باش بەت

durdana

1500يوللانما
122مەستانە

«ھوقۇق ئويۇنى» دا كىم ئەڭ ئەقىللىق؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 17:06 0 ئىنكاس چۈشتى

يەنە شۇ ھوقۇق ئويۇنىنىڭ گېپى، 7-بۆلۈم ئاياغلاشقاندىن كېيىن گېپنى بولسىمۇ قىلغاچ تۇرىمىز ئەمدى. يەنە بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى:

«ھوقۇق ئويۇنى» ئامېرىكا HBO تېلېۋىزىيە تورى ئىشلىگەن ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىي فانتازىيە تېمىسىدىكى تىياتىر. بۇ تىياتىر ئامېرىكىلىق يازغۇچى جورج.ر.ر. مارتىننىڭ فانتازىيەلىك رومانى «مۇز ۋە ئوتنىڭ ناخشىسى» يۈرۈشلۈكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، 2011-يىلى بىرىنچى بۆلۈمى قويۇلغاندىن تارتىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىياتىر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

بىرىنچى بۆلۈمگە دوۋبەندە قويۇلغان باھا نومۇرى 9.3 بولغان، 7-بۆلۈمگە كەلگەن 9.7 گە چىققان!

«ھوقۇق ئويۇنى» كۆرۈنۈشلىرى بەھەيۋەت، ۋەقەلىكى مۇرەككەپ، پېرسوناژلار كۆپ. بىز تىياتىردىكى ئەقىل-پاراسەتتە يېتىشكەن پېرسوناژلارنى رەتكە تىزىپ باقايلى.

6. ئارىيا ستارك

ئارىيا ئۆزى يالغۇز ۋالدېر فىرېينىڭ جەمەتىنى ئۆلتۈرگەندىن تارتىپ، ناھايىتى سالماق، سوغۇققان، ئەقىللىق بولۇپ كەتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ يۈز ئالماشتۇرۇش مەكتىپىدە ئاز جاپا تارتمىدىدە!

5. سېرسىي لەنىستېر

6-بۆلۈمدە سېرسىي ئاخىرى شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، 7 دۆلەتكە ھوقۇق يۈرگۈزمەكچى بولدى. باشتا ئۇ بىرەندىننى ئۆلتۈرمەكچى بولدى، روبېرىتنى ئۆلتۈردى، ئېد سىتاركنى ئۆلتۈردى، كېيىن ھاي سىپارروۋنى، ئولىننانى ئۆلتۈردى، سېرسىينىڭ تەخىتكە چىقىش تارىخى بىرنى پۇتلىكاشاڭ بولغان ھەر قانداق ئادەمنى ئۆلتۈرۋېتىش بەدىلىگە كەلدى. لېكىن ئۇ ھاي سىپارروۋنىڭ ئىشىدا ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقاندەك ئىش قىلدى، پاراسەت دەپ قالساق ئۇنىڭ سەل ھايىلى بار. ئىشقىلىپ چوڭ تەختتە ئولتۇردى، 5-قىلىپ قويساق يامان بولماس.

4. جون سىنوۋ

نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن جوننىڭ باش كۆتۈرۈشى ئادەم ئويلىمىغان يەردىن چىققان. قانلىق تويدىن بۇرۇن روب سىتارك شىمالنىڭ شاھىغا مۇناسىپ نامزات ئىدى. ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جوننىڭ سېھرىي كۈچى ئاستا-ئاستا نامايەن بولدى، گەرچە ئۇ ۋەقەلىكتىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا بىرىنچى پېرسوناژ. ئەجدىھا ئانىسى ۋە سېرسىيلار ئەسەبىيلەرچە تەختكە چىقىپ، ۋېستىروسنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغاندا ئۇ سېپىلنىڭ سىرتىدا مۇردا ئەسكەرلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بىرلىشىش كېرەكلىكىنى، قۇربانلىق بېرىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جون ئۇلۇغ بولسىمۇ ئەقىللىقلىق دەرىجىسى 4-ئورۇندا تۇرۇشقا مۇناسىپ.

3. دەنەرىس تەگەرىيان

ئەجدىھا ئانىسىنى بەك ئەقىللىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار، ئۇنىڭ مەيدانى ئېنىقلىقى قايىللىقنى قوزغايدۇ، دوستىغا باھاردەك ئىللىق، دۈشمىنىگە قىلچە رەھىم قىلمايدۇ.

2. بېيىلىش

«ھوقۇق ئويۇنى» دا ھوقۇق ئويۇنى ئويناشنى ئەڭ بىلىدىغىنى، سۈيقەسىتكە ئەڭ باي بولغىنى دەل بېيلىش. ئۇنىڭ پۇل ۋە سودا ئىشلىرىدا تۇغما تالانتى بار. سۈيقەست پىلانلاشتا ھېچكىم ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن شۇنچە قىلسىمۇ ئېرىشىدىغىنى يەنە كۆپ ئەمەس، شۇڭا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزدۇق.

1.  تىرىئان لەنىستېر

تۇغما پەتەك بولغاچقا دادىسىمۇ (ئۆز دادىسى بولماسلىقى مۇمكىن) ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان، «ھوقۇق ئويۇنى» دا ئۇ بىرىنچى نومۇرلۇق بولۇشقا لايىق. ئاۋۋال ئۇ بىر پەتەك ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، دائىم باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بەدەن جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن شۇڭا بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتكەن، كىتاب ئوقۇپ بىلىمىنى ئاشۇرغان. ئۇ ئەقىللىقلا بولۇپ قالماي يەنە تېخى ئاقكۆڭۈل، دەنەرىس قومانداننى ئەجدىھاسى بىلەن ئوت پۈركۈپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندىلا ئۇنىڭ بۇ تەرىپى نامايەن بولغان. كىچىك ئالۋاستى تىرىئاننىڭ بىرىنچى بولۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولغىيتىڭىز؟

بۇمۇ بىر كۆز قاراش، ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەن گەپ بار، سىزچە تىياتىردىكى ئەڭ ئەقىللىقى كىم؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号