باش بەت

ئەندەر

4650يوللانما
91مەستانە

دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى: ئاۋىستىرالىيە 1:2 تايلاند

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-05 22:22 2 ئىنكاس چۈشتى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 4:00تە، دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايونى 12 كۈچلۈك مۇسابىقىسى B گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى، بۇ مۇسابىقىسىدە ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تايلاند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئاخىرىدا ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىدىن يۇرىچ بىلەن ماسېۋ لېكې بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرى 16 بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن ئوخشش نومۇر ئالغان بولسىمۇ، بىراق ساپ توپ پەرىقىدە گۇرۇپپىدا 3-ئورۇندا تۇرغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى تەڭلەشىلا گۇرۇپپىدا 3-بولۇپ، سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئېرىشەلەيتى، ئەگەر ساپ توپى كۆپ بولسا گۇرۇپپىدا 2-ئورۇنغا چىقاتتى، تايلاند كوماندىسى بولسا ئاللىقاچان شاللىنىپ كەتكەن.

ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداننىڭ 71-مىنۇتىدا، ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىدىن ميۇ پاس چىقىرىپ، يۇرىچ بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىدا، تايلاند كوماندىسىدىن بىلابا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا، ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىدىن ماسېۋ لېكې بىر توپ كىرگۈزۈپ رەقىبىنى «بوغۇزلاپ» تاشلىدى، ئاخىرىدا ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنىڭ 12 كۈچلۈكتىكى بارلىق مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا 19 نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا 2-ئورۇنغا چىقتى، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى 16 نومۇرغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ساپ توپ جەھەتتە ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىدا. ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئاللىقاچان گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان ياپونىيە كوئاندىسىنى مەغلۇپ قىلالىسا، ئاۋىستىئارلىيە كوماندىسىدن ئېشىپ بىۋاستە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالما2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەئە شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ

  • بىرررر ئىنسانننن2 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزنىڭ دۆلەت شاللىنىپ كىتەمدۇ ئەمدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号