باش بەت

ئىرپان

2020يوللانما
61مەستانە

جىلى دىخاۋ GSنىڭ يېڭى ماشىنا تىپى 12-سېنتەبر بازارغا سېلىنىدۇ

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 15:53 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 5-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا بەزى تاراتقۇلار جىلى ئاپتوموبىلچىلىقى قارمىقىدىكى دىخاۋ GSنىڭ ئەڭ يېڭى ماشىنا تىپىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ يېڭى ماشىنا تىپىغا دىخاۋ GS ئەقلىي ئىنتېرنېت نۇسخىسى دەپ نام بېرىلگەن، ئەقلىي ئىنتېرنېت سەپلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرگەن، يېڭى ئاپتوموبىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بازارغا سېلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە، جىلى دىخاۋ GS جەمئىي لاتاپەت نۇسخىسى ۋە سپورت نۇسخىسى قاتارلىق ئىككى چوڭ يۈرۈشلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي 11 خىل تىپتا بولۇپ، بازار يېتەكچى باھاسى 77 مىڭ 800 يۈەندىن 108 مىڭ 800 يۈەنگىچە.

دىخاۋ GS ئەقلىي ئىنتېرنېت نۇسخىسى ئەقلىي تورلاشتۇرۇش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرگەن. يېڭى ئاپتوموبىلغا يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى چەكمە سۇيۇق كىرىستاللىق چوڭ ئېكران ھەمدە جىلى G-Link ئەقلىي ماشىنا سىستېمىسى سەپلەنگەن. GPS يول باشلاش، CarPlay، ئاپتوموبىل كۆك چىشى قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن سىرت، يەنە ئەقلىي ئاۋاز ئالماشتۇرۇش، ئاپتوموبىل WiFiسى، ئاندرويىد يانفون تورى، مېدىيا قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە دىخاۋ GS ئەقلىي ئىنتېرنېت نۇسخىسىغا داۋاملىق 1.3T ۋە 1.8Lلىق ئىككى خىل ماتور سەپلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 95kW ۋە 98kW، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 185 نيۇتون مېتىر ۋە 180 نيۇتون مېتىر. 6 خوتلۇق قول خوت ياكى 6 خوتلۇق قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号