باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10259يوللانما
780مەستانە

ھىندىستاندىكى «بەڭگى»لەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-05 22:45 13 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فوتوگراف سۇجاي رېددىي 5 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى زەھەر تاشلاش مەركىزىدە ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئوخشىمىغان ياش قۇرامى ھەمدە ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى زەھەرگە خۇمار بولغانلارنىڭ بىر يۈرۈش سۈرەتلىرىنى تارتىپ، تۇرمۇشىنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىتىكى ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېچىپ بەردى.

رېددىينىڭ كامېراسىدا، ياخشى تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ زەھەر تاشلىغانلارمۇ، كوچىدىكى سەرگەردانلارمۇ بار.

زەھەر خۇمارى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان «بەڭگى»لەر تاشلاندۇق يەرنىلا ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ماكانىغا ئايلاندۇردى.

بۇ سۈرەتلەردە، 10 يېشىدىن باشلاپ زەھەرلىك بۇيۇم بىلەن ئۇچراشقان قىزچاق، بالىسىنى ئېلىۋالغان گاس-گاچا ئايال، پويىز يولىغا كىرىپ كېتىپ بىر جۈپ پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەر قاتارلىقلار بار.

يەنە زەھەر خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ، ئايىغىدىكى ماينى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىدە شادلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان زەھەر تاشلىغۇچىلارمۇ بار.

بالىسىنى ئېلىۋالغان ئايال.

سەرسان-سەرگەردانلار ئورنىدىكى «بەڭگى».

زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ئاجايىپ بولۇپ، بەئەينى بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئىستەۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدۇ.

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەر خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان ھەتتا زەھەر چېكىپ، ئۆزىنى خورلاپ، تۇمۇرلىرىنى كەسكەن.

فوتوگراف يورۇق ۋە تۇتۇق قاتلىمى ئارقىلىق روشەن سېلىشتۇرۇلما قىلىنغان بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق ئىنتايىن ئەينەن، خۈنۈك شۇنداقلا تېراگىدىيەلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ۋە ئېچىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەسمەتخان2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلارنى قۇتقۇزۋالاي ئەمىسە ،،،،،،،،،،

  • مەنزىل2 ئاي ئىلگىرى

    ئەقلى ھۇشى جايدا ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يەتكۈدەك دەردى بار ...
    دەدىمبار دەپلام ئىچىۋېلىش چىكىۋېلىش ئۈتۈپكەتكەن
    ئەخمەقلىق ساراڭلىقتىن باشقانەرسە ئەمەس !

  • RAW2 ئاي ئىلگىرى

    كەيىپ قىلغان ئادەم ياخشى كۇن كۆمەيدۇ چەكمىگەن ياخشى بوسا چەكمەڭلا

  • كارۋان2 ئاي ئىلگىرى

    توۋۋا دەڭلائۇلار ئوز ھالىنى ئوزى بىلىدۇ ئىبرەت ئالايلى زەھەرگە يىقىن يوللىمايلى

  • ☝ئەلى بەگ 2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ھىندىستان توغرىسىدا خەۋەرلەگە پەقەت ھەيران قالمايدىغان بوپ قالدىم … ھىندىستاندا تاشقى پىلانىت ئادەم باركەن دىسىمۇ ئىشەنگۈدەك … ھەممە ئىش چىقىدىكەن دىسە ئۇ يەردىن

  • بايقاش2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلامۇ بىكا چەكمەيدۇ بىرى دەت ئازابى با شۇڭا چىىكدىغاندۇ بەزى چاغدا چىۋاغانمۇ ياخشى بىغەم غەمسىز بوپ قالدۇ ئادەم

  • نىزامدىن ۋاھاپ2 ئاي ئىلگىرى

    سۇئال دىگەن تورداش تاماكا چىكىش بەدەنگە زىيانلىق ئامال بار بۇنى چەكمەسلىك كىرەك

  • ؟؟؟؟؟؟؟؟2 ئاي ئىلگىرى

    بالدۇر ئۆلىمىز ئەمەسمۇ

  • ؟؟؟؟؟؟؟؟؟2 ئاي ئىلگىرى

    تاماكا چىكىشمۇ بىر ھىساپتا ياخشى ئىش

  • شەبنەم2 ئاي ئىلگىرى

    توي قىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭ بەڭگە ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن تەگسىڭىز بولمامتى دەيمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号