باش بەت

نىجات سامساق

149يوللانما
197مەستانە

تۇنجى تۈركۈم تېسلا Model Sنى سېتىۋالغانلار پۇشايمان قىلدىمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 14:15 7 ئىنكاس چۈشتى

تېسلا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ئانچە مۇكەممەل بولمىغان بۇ ئاپتوموبىلغا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلىگىنى يوق. ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۆيىدە بېنىز، BMWلار بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ تېسلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ چىقىشنى تاللىماقتا. بەلكىم بۇ تېسلانىڭ سېھرىي كۈچىدىن بولسا كېرەك.

20170906124614673.jpg

2012–يىلى، تېسلا ئاپتوموبىل شىركىتى تۇنجى تۈركۈمدە ئىمزا قويۇلغان نۇسخىدىكى Model S P85 تىپلىق ئاپتوموبىلنى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. مانا ھازىر ئارىدىن بەش يىل ۋاقىت ئۆتتتى، تېسلا تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقارغان Model S زادى قانداقراق چىقتى؟ بەش يىلدىن كېيىن بۇ تۇنجى تۈركۈم Model Sنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار بۇ ئاپتوموبىلدىن رازى بولدىمۇ يوق؟

20170906124614361.jpg

بەلكىم ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتى بىزگە بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن. يېقىندا بىرەيلەن تېسلا ئورگان تەرەپ دەلىللىگەن نىمكەش Model Sنى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل دەل 2012–يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل چىقىپ قالغان. ئۇنداقتا بۇ بۇرادەر بۇ تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغان Model Sنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قانداق مەلۇمات بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى. (مۇشۇ كىشى ماقالىنى سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى).

20170906124614536.jpg

باتارېيە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى

ھەممەيلەن قىزىقىدىغان باتارېيەدىن باشلىسام قانداق دەيسىلەر؟ چۈنكى كىشىلەر توكلۇق ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندا، باتارېيە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى نۇقتىلىق ئويلىشىدىغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش تەس بولۇش، يۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھەممىدىن بەك خالىمايدۇ.

20170906124615792.jpg

مەن سېتىۋالغان نىمكەش تېسلانى ئەڭ دەسلەپكى ئىگىسى 2012–يىلى تۇنجى تۈركۈمدە زاۋۇتتىن چىققاندا سېتىۋالغان، كېيىنكى بىرقانچە يىلدا تېسلا بۇ ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن ئالاھىدە چوڭ ئۆزگەرتىش قىلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن باتارېيەنىڭ ئىقتىدارىنى بىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئەۋرىشكە دېيىشكە بولىدۇ.


مەزكۇر ئاپتوموبىل بۇ بەش يىل مابەينىدە تەخمىنەن 76 مىڭ كىلومېتىر ماڭغان بولۇپ، مۇساپىسىنى ئانچە ئۇزۇن دەپ كېتىشكە بولمايدۇ.

تۇنجى تۈركۈمدىكى Model S P85نىڭ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش مۇساپىسى 426 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ بەش يىلدا 76 مىڭ كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، 403 كىلومېتىرغا چۈشكەن. مەن ئادەتتە پەقەت %90لا توك قاچىلايمەن. ئومۇمىي مۇساپىسى 367 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

20170906124615528.jpg

مۇنداقچە ھېسابلىغاندا، باتارېيە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى %6 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدىن تېسلانىڭ باتارېيە كونترول سىستېمىسى ۋە تېمپېراتۇرا كونترول سىستېمىسىنىڭ نەقەدەر ئىلغار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، دەسلەپ تاپشۇرۇلغان بۇ بىر تۈركۈم ئاپتوموبىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە توك قاچىلاش قۇۋۋىتى 90kWتا چەكلەنگەن بولۇپ، 2013–يىلىغا كەلگەندە، تېسلا شىركىتى باتارېيە گۇرۇپپىسىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ توك قاچىلاش قۇۋۋىتىنى 120kWقا كۆتۈرگەن. لېكىن 90kWلىق توك قاچىلاش قۇۋۋىتى بازاردىكى نۇرغۇن كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، مۇھىمى، تۇنجى تۈركۈمدىكى تېسلانى مەيلى قانداقلا قىلماڭ ھەقسىز توك قاچىلاشتىن بەھرىمەن بولالايسىز. شۇڭلاشقا مەن 90kWمۇ ياكى 120kWمۇ دېگەن مەسىلىگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم.

20170906124615187.jpg

ھەيدەش تۇيغۇسى

بۇ ئاپتوموبىل مەن ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە مېنى رازى قىلدى دەپ تەسۋىرلىسەم بولىدۇ. ئېنىقكى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئىنتايىن ئاياپ ئىشلەتكەن بولۇپ، تېسلا شىركىتى بۇ ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندىن كېيىن يەنە بىر قاتار يېڭىلاش مەشغۇلاتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارغان.


تېسلانى چۈشەنمەيدىغان، كۆرۈپ قايسى يىلى چىققان نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان كىشىلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاساسەن يېڭى ئاپتوموبىل دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بەش يىل بولغان ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇلار راستتىنلا ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ.

20170906124615128.jpg

بۇ ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن دوستلىرىم ماڭا ئەڭ دەسلەپكى Model Sنىڭ تۇيغۇسى يېڭى نۇسخىسىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن دېيىشكەن ئىدى. دېمىسىمۇ تېسلا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەنئىتىگە نىسبەتەن زور ئەلالاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. لېكىن مەن ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندىن كېيىن مەيلى يېڭى ياكى كونا بولسۇن، بۇ تۇيغۇنىڭ ئۇنچىۋالا ئەنئەنىۋى دىۋىگاتېللىق ئاپتوموبىللاردەك پەرقنىڭ زور ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ھازىرمۇ توك تەپكىسىنى تۈۋىگىچە دەسسىسەم، بۇ ئاپتوموبىل دەرھال 4 سېكۇنتتا 100km/hكە چىقىپ بولىدۇ.


مەن يولۇققان بىردىنبىر كاشىلا دەل كەينى ساندۇقنىڭ قۇلۇپىنىڭ كاشىلىسى بولۇپ، تېسلا دەرھال بىر نەپەر مەخسۇس مۇلازىمەت خادىمىنى ئۆيۈمگە ئەۋەتىپ، بۇ مەسىلىنى نەچچە مىنۇت ئىچىدە ھەل قىلدى. يەنى يېڭى قۇلۇپ ئالماشتۇرۇپ بەردى. ئۇندىن كېيىن باشقا مېخانىكىلىق مەسىلىلەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.

20170906124615664.jpg

ئىچكى بېزىلىشى

مەن Model Sنىڭ يېڭى نۇسخىسىغا قارىغاندا بىردىنبىر ئاغرىنىدىغان تەرىپىم دەل بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئورۇندۇقى.

گەرچە مېنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىلىمنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ ئۇپرىشى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولسىمۇ، لېكىن بۇ بەش يىل مابەينىدە، تېسلا مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ ئورۇندۇقنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەنئىتىگە نىسبەتەن زور ئەلالاشتۇرۇشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، يېڭى نۇسخا Model Sنىڭ ئورۇندۇقى تۇنجى تۈركۈمدىكىدىن راھەت چىققان.

تېسلانىڭ ئورۇندۇقىنى راھەت ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن 100 مىڭ دوللارلىق ئاپتوموبىللارغا سېلىشتۇرغاندا يەنە ئازراق پەرق بار. مەن ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى Model Sتىمۇ ئولتۇرۇپ باقتىم. گەرچە مېنىڭ ئاپتوموبىلىمنىڭ ئورۇندۇقىدىن راھەت بولسىمۇ، لېكىن راستتىنلا ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارنىڭ، بولۇپمۇ باھاسى 100 مىڭ دوللارلىق ئاپتوموبىللار بىلەن ئارىسىدا پەرق بار ئىكەن.


2012–يىلىدىكى Model Sنىڭ ئىچكى بېزىلىشى ھازىرمۇ مودىدىن قالمىغان بولۇپ، كىشىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرەلەيدۇ. ئەڭ دەسلەپ نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىرى Model Sنىڭ ئىچكى بېزىلىشىنى ھەددىدىن زىيادە ئاددىي دەپ ئاغرىنغان ھەم ئازراقمۇ ھەشەمەتلىك تۇيغۇسى يوق دېيىشكە ئىدى. لېكىن ھازىرغا قارايدىغان بولساق، 17 دىيۇملۇق مەركىزى ئېكراننى مەركەز قىلغان بۇ ئاددىيلىق ئەكس ئەتكەن لايىھە ھازىرمۇ مودىدىن قالمىغان بولۇپ، كىشىلەر يەنىلا ھەۋەس بىلەن ئاپتوموبىل ئىچىگە قاراپ بېقىشىدۇ. تېسلامۇ ئىستېمالچىلارنىڭ قىزىقىشىنى بايقىغاندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى Model 3 ئاپتوموبىلىنى بۇنىڭدىنمۇ ئاددىي قىلىپ لايىھەلىگەن.

20170906124615209.jpg

ئۇنىڭدىن سىرت، گەرچە بەش يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مېنىڭ ئاپتوموبىلىم دائىم يۇمشاق دېتاللارنى يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.


تېسلانىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش مەشغۇلاتى ئەڭ قالتىس بولۇپ، ھازىر بۇ ئىقتىدارىدىن ئۆزۈمنى مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغاندەكلا ھېس قىلىمەن. چۈنكى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا تېمپېراتۇرانى تەڭشەش بۇيرۇقىنى بېرىپ قويسام، مەن چىقىپ بولغۇچە ئاپتوموبىل تېمپېراتۇرىسى تەڭشىلىپ مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

باشقا جەھەتلەردىن، مەسىلەن يول باشلاش سىستېمىلىرىدىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر مەسىلىلەر بولسىمۇ، لېكىن باشقا رىقابەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئىلغار ھەم ئالدىدا دېيىشكە بولىدۇ. مەركىزى ئېكراندىكى ئۇچۇرلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، قوللىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇزۇن يولغا چىققاندا، ئاپتوماتىك ھالدا يېقىن ئەتراپىتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتلىرىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەتتا توك ئەھۋالىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بېرىپ تۇرالايدۇ.


نۆۋەتتە بەزى مەسىلىلەر تېسلانىڭ بىرتەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تور كۆرگۈچ، مۇزىكا قويغۇچلارنى يېڭىلاش ئۈچۈن تېسلانىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمەن.


ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىراتى

مەن سېتىۋالغان بۇ Model S ئاپتوموبىلى 2012–يىلى 12–ئايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى 2000 دانە ئاپتوموبىلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ساھەسىگە نىسبەتەن تېسلا تېخى يېڭىياچى بولسىمۇ، لېكىن ھازىر 100 مىڭ دانىدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ بولدى. ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتا زور تەجرىبە توپلىدى دېيىشكە بولىدۇ.

20170906124615299.jpg

ئەڭ دەسلەپ ئەسلى مەن يېڭى تىپتىكى Model 3 ئاپتوموبىلىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان ئىدىم. لېكىن كانادادا تۇنجى تۈركۈمدىكى بۇ ئاپتوموبىلنى قولۇمغا ئېلىش ئۈچۈن 2018–يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىشىم كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن نىمكەش تېسلا Model Sنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىپ قالدىم. ناۋادا سىزمۇ ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاشنى خالىمىسىڭىز ھەم يېڭى Model 3كە قۇربىڭىز يەتمىسە، مەن سىزگە يەنىلا ئورگان تەرەپ دەلىللىگەن نىمكەش Model Sنى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تېسلا Model Sنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئېلون ماسىك ئۆز قولى بىلەن بۇ ئاپتوموبىلنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىدى. 2016–يىلى 9–ئايدا ئۇ Model S P85 نى يېڭى تىپتىكى Model X 90Dغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلغا مۇنداق باھا بەردى:

20170906124615208.jpg

ئەمەلىيەتتە تېسلا ئەنئەنىۋى مەنادىكى ھەشەمەتلىك تۇيغۇسىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. مەسىلەن ھەرخىل كالا خۇرۇملىرى، تىكىلىش سىزىقلىرى ۋە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار دېگەندەك. ئۇلارنىڭ كۈچەيدىغىنى ئاپتوموبىلنىڭ پەن–تېخنىكىلىقى بولۇپ، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش، چوڭ ئېكران، تورغا ئۇلىنىش دېگەندەكلەر ھەقىقىي تېسلالىقلار قوغلىشىدىغان نىشان.

20170906124615228.jpg

تېسلانىڭ مۇشۇنچىلىك ناچار قۇراشتۇرۇش سەنئىتى ئاستىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشى بەلكىم ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىدە بولسا كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ωǒじКαη ²º¹⁷4 ئاي ئىلگىرى

    تېسلا ئاپتۇموبىلىنى مىنىڭمۇ بەكمۇ ئالغۇم بار مىليۇن يۈەنلىك توك ئاپتۇموبىلىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگۈم بار

  • بەختىيارجان4 ئاي ئىلگىرى

    تېسلانىڭ ئېلانى ئەمەس بۇ بىر پەن-تېخنىكا

  • ئەدىھەم4 ئاي ئىلگىرى

    تىسلانىڭ ئىلانىمۇ بۇ

  • 147******754 ئاي ئىلگىرى

    نىجاتكا پات پات ئەسەر يوللاپ تۇرسىڭىز بولاتتى

  • 147******754 ئاي ئىلگىرى

    بەك پەيزى ، مېنىڭمۇ ئالغۇم بار ئىدى بۇ ماشىنىدىن ، ئاۋال پۇل تاپسام بولاتتى

  • ئامىرخان4 ئاي ئىلگىرى

    قانچە پۇل بۇ ئاپتوموبىل

  • بىلىمخۇر4 ئاي ئىلگىرى

    جۇڭگودىكى باھاسى سەل چۈشكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号