باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8742يوللانما
417مەستانە

بېلەت ھايانكەشلىكى قاتارلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-05 18:38 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكى پويىز بېلىتى سېتىلىشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، يولۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ياخشى بولغان بېلەت سېتىۋىلىش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۆمۈريول ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ساقچى تەرەپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12 دىن باشلاپ، ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان «كۈز شامىلى-2017» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بېلەت ھايانكەشلىكى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، تۆمۈريول تارماقلىرى 2-سېنتەبىردىن باشلاپ «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكى ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشنىڭ پويىز بېلىتى ئومۇميۈزلۈك سېتىلىدىكەن، بۇ يىل ئىككى بايرام ئارقا-ئارقىدىن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بەزى رايونلار، بەزى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ توشۇش ئىقتىدارىغا قارىتا كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن. بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ يۇقىرى باھادا بېلەت ھايانكەشلىكى قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى «ناتونۇش كىشىلەر»نى ۋەزىپىگە قويۇپ، نۇقتىلىق ۋوگزاللارغا قارىتا مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

مەنبە: خەلق تورى


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号