باش بەت

رۇشەن

2494يوللانما
13مەستانە

ئېلون ماسك: سۈنئىي ئىدراك رىقابىتى 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-05 09:45 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېلون ماسكنىڭ سۈنئىي ئىدراك (AI) تەرەققىياتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىد سېلىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. ئۇ بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، يەر شارى AI مۇسابىقىسىنىڭ بەلكىم 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلون ماسكنىڭ يەنە بىر قېتىم AI توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى ئالدىنقى جۈمە كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ AI توغرىسىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇش بولۇپ، پۇتىن ئەينى ۋاقىتتا: «AIغا ئېرىشكەنلەر جاھان سورايدۇ، بۇ ساھەدە رەھبەرلىك قىلغۇچىغا ئايلىنالىغانغانلارنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئېلون ماسك دۈشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بارلىق دۆلەتلەر كومپيۇتېر ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ AIنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى بەلكىم 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

لېكىن، پۇتىنمۇ AIنىڭ تەرەققىياتى غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا نۆۋەتتە AI كەسپىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارىلىدۇ، گۇگول، مىكروسوفت ۋە ئالما قاتارلىق پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتە غايەت زور مەبلەغ سالدى. لېكىن كۇۋالكومنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر پارچە دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ AI تېخنىكىسى جەھەتتە ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىش ئىقتىدارى بارلىقى كۆرسىتىلدى.

AIنىڭ ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىشىنى «توسۇش» جەھەتتە، ئېلون ماسك ھەقىقەتەن بەك جىق كۆڭۈل بۆلدى.

ئېلون ماسكنىڭ قارىشىچە، AI دەۋرىدىكى ئۇرۇشنى بەلكىم مەلۇم دۆلەت رەھبىرى قوزغىماسلىقى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ھەممە نەرسە ئاپتوماتلاشتۇرۇلىدىكەن. يەنى ۋاقتى كەلگەندە AI ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا يىرىك پىلان ئىستىراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئالدىن قول سېلىش شەكلىدىكى ھۇجۇم قوزغايدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەنۋەر ئەركىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    پەن- تېخنىكا تەرەققى قىپ كەتسە ئىنسانلارغا رىقابەت ۋە بېسىم يۈكلىنىدۇ. باشقا چوڭ ئىش يوق

  • بوكىس ھەۋەسكارى2 ھەپتە ئىلگىرى

    جەمئىيەت نېڭ تەرەققىياتې يەل شارېمېزنېڭ ئۆمرېنې قسقار تېدۇ

  • نىيمار شاھ2 ھەپتە ئىلگىرى

    ماشىنا ئادەملەرنى تەرەققى قىلدۇرماسلىق كىرەك… ئاخىرلاشتۇرغۇچى دىگەن كىنو تىپىك مىسال بولالايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号