باش بەت

خەندان

391يوللانما
50مەستانە

ئامىرخاننىڭ «Dangal» فىلىمى شياڭگاڭدا قويۇلۇپ 11 كۈن ئىچىدە 14 مىليون دوللار تاپتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 08:00 55 ئىنكاس چۈشتى

20170905234911612.jpg

ئامىرخاننىڭ فىلىمى «Dangal» (چېلىشچى) ھىندىستان ۋە جۇڭگودا ياخشى بېلەت كىرىمى يارىتىپلا قالماستىن، شياڭگاڭدا قويۇلغاندىن كېيىن ياخشى ئۈنۈم ياراتتى. بۇ فىلىم شياڭگاڭدا قويۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا شۇ ھەپتىلىك قويۇلغان فىلىملەر مۇندەرىجىسىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللىدى. ھازىر بۇ فىلىمنىڭ شياڭگاڭدىكى بېلەت كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. 11 كۈن ئىچىدە بۇ فىلىم 14 مىليوندىن ئوشۇق شياڭگاڭ دوللىرى كىرىم قىلدى.

«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى فىلىم توغرىسىدا مۇنداق باھا بەردى:

رېژىسسور نىتىش تىۋارى چېلىشىش مەيدان مەنزىرىسىنى ناھايىتى ئاقىلانىلىق بىلەن سۈرەتكە ئالغان. تېز سۈرئەتتە كېسىۋېتىشنىڭ ئورنى قالمىغان. ئارتىس قىزلارنىڭ جاپالىق چېلىشىش كۆرۈنۈشلىرىنى تېلكامىرادا نامايەن قىلغان. فىلىم گەرچە 20 مىنۇت قىسقارتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بۇ فىلىم ۋەقەلىكىگە قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمىگەن. يىغىنچاقلىغاندا بۇ فىلىم ھەقىقەتەنمۇ ماختاشقا ئەرزىيدۇ. فىلىمنىڭ جۇڭگو ۋە ھىندىستاندا ياخشى بېلەت كىرىمى قىلغانلىقى بىكار ئەمەس، شياڭگاڭدىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشىدا گەپ يوق.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇلغۇن2 ئاي ئىلگىرى

    مەستانە قارىسام سىز ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا ماسلاشقان ساراڭ ئەسەبى مەستانە ئىكەنسىز، سىزگە ئارتۇق گەپ قىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر بىمەنىلىك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، سىز مۇشۇنداق شاھرۇنخانغا مەستانە بولاپ ئۆتۈۋېرىڭ بۇ دۇنيادىن، ، ، بەلكىم يېڭى (ساراڭ مەستانە ) فىلىمىدە تەكەببۇر شاھرۇھخان بىلەن قوغلىشىپ مۈشۈك بىلەن چاشقان ئويۇنى ئويناپ چىقاسىز كۆزىدىن ياش چىكەتكەن كۈلكە ئىپادىسى

  • ئارزۇ2 ئاي ئىلگىرى

    مەستانە دىگەن نۇرداش ئەسلى گەپ قىلماي دىگەن ئەمما گەپلىرىڭىز چەكتىن بەكلا ئېشىپ كەتتى سىزھىندىستانغا بېرىپ كىمنىڭ سىنارىيەسىكەن كۆرۈپ كېلىڭ ئەمدى ئۇنى بۇنى دەپ گەپ تاپماڭ باشقىلانىڭ كەينىدىن

  • 181******822 ئاي ئىلگىرى

    بالىلار «دانگال»دېگەن فىىلمنى قايسى تور بەتتىن تاپقىلى بۇلىدۇ ؟بەك ماختاپ كەتتى بۇ فىلىمنى بىر كۈرۈپ باقاي دىگەن «باخوبالى»نىمۇ بەك ماختىغان ئىدى ئىككىنچى بۆلۈمنى تۈنۈگۈن كۆردۇم ،ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىگۈدەك كىينو ئىكەن.

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ما مەستانە دىگەن بالا بەك كوتردۇ بەك كوتردۇ شاھرۇھنى باسۇن تەخسىدە ،ھىندىستان ئارتىسلىرنىڭ گىپى بولسا شو شارۇھنى ئارلاشتۇرۇپ. ھىچكىم يامان دىمدى شاھرۇھنى لىكىن يىقىننىڭياغى تۇزۇك كىنوسى


    چىقمايۋاتدۇ شۇ .ئامىرخاننىڭ كەينى كەينىدىن ياخشى فىلىملىرى چىققاچ ياختۇرۇپ كۇرۋاتدۇ پۇتۇن دۇنيادا. ھىلقى مەستانە دىگەن سىزمۇ يا ,بوسا بىر بېرىپ باقارسىز سىزنىڭ كۇلكىلىك ئىشلىرڭىزنى سىناريە قىلىپ ئوزگەرتىپ مەستانە فىلىمنىڭ ئىككىنچى بولومنى ئىشلەپ ,شاھرۇھخان ئازراق بىلەت كىرمى يارتىپ قالار ,بۇيەردە قۇرۇق گەپ بىلەن قوللۇغۇچە ئەمىلى ھەركىتڭىز بىلەن قوللاڭ ,غەيرەت قىلىڭ غەيرەت,,,,,,,...

  • ئۇماق نۇرىيە2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاييەي مەستانە سىز دېپكا شاھرۇھ لار بىلەن بىريەردە تۇرۇپ باققان بولسىڭىز گەپ بار ئىكەن ئەسلى

  • ئۇماق نۇرىيە2 ئاي ئىلگىرى

    رىقابەتچى سز ئامىرخان بىلەن رىقابەتلىشىپ باقامسىز يە

  • ئۇمەر2 ئاي ئىلگىرى

    شارۇلخاننىڭ قامىتى يۇق ئامىرخان سالمانخان ئاكشاي كۇمارلار قامەتلىك

  • رىقابەتچى2 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان بەكلام ياسالما،پەقەت خوشام يوق ئۇنىڭغا پەقەت شۇ ياخشى سېنارىيە ئۇچۇراپ قىلۋاتىدۇ خالاس.

  • يولۇچى2 ئاي ئىلگىرى

    بەزىلەرگە قول قويدۇم، قانداق كىنو ياكى دىرامما، ناخشا ياكى كىتاپلېرى باركىن دەپ بەرگەن بولسا قىممەت بولسىمۇ سىتىۋىلىپ كۆرەتتىم

  • baribir2 ئاي ئىلگىرى

    توۋا غەيۋەت قىلىشقا ،قۇسۇر ئىزدەشكە نېمانچە ئامراق سىلەر؟!!؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号