باش بەت

خەۋەرلەر

2990يوللانما
11مەستانە

ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدىن 1 مىليارد دانە تارقىتىلىپ، بىر ئادەمنىڭ قولىدا بىر كارتا بولۇش نىشانى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 12:06 2 ئىنكاس چۈشتى

  «شىنجىڭباۋ گېزىتى» خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلتىمىز ھازىرغا قەدەر بېجىرگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى 1 مىلياردتىن ئاشقان بولۇپ، «13-بەش يىل» لىق پىلان مەزگىلىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى %90 نوپۇسنى قاپلاپ، يېقىن كەلگۈسىدە بىر ئادەمدە بىر كارتا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلېكترونلۇق دوكۇمېنت، ئۇچۇر خاتىرىلەش، مۇلازىمەتچىسىز تەكشۈرۈش، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ئاتچوت قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىنات تاپشۇرۇۋېلىش ھەمدە پۇل مۇئامىلە چىقىمىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك ئىقتىدارنى مۇجەسسەملىگەن، كارتىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. نۆۋەتتە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى %90 دىن ئارتۇق ۋىلايەت، شەھەردە داۋالاش چىقىمىنى كارتا بىلەن ئاتچوت قىلىش ئەمەلىيلەشكەن، ئۆلكە ئاتلاپ بالنىستىدا يېتىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/06/content_617781.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • سېنىڭ راس1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇغۇرتا ئىدارىستېن بېجىرەمدىكەن مېنىڭچە.

  • 131******101 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ كارتىنى قانداق بىجىرىدۇ دوسلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号