بەلكى ھەق تۆلەش ئىككىلىك كودى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، قارشى تەرەپ يۈ ئەپەندىگە ئالدىن شېرىن-شېكەر گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، يۈ ئەپەندى بۇ ئىككىلىك كودنىڭ پۇل قايتۇرۇش كودى ئىكەنلىكىگە قاتتىق ئىشىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈ ئەپەندى ئۈندىداردىكى كۈندىلىك ھېسابات چېكىگە قارىتا ھېچقانداق چەك قويمىغانلىقى ئۈچۈن، قارشى تەرەپ يۈ ئەپەندىنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغان بانكا كارتىسىدىن 10 مىڭ يۈەن پۇلنى يۆتكەپ كەتكەن. ساقچىلار يەنە كەڭ تور ئابۇنتلىرىنىڭ ئۈندىدارغا باغلانغان بانكا كارتىسىدىكى پۇللارنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن يۆتكەپ كېتىلىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدىن باشقا، يەنە بانكا ئىناۋەتلىك كارتىىسنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش، تور ۋە يانفون ئويۇنى ھېسابات نومۇرىنى سېتىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يەمچۈك قىلغان ھالدا ئىككىلىك كود ئەۋەتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارغا باغلانغان بانكا كارتىسىدىكى پۇللارنى يۆتكەپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا كوچىلاردىكى، شۇنداقلا باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى، توردىكى ناتونۇش ئىككىلىك كودنى ھەرگىز خالىغانچە سىكاننىرلاپ سالماڭ!

4-خەتەرلىك مەشغۇلات: ناتونۇش «سەتەڭ»لەرنى خالىغانچە ئۈندىدارغا قوشۇۋىلىش

دېلو مىسالى: ۋاڭ فامىلىلىك تورداش 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، لېكىن ھازىرغىچە بويتاق يۈرەتتى، ئۇ توساتتىنلا ئۈندىداردا بىر «سەتەڭ» قىزنىڭ ئۆزىنى قوشۇۋالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، «تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن چېغى» دەپ ئويلىغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپ ۋاڭ فامىلىلىك ئەرنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ كەتكەن.

دېلو تەھلىلى: ئۈندىداردا بەزى چاغلاردا ناتونۇش «سەتەڭ»لەرنىڭ قوشۇۋىلىش ئۇچۇرى ئۇچراپ قالىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ خىل ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارغا قوشۇۋېلىش ئىلتىماسىغا قوشۇلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ قىلتاق ئىكەنلىكى ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.

سىزنى ئۈندىدارغا قوشۇۋالماقچى بولغان بۇ «سەتەڭ»لەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇل جۇغلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋەكالەتچىسى بولۇشى ياكى ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا سىزگە پۇل تۆلەش تور ئۇلانمىسى ئەۋەتىشى ۋە ياكى سىز  بىلەن يالغاندىن قىز دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق پۇل-مېلىڭىزنى ئالداپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.


5-خەتەرلىك مەشغۇلات: ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ ھەقسىز «سۆزلىشىش ھەققى، تور ئېقىم مىقدارى»غا ئېرىشمەكچى بولۇش

دېلو مىسالى: يۈننەن ئۆلكىلىك تور ساقچىلىرى يېقىندا توردا چارلاش جەريانىدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «پائالىيەت: تېلىفون سۆزلىشىش ھەققىنى خالىغانچە سوۋغا قىلىش پائالىيىتى: مەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ xx يۈەن پۇل ئېلىۋالدىم، كۆپچىلىك تېزدىن پائالىيەتكە قاتنىشىپ پۇل ئېلىۋىلىڭلار» دېگەن ئۇچۇر تارقالغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان، لېكىن كىشىلەر پائالىيەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇلانمىنى چەككەندىن كېيىن ھەقسىز تېلىفون سۆزلىشىش ھەققى ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالماستىن، ئەكسىچە «پائالىيەت ئۇچۇرى: بۇ ئۇچۇرنى دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ تارقاتسىڭىز دەرھال ھەقسىز سۆزلىشىش ھەققىگە ئېرىشەلەيسىز» دېگەن خەت يېزىلغان بەت يۈزى پەيدا بولغان، تورداشلار باشقا ئۈندىداردا تورغا چىقىپ يۇقىرىقى ئۇلانمىنى چەككەندىن كېيىن يەنە ئوخشاشلا مۇشۇ خىل مەزمۇن كۆرۈنگەن. ئەگەر سىز مۇشۇ يەردە بولدى قىلماستىن، ئەكسىچە يەنە داۋاملىق مەشغۇلات قىلىپ بۇ ئۇچۇرنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ تارقاتسىڭىز، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولىسىز.

دېلو تەھلىلى: بۇ خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدا «ھەقسىز» دېگەننى باھانە قىلىپ، يانفون سۆزلىشىش ھەققى، تور ئېقىم مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تارقىتىش باھانىسىدە كۆپچىلىكنى ئالداپ ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىغا ئەزا قىلدۇرۇپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتكۈزۈپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئاندىن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزنى تېلىگراف ئالدامچىلىقى ياكى شاخلىتىپ سېتىش قىلتىقىغا دەسسىتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سالى0332 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ قالايمىقان تور ئادرىس قىزىل بولاقلارنى قالايمىقان باسماڭلار

  • 137******362 ئاي ئىلگىرى

    راستىنلا دىققەت قىلايلى ناھاتى جايىدا ھەم ۋاقتىدايوللۇنۇپتۇ

  • جېلىل《جۇپ قول》2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك ئېشنىپ كەتمەيمەن بۇنداق يالغان ئۇچۇرلارغا ئۇندىدار تۇپلىرىغا قارايدىغان بۇلسا ۋاي نېمە دەي بۇلارنېڭ شېرىن شېكەر گەپلىرى،
    لېكىن مەنمۇ ئۇندىار ئۇينايمەن دەسلەپتە مەنمۇ راس ئۇخشايدۇ دەپ بېرەر قېزىل بۇلاق پاليتى دەمدۇ شۇنداق ئۇچۇرلار كەپ قالسا كارىم يۇق يۇريمەن تېخى 3تۇپقا يۇللاپ ۋە دۇسلا چەمبېرىكىگە چېقرىڭ دىيشلىرىچۇ

  • koz5202 ئاي ئىلگىرى

    كۆپچىلىك ئەمدىغۇ دىققەت قىلدىغان قىلتاققا چۈشمەس بۇلارسىلەر ئېنىق دەپتىغۇ مانا، ھەممە ئادەم ئاسان پۇل تېپىشنىڭ كويىدا يۈرۋاتقان بۇ زاماندا بۇنداق ئىشقا يولۇقۇش بەك خەتەرلىك.

  • تۇرغۇنجان تەنھا2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ئۇندىدار توڭلاپ قالسا شۇنى ئوڭشاش توغۇرلۇق بىرەر ماتىريال يوللىغان بولساڭلا

  • 181******202 ئاي ئىلگىرى

    ئوۋ دىققەت قىلساق بولغۇدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号