باش بەت

مەمەتجان

601يوللانما
4مەستانە

ئالما شىركىتى كېيىنكى نوكىيا بولۇپ قالامدۇ؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-05 22:16 23 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 4-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

iPhone ئۇدا ئۈچ يىل ئوخشاش بىر مودېل شەكلىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن ئىزچىل باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماي، سېتىلىشىمۇ كۈنسايىن ئاستىلاپ كەتتى، كىشىلەر ئالمىنى: «قىلدىن قېيىق كەتسە موللاق ئېتىپ چۈشىدىغان خەتەرلىك ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دېيىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ئاتامانى بولمىش سامسۇڭ يانفونى ئۆتكەن يىلى ئورنىدىن تۇرالمىغىلى تاسلا قالدى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئالمىنى نوكىياغا ئوخشاشلا يىقىلىدۇ دەپ قارايدۇ.

يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone پات ئارىدا قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ سۈنئىي ئىدراكلىق يانفون بازىرىدا داۋاملىق نۇر چاچىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئالمىنىڭ رىقابەتچىسى دەل ئۇنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئەۋلاد يانفونلىرى خالاس. ئالما نوكىياغا ئوخشاش يىقىلىشنى ناھايىتى خىيال قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. تۆۋەندە بىز نوكىيانىڭ قانداق يىقىلغىنىغا قاراپ باقايلى:

نوكىيانىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى دەل ئالما بىلەن ئاندىرويىدتا. 1-ئەۋلاد iPhoneنى جوبىس 2007-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلغاندا ئۇنىڭ ئۇدۇل يۈزىدە پەقەت بىر فىزىكىلىق HOME كۇنۇپكىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئاددىي ۋە ئىشلىتىش ئاسان كۆرۈنمە يۈزى، قالتىس سېزىمچان ئېلېكتر سىغىمىلىق سېزىمچان ئېكرانى ، شۇ يىللاردا ھەقىقىي بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلانغانىدى. يانفون ئاتامانى نوكىيانىڭ ئىشلەپچىقارغان يانفونلىرى بولسا ناھايىتى كۆپ فىزىكىلىق كۇنۇپكىلاردىن تەشكىل تاپقان، سېزىمچانلىقى ناچار ئېلېكتر قارشىلىقى سېزىمچان ئېكرانى سەپلەنگەن سايپان سۈنئىي ئىدراكلىق يانفونلىرى ئىدى. ئەينى چاغدا iPhoneنىڭ ناھايىتى كۆپ مۇستەقىل لايىھەلىگەن ئويۇنلىرى بار بولۇپ، بىر قىسىم ئويۇن ئوينىغۇچىلارنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىپ كەلگەن Sony ۋە Nintendo شىركەتلىرىنىڭ ئويۇن ماشىنىلىرىنى سېتۋېلىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا 2008-يىلى HTC,SUMSUNG,Sony Ericsson قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق سۈنئىي ئىدراك يانفون سىستېمىسى Windows Mobile دىن ۋاز كېچىپ، ئاندىرويىد لاگېرىغا كىرىپ، iPhoneغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردى، شۇنىڭدىن باشلاپ نوكىيا رىقابەتچى ھېسابلانمىدى. ھالبۇكى تۆۋەن باھالىق يانفون بازىرىنى بولسا MTK باشچىلىقىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن يورۇيدىغان، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاۋازلىق جۇڭگوچە ئوخشىتىپ ياسالغان يانفونلار مونوپول قىلىۋالدى.

نوكىيانىڭ سىمبىيان سىستېمىسى ئەسلىدە ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئىدى، لېكىن نوكىيادا ئەسلىي مەنبە كودى يوق ئىدى، شۇ سەۋەبتىن نوكىيانىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى يېزىشقا توغرا كېلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق يۇمشاق دېتاللار ناھايىتى ئاز. سىمبىيان سىستېمىسى دوست سودىگەرلەرگە ھەقسىز تەمىنلەنمەستىن بەلكى سامسۇڭ، سونىي ئېرىكسون قاتارلىق دوست سودىگەرلەردىن يۇقىرى سوممىلىق پاتېنت خىراجىتىنى ئالىدۇ. ۋەھالەنكى، 2008-يىلى ئاندرويد ئەسلىي مەنبە كودىنى ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ھەمدە ھەر قايسى زاۋۇتلارنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن ھەر قايسى دوست سودىگەرلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز ئۆرۈپ، ئاندىرويىد لاگېرىغا قېتىلىپ نوكىيا يەككە-يېگانە قالدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا سايپان يانفونلىرى تېخنىكا جەھەتتە ئارقىدا قالغان بولۇپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېكران ۋە ئېلېكتر سىغىملىق ئېكرانلارنى قوللىمايدۇ. نوكىيا ئۆزىنىڭ ماركا قىممىتىنى خاتا ھالدا يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويۇپ، ئاندىرويىد سىستېمىسىغا يۈزلىنىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قۇرۇپ چىققان يانفون ئىمپېرىيىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالما ۋە سامسۇڭ قاتارلىق ھەر قايسى چوڭ زاۋۇت تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىندى. نوكىيا ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن چاغدا بولسا، ئاللىقاچان ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەنىدى. 

نوكىيا بىر قېتىم مەغلۇب بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قۇتقۇزغۇچىسىنى خاتا تاللاپ قالدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نوكىيانىڭ مىكرو سوفت كولىغان ئازگالدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئوڭشاش ئۈمىدىمۇ يوققا چىقتى.

ئەمما نوكىيا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2010 -يىلى جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ يەر شارى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار يىللىق يىغىندا 4-ئەۋلاد iPhoneنى ئېلان قىلدى، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئالدى ئەينەك ۋە داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئارقا قاپقىقىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، بازاردىكى بارلىق ئاندىرويىد يانفونلىرىدىن ھالقىپ كەتتى.

يىغىپ ئېيتقانداق iPhone 8نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل ۋە پارلاق بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نۇرلان2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەممىسى ئەخلەت خاشۇ ئەينەك بىرى ئالمىنىڭ پايچىكىدەك يەنە بىر ى شىياۋمى سامسۇڭ لانىڭ پايچىدەك قىپ كىتىدىكەن

  • مېھمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالىمنىڭ جوڭگو بازرىدىكى سېتلىشى تۆۋەنلەپ كەتكەن بىلەنلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئورنىنى تۆۋەنلەپ كەتتى دىيىشكە بولمايدۇ ،ئالما ئۇنچە تىز زاۋالىققا يۈزلەنمەيدۇ ،نوكىيامۇ چوقۇم قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ

  • GILA2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھېي باللا مەيلى نوكىيا ياكى ئالما بولسۇن

    بۇيەردىكى سۆكۈپ تىكەرلەرنىڭ نەچچىڭلا بۇ يىل ئىلانقىلغان بايراقدار يانفۇننى سېتىۋالىدىڭلا

    پۇلۇمىز يەتمىگەندىكىن ئاۋۇ بەلەنتى ماۋۇناچار دىگەندەك ئەخلەت دۆۋىسىگە كىرىپ كىتىپسىلە
    دىمەكچى

  • zefer2 ھەپتە ئىلگىرى

    گەرچە مەن ئالما مەستانىسى بولمىساممۇ، ئۇنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتالماي، بىر ئىزدا توختاپ قالغىنى راست، خۇددى 20 نەچچە يىل ئىلگىرى بېل گايتىسنىڭ ياردىمىدە قايتا باش كۆتۈرگەندەك، بۇ قېتىممۇ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى زور، نىمىلا دىگەن بىلەن ئالما نوكىيا ئەمەس، بۇمۇ ئۆتكۈنچى مەزگىل.

  • ئالما2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنداق بولمايدۇ خاتىرجەم بولۇڭلار سامساپەزلەر ئاندىرويىد ئەخلەتلىرى

  • ئسىل2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەرقانداق نەرسىنىڭ گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىش دەۋرى بۇلىدۇ ،مىنىڭچە ئالمىنىڭ گۈللىنىش دەۋرى ئاخىرلىشىش ئالدىدا شۇڭا ۋەيران بولىشى مۇمكىن

  • ئىليار2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ كەمگىچە بىرە قىتىم ئاندىرويىد تۇتۇپ باققىنىمنى بىلمەيمەن ئالما يانفۇنلىرى بىر خىل ئاخسا ھەم ئۆزىمۇ بەك ئوبدان

  • 132******682 ھەپتە ئىلگىرى

    كىشىلەرنىڭ ئويلىغان يىرىدىن چىقالمىسا، ئىدىيسىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭسا موللاق ئېتىشى تۇرغانلا گەپ

  • ئېسىل زادە2 ھەپتە ئىلگىرى

    سايپان سىستىمىسى ئەمەس، سىببىيان سىستىمىسى دەپ ئاتايدۇ

  • مېھمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    خەۋەرنى تۇلۇق ئۇقۇپ گەپ قىلىڭلا تۈگىشىدۇ دىمەپتۇ تۇگىشىدۇ دىگەن گەپكە رەددىيە بىرىپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号