باش بەت

رۇشەن

2685يوللانما
115مەستانە

تېسلا Model S ئاپتوموبىلى ئىككى يىلدا 480 مىڭ كىلومېتىر يول يۈردى، 60 مىڭ دوللار يېقىلغۇ تېجىدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-04 17:06 4 ئىنكاس چۈشتى

Techweb تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر دانە تېسلا Model S ئاپتوموبىلى ئۆتكەن 2 يىل ئىچىدە 480 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەن، ئۇنىڭ چىقىمىنى يېقىلغۇ مايلىق ئاپتوموبىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن تۆۋەن بولغان. سۈرەتتە: تېسلا Model S ئاپتوموبىلى

بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئامېرىكا Tesloop ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتى ئېلان قىلغان، ئۇلار كالىفورنىيە ئىشتاتىدا مەخسۇس تېسلانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ئىجارە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ شىركەت 2015-يىلى تېسلا Model S ئاپتوموبىلىنى كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر دانىسىنىڭ يۈرۈش مۇساپىسى يېقىندا 300 مىڭ مىل (تەخمىنەن 480 مىڭ كىلومېتىر)غا يەتكەن، لېكىن رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەرپ قىلغان چىقىمى ئاران 10 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

Tesloop شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر يېقىلغۇ مايلىق ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش مۇساپىسى 300 مىڭ كىلومېتىرغا يەتسە، يېقىلغۇ ۋە رېمونت قىلىش جەھەتتىكى خىراجىتى 70 مىڭدىن 86 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىكەن، بۇنى تېسلا Model S ئاپتوموبىلىنىڭ ئوخشاش يول يۈرۈش مۇساپىسىدىكى خىراجىتى ئاران 10 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقى سېلىشتۇرغاندا 59 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن 75 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغىچە تۆۋەن بولغان.

نۆۋەتتە تېسلانىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدىكى Model S ئاپتوموبىلىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىكى سېتىلىش باھاسى 69 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2 ۋاقىت ئىچىدە ئاز سەرپ قىلىنغان 59 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن 75 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولغان خىراجەت بىلەن ئاساسەن يەنە بىر دانە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

تېسلا Model S ئاپتوموبىلىنىڭ 10 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىلىق خىراجىتى ئىچىدە 6900 ئامېرىكا دوللىرى مۇقىم بولغان رېمونت قىلىش - ئاسراش خىراجىتى بولۇپ، 3500 دوللار چوڭقۇر سۇ رايونىدىن كېسىپ ئۆتكەندە چوڭ چىراغ زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى رېمونت ھەققى ئىكەن، ئەگەر چوڭ چىراغ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ 480 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەندىكى خىراجىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.

خىراجەتنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشىدىن باشقا، تېسلا Model Sنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش ۋاقتىنىڭ قىسقىلىقىدا بولۇپ، يول يۈرۈش مۇساپىسى 480 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتكەن 2 يىل ۋاقىت ئىچىدىكى رېمونتخانىدا تۇرغان ۋە ئاسرالغان ۋاقتى ئاران 12 كۈن ئىكەن، لېكىن يېقىلغۇ مايلىق ئاپتوموبىلنىڭ رېمونتخانىدا تۇرغان ۋە ئاسرالغان ۋاقتى 100 كۈندىن 112 كۈنگىچە بولىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كاپىتان4 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ تېما سەل پو پۇراپ قالدىمۇ قانداق ،بۇ ئىككى يىلدا 480مىڭ كىلومىتىر ماڭدى دىگەنلىك كۈندە 600 كىلومىتىردىن ئارتۇق يول ماڭدى دىگەنلىك بۇلىدىكەن ،شۇنداقتا بۇ ماشىنا بىر دەممۇ بىكار تۇرماي يول ماڭدى دىگەنلىك بۇنداق بولسا توك قاچىلاشقا قانداق ۋاقىت چىقتى ،مەن سەل ئىشىنەلمەي قالدىم جۇمۇ بۇ خەۋەرگە .

  • ئىزدەن4 ئاي ئىلگىرى

    نۇر توردىكى تەھرىرلە مۇشۇ ماشىننىڭ خەۋېرىگە باھاسىنمۇ قېتىپ قوۇساڭلا دەيمەن

  • 150******284 ئاي ئىلگىرى

    قاچان بىزگىمۇ موشۇ ماشىنلارنى ھەيدەش نىسىپ بولا،كىچىچە توكقا چىتىپ قويۇپ ئەتسى پوچى ھەيدەپ چىقىپ كەتسە ئادەم ،بىرخىل بولا ھە

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسى بەكيۇقۇرى ، بومىسا مەنمۇ ئالاتتىم . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن باھاسىمۇ چۈشۈپ قالا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号