باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8742يوللانما
416مەستانە

قەمەرىيە كالېندارى 14-ئىيۇل تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاق تاشلىۋېتىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 17:13 8 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ، تاشلاندۇق بوۋاقنىڭ ئۇچۇرى شىنمىنلىقلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا توختىماستىن تارقىلىپ، ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تەكشۈرۈپ دەلىلىنىشىچە، شىنمىندا ھەقىقەتەنمۇ بىر تاشلاندۇق بوۋاق بار ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن 7:18 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنمىن ئالدىدىكى يىڭزى كەنتىدىكى بىرەيلەننىڭ ئىشىكى ئالدىدا، يېڭىدىن تۇغۇلغان بالا تاشلىنىپ قويۇلغان. بوۋاق ھالرەڭلىك ئەدىيالغا ئوراپ قويۇلغىنىچە مېۋە قەغەز يەشىكنىڭ ئىچىدە ياتقان بولۇپ، يەشىكنىڭ ئىچىدە بىر ۋارەقچە ۋە باشقا بۇيۇملار قويۇلغان.

ۋارەقچىگە: «ياخشى نىيەتلىك كىشى، ئەگەر سىز بۇ بوۋاقنى تېپىۋالغان بولسىڭىز، سىزنىڭمۇ بېقىۋالغۇڭىز كەلمىسە، ئۇنداقتا، خاپا بولماي 110 دېلو مەلۇم قىلىشقا تېلېفون بەرسىڭىز، بۇ بالىغا ياشاش ئۈمىدى بېرىڭ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى چوقۇم سىزگە تىزىلىنىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىمىز، بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قەمەرىيە كالېندارى 14-ئىيۇل، شەمسىيە كالېندارى 4-سېنتەبىر، رەھمەت»

بۇ بوۋاقنى كەنىتتىكى تيەن بوۋاي بايقىغان. بوۋاينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بوۋاق ئوغۇل بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تاشلاپ قويۇلغان. ئۇ بۇنى كۆرۈپ دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. بوۋاقنى تاشلىۋەتكەن ئادەم 30-40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بولۇپ، بويىمۇ خېلىلا ئېگىز ئىكەن. قىزىل رەڭلىك پىكاپقا ئولتۇرغان ئايال تيەن بوۋاينىڭ ئىشكى ئالدىغا كېلەي دېگەندە، ماشىنىدىن چۈشكەن، ماشىنا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا توختاپ تۇرغان. ئايال ماشىنىدىن چۈشۈپ قەغەز يەشىكنى ئىشىكنىڭ ئالدىغا قويۇپ، تېزلىكتە ماشىنىغا چىقىپ كەتكەن. پۈتكۈل جەرياننى تيەن بوۋاينىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى كۆزەتكۈ تارتىۋالغان.

ئەسكەرتىش، قەمەرىيە كالنېدارى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى «ئالۋاستى بايرىمى» بولۇپ، ئەل ئارىسىدا، بۇ كۈنى تۇغۇلغان بالىلار ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرمەيدۇ، دېگەن خۇراپىي سۆزلەر تارقالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • huojia532*1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي تورادشلار ئۇ بالىنى بېقىۋالىمەن دەپ ئاۋارە بولماي ئەر بولساڭلار تېپىپ، ئايال بولساڭلار تۇغۇپ باقمامسىلەر؟(سېتىپ ئالمىغۇنچە كالا بولماس، تۇغۇپ ئالمىغۇنچە بالا بولماس)دىگەن ماقال بارغۇ؟

  • مەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ، مۇشۇ بىر گەپ بولدى مانا ، قاچان تۈگەر مۇشۇ خۇراپاتلىق.

  • ئىسسست1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماڭا بەسىچۇ ،ئوغۇللۇق بولۇپ قالمامتىم ،ھەي ئىسست

  • Esmim Yok1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالۋاستى بايرىمى دىگەن كىملەنىڭ بايرىمى ئۇ مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمە

  • بوران ئوغلى1 ھەپتە ئىلگىرى

    قاملاشمىغان بىر ئىشتە -بۇ،كىم ئۆزىنىڭ تۇغۇلىدىغان ۋاقتىنى بەلگىلىيەلەيدۇ؟قاچانمۇ تۈگەر بۇ نادانلىق،بۇخۇراپاتلىق؟؟؟

  • ئارمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىززىق ئادەمكەن بۇ مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمە ئۇنداق گەپلەرگە، بولسا ماڭا بەرگەن بولسا ئۇ بالىنى بېقىۋالغان بولسام

  • .........1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇبالنى ماڭا بەسە بەك ياخشى بۇلاتتى

  • ئاقىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    نەدىكى خۇراپىي سۆزلەرگە ئىشەنگۈچە،ئۆزى تۇغقان بالىغا ئىشەنسىچۇ،ھەي ئەخمەقلەر!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号