باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

ئەرلەر نېمىشقا بازار ئايلىنىشقا ئۆچ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 21:08 19 ئىنكاس چۈشتى

نۇرغۇن ئاياللار يولدىشى بىلەن خۇشال خۇرام بازار ئايلانغىلى چىقىپ، ئاقىۋەتتە قورساق كۆپۈكى تارتىپ قايتىپ كېلىدۇ. پەقەت جۇڭگولا ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەرلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ نەرسە سېتىۋىلىش جەھەتتىكى ئىپادىسى ئوخشاشلا مۇشۇنداق پاسسىپ.

ئەنگلىيەلىك پىسخىكا ئالىمى تاللا بازىرىدا نەرسە سېتىۋىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئەر ئاياللارغا قارىتا تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم ئەرلەردە مال سېتىۋالغاندا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن. ئەرلەرنىڭ قارىشىچە، نەرسە سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ئىش ئۇلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. كۆپ ساندىكى ئەرلەر مال سېتىۋېلىش ئورنىدا ئۇزۇن تۇرۇشنى خالىمايدىكەن، تېزرەك سېتىۋېلىپ تېزرەك كېتىشنى ئويلايدىكەن. ئەكسىچە، ئاياللاردا يۇقىرىقى نورمالسىز ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاران تۆتتىن بىر ئىكەن، قالغان تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئاياللار نەرسە سېتىۋالغاندا ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە، خۇشال ھېس قىلىدىكەن.

كۆپلىگەن ئاياللار ئەرلەر نەرسە سېتىۋالغان پۇلغا كۆزى قىيمىغانلىق سەۋەبىدىن بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەينى دەۋردىكى ئىپتىدائىي جەمىيەتتە ئەرلەر ئاساسەن سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەيلى تەبىئىي مۇھىت قانچىلىك گۈزەل بولسۇن ياكى ئوۋ ئوۋلاش جەريانى قانچە خەتەرلىك بولسۇن، ئۇلار پەقەت تېزرەك ئوۋ ئوۋلاپ ئۆيگە قايتىشنى ئويلايتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ نىشانى ئېنىق بولمىسا ياكى ھەرىكىتى چاققان بولمىسا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مەززىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ كېتەتتى. ئىپتىدائىي جەمىيەتتىكى خەتەرلىك مۇھىت ئەرلەرنىڭ ئىش قىلغاندا چاققان، تېز ھۇجۇم قىلىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىشتەك مىجەزىنى يېتىلدۈرگەن، لېكىن يېتەرسىز تەرىپى شۇكى، ئەرلەر ئۇششاق ھالقىلارغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئەستايىدىللىق ئېڭى كەمچىل.

ئەرلەر بىر قۇر كىيىم سېتىۋالسا خېلى ئۇزاق ۋاقىت كىيىدۇ، ئەر ئاياللار بىرگە كىيىم سېتىۋالغاندا، ئۇلارنىڭ ئەرلەر كىيىمى سېتىۋالغان ۋاقىتلىرى ئىنتايىن ئاز، شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى سودا سارايلاردىمۇ ئاياللار بۇيۇملىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇمۇ ئەرلەرنىڭ بازار ئايلىنىشقا ئۆچ بولۇشنىڭ بىر سەۋەبى.

ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قوپال ۋە ئەركىن ئازادە مىجەزى بىلەن سودا سارايلىرىغا كىرسە ئاياللارغا ئوخشاش ئەسلىدىكى ماللارغا بىر بىرلەپ قاراپ سېلىشتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، ھەم نەرسە سېتىۋالغاندا ئاياللاردەك ئۇنچە تەپسىلىي قاراپمۇ كەتمەيدۇ، ناۋادا سېتىۋالىدىغىنى ئاياللار بۇيۇمى بولسا بۇ ئېنىقلا ئەرلەرنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلىتىدىغان بىر ئىش.

باش سۈرەت تاللاش x
  • باي يىگىت3 ھەپتە ئىلگىرى

    دۇنيادا ئۆچ بازار ئايلىنىشقا

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    ئەسلى ئۆچ ئەمەستۇق، قوشقا قاتقان كالىنى ئايلاندۇرغاندەك چوڭ بىر بازارنىڭ ئىچىنى 10 قېتىپ ئايلاندۇرۇپ ساراڭ قىلىۋەتكەندىكىن چىقمايدىغان بولدۇق شۇ. باشقىلار قانداق ئويلايدىكىن تاڭ، مىنىڭ چۇرۇتلا خۇشام يوق.

  • سەلتەنەتلك5منۇت2 ئاي ئىلگىرى

    پۇل چقارمسا بازار ئايلىنش تىزلشىدۇ ھەم ئۇزىرايدۇ يىگتلە قاقۋاش قىزلار بەڭۋاش ھەم

  • تەدبىركار2 ئاي ئىلگىرى

    ئاياللار كىيىم تاللىغاندا :
    10كوچىدىكى 100گە يېقىن دۇكان.
    كىيىمنى رەڭگى ،رەختى ، پاسونى ،ماركىسى
    باھاسى .
    ئەرلەر كىيىم تاللىغاندا :
    قانچە كوي ما ئىشتان .

    ئەرلەر ماشىنا تاللىغاندا :
    ماركىسى ،تىپى ، ماي سەرپىياتى،ئىقتىدارى ،قوزغىلىش سۈرئىتى،
    رەڭگى ،راھەتلىك ھەم بىخەتەرلىك دەرىجىسى ، باھاسى.

    ئاياللار ماشىنا تاللىغاندا :
    چىرايلىقكەن.

  • ياسىمىن2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ جەھەتتە يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز ئالمىشىپ قالغان ئۇ بازار ئايلىنىشقا ئامراق ئۇبىر نەرسە ئالماقچى بولسا ئىككى كۈن بازار ئايلىنىدۇ ئالغان نەرسىلەرنىڭ سۈپىتى باھاسى دېگەنلەرگە بەكلا دىققەت قىلىدۇ ئۇ ئىلىپ بەرگەن ئاياقلارنى 10يىل كەيسىمۇ شۇپىتى تۇرغان ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ

  • مۇزلىغان يۈرەك2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ كىيىم ئالماقچى بولسام بەك ئايلىنىپ كىتىمەن شۇ ئاياللارنىڭ كىيىمىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ بولغاندىكىن بىر يېرى ياقسا بىر يېرى ياقمايدىكەن شۇڭا ئاياللارنىڭ بەك ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇمىكىن

  • 153******832 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ تۇنۇگۇن قىز دوستۇم بىلەم بازاغا بىرىپ جىنچاۋغا كىرىپ تاس قالدى قىز دوستۇمغا بىر نەرسىلە يارىماي نەچچە ئايلىنىپ بىر تال گۇل ئالدى ۋاي ئىشقىلىپ بەك ھاردىم

  • 09032 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇ بەك ئۆچ ، چۇقۇ بازارغا چىقىپ بازار ئايلىنىپ يۈرگىلى.

  • ئاي2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئايال كىشى تۇرۇپ بازار ئايلانغىلى بەك ئۆچ بىرە ئىككى دۇكانغا كىرىمە ئۆزۇمگە بىرسى يارايدۇ شۇنىلا ئالىمە

  • ياقۇپجان مەشرىق2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ كىيىم ئالسام يېرىم سائەتتە ئېلىپ بۇلىمەن قىزدوستىم بىلەن بىللە چىقسام يېرەم كۈندە بىر ياغلىق ئالغىلى بولمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号