باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش شوپۇرى قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 21:36 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شەھەر قاتناش تارماقلىرىنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىنى تۈزەش سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىمۇ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. «ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك، ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك» ئىدىيەسى بارا-بارا كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش بازىرى شىددەت بىلەن ئالقىشقا ئېرىشتى. بىراق «ھاراق ئىچىكەنلەرگە ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش» ھەرىكىتى بىخەتەرلىك ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئاپتوموبىل ئىگىسى چېن ئەپەندى ئازىراق ھاراق ئىچكەنلىكى سەۋەبلىك بىر ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرىنى تەكلىپ قىلدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن چېن ئەپەندى ماشىنىسىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدى. قىسقا ئۇچۇردىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىشىنىڭ ۋاقتى دەل ئۇنىڭ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرىنى تەكلىپ قىلغان شۇ كۈنى كەچ ئىدى. قاتناش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتوموبىل سۈرئىتى %50تىن ئېشىپ كەتسە 12 نومۇر تارتىلىپ، 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ چاغدا، چېن ئەپەندى بەئەينى قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى! قاتناش ساقچىلىرى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئادەتتە «كىم ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن بولسا، شۇ مەسئۇل بولىدۇ» پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىپ جەرىمانە قويىدۇ. ئاقىۋەتتە، شۇ كۈندىكى ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇر قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى، چېن ئەپەندىمۇ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدىگەنلىك ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەچكە، ئامالسىز جەرىمانىنى ئۆزى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.

كۆپلىگەن ماشىنا ئىگىلىرى يىغىلىشلارغا قاتناشقاندا ماشىنىسىنى ھەيدەپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرلىرىنى چاقىرىدۇ. بىراق شوپۇر بەزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەش داۋامىدا ماشنىنى سوقىۋەتسىغۇ دېيىشكىلى بولىدۇ، ئەمما ئادەمنى سوقىۋەتسە تامغا ئۈسسىۈۋالغان بىلەنمۇ بىكار. خوش، ئۇنداقتا، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش داۋامىدا راسىتنلا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ قالسا، زادى كىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ ماشىنا ئىگىسى؟ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرى؟ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شىركىتى؟

بۇنىڭغا قارىتا بىز مەخسۇس مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن ھەقلىق ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىشنىڭ «ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى»نىڭ 49-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى ئىگەللىدۇق: ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولماي قالغاندا، قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ؛ يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.  

بۇنىڭدىن باشقا، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شىركىتى بىلەن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرى ئارىسىدا ياللاش-ياللىنىش مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 9–ماددىسىدا: ياللانغۇچى ياللىما ئىشتا باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا ياللىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ياللانغۇچىلاردىن كىشىلەرگە قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن زىيان يەتكۈزگەنلىرى چاتما جاۋابكارلىقنى ياللىغۇچى بىلەن بىللە ئۈستىگە ئالىدۇ. ياللىغۇچىلاردىن چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىرى ياللانغۇچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

بىز يەنە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا نىسبەتەن پىراۋ بولسىلا كۇپايە بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بېجىرىشنىڭ ئورنى يوق ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ئادۋوكاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرىنى ئىزدىگەندە ئەڭ ياخشىسىى مۇنتىزىم ۋاكالەتچى شىركەتنى ئىزدەش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھادىسە ياكى جېدەل-ماجرا يۈز بەرگەندە، ئوخشىمىغان ھادىسە مەسئۇلىيتىگە قارىتا ھەركىم ئۆز ئېھتىياجى بويىچە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ھەمدە تۆلەمنى ئۈستىگە ئالىدۇ. خۇسۇسىي ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر بىلەن تالاش-تارتىش كۆرۈلسە ماشىنا ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى تەسكە چۈشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ھازىر نۇرغۇنلىغان ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش سۇپىلىرىنىڭ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرلىرىغا بولغان تەلىپىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، «دىدى ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش» (滴滴代驾) بىلەن «e ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش» (e代驾)نىڭ تەلىپى بولسا شوپۇرلۇق سىتاژى 5 يىلدىن كەم بولماسلىق؛ «بىخەتەر ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش» (安代驾)نىڭ تەلىپى بولسا، شوپۇرلۇق سىتاژى 3 يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك ئىكەن. «دىدى ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش»تىكى ۋۇ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، شىركەت يەنە ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش شوپۇرلىقىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرىدىغان بولۇپ، ئەگەر قائىدە خىلاپلىق قىلمىشى بولسا ئىلتىماسى تەستىقلانمايدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号