باش بەت

Saharqi

117يوللانما
1مەستانە

سامسۇڭ Note 8دا بار، ئەمما iPhoneدا يوق سەككىز ئىقتىدار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 23:16 67 ئىنكاس چۈشتى

Galaxy Note 8نى سامسۇڭنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ تولۇق بايراقدار يانفونى دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈن بىز Galaxy Note 8 قىلالايدىغان، بىراق iPhone قىلالمايدىغان ئىشلار ئۈستىدە توختىلىمىز.

Galaxy Note 8غا 64GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەندىن سىرت، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 256GB سىغىم كارتا قوللايدۇ، iPhoneدا پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچلا بار. نۆۋەتتە iPhone 7 تۈرىدىكى يانفونلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 256GBغا يېتىدۇ، بىراق iPhone 8غا سەپلىنىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ 512GB بولۇشى مۇمكىن.

Galaxy Note 8 قەلەم تونۇيدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر S Pen ئارقىلىق يانفوننىڭ ئېكرانىغا خەت يازسا بولىدۇ، شۇنداقلا Live Message ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يازغان خەتلەرنى GIF ھالىتىدە ساقلىيالايدۇ، ئاندىن قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە باشقىلارغا يوللىيالايدۇ. بىراق iPhoneدا بۇ ئىقتىدار يوق، خەۋەرلەردە دېيىلىۋاتقان iPhone 8دىمۇ بۇ ئىقتىدار تىلغا ئېلىنمىغان.

Galaxy Note 8 رەڭدار پەردە پەرق ئېتىش ئارقىلىق قۇلۇپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، iPhone بولسا پەقەت مەخپىي نومۇر ياكى بارماق ئىزى ئارقىلىق قۇلۇپ ئېچىشنىلا قوللايدۇ، خەۋەرلەردە تارقىلىۋاتقان iPhone 8دە Face ID چىراي تونۇش ئىقتىدارى Touch ID ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

Galaxy Note 8غا سىمسىز توك قاچىلىغىلى بولىدۇ، بىراق ھازىرقى iPhoneدا بۇ ئىقتىدار يوق، دېيىلىشىچە يېڭىدىن ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 8غا بۇ ئىقتىدار قوشۇلىدىكەن، ئالدىنقى ئايدا توردا iPhone 8نىڭ زەرەتلىگۈچىنىڭ رەسىملىرى تارقالغان.

Galaxy Note 8 يانفونىنى سامسۇڭنىڭ DeX كېڭەيتكۈچىسى ئارقىلىق كومپيۇتېر ئېكرانىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، DeX ئارقىلىق يانفون بىلەن مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسىنى چاتقىلى بولىدۇ. iPhoneنىڭ ئېكرانىنى كومپيۇتېر ئېكرانىغا ياكى تېلېۋىزور ئېكرانىغا تەسۋىر چۈشۈرگىلى بولىدۇ، بىراق كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن مائۇس چاتقىلى بولمايدۇ.

Galaxy Note 8نىڭ ئارقا تەرىپىگە سەپلەنگەن ئىككى كامېرا نۇر تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، بىراق iPhone 7 Plusدىكى پەقەت بىر كامېرا بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە.

Galaxy Note 8 يانفونىدا رەسىمگە تارتىشتىن بۇرۇن ياكى رەسىمگە تارتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ رەسىمنىڭ غۇۋا ئۈنۈمىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، iPhone 7 Plusدا بۇ خىل ئىقتىدار يوق.

Galaxy Note 8نىڭ ئېكرانى خېلىلا چوڭ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى دېتالنى ئىجرا قىلالايدۇ، 5.5 دىيۇملۇق iPhone 7 Plusدا ئاران بىرلا دېتالنى ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەخىت سەپىرى2 ئاي ئىلگىرى

    تىلفۇن تالىشىپ ئۇرۇشماڭلا ھىي يەنىلا مىنىڭ VIVO X9ياخشى

  • ئۆمەرجان2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخاننىڭ ئىرى دەپ ئىسىم قۇيۇۋالغان بوۋاي قۇيۇۋالغان ئىسمىڭىزغا قاراپ دەششەت كۈلۈپتىمەن ئەما …توۋا ئەجەپ قىززىق ئادەملەر باركەنغۇ بۇ نۇر تورىدا ھا ھا ھا …

  • 177******592 ئاي ئىلگىرى

    نەچچە مىڭ يۈەنگە يېقىن

  • nixanim2 ئاي ئىلگىرى

    داداڭلاردىنمۇ بەكرەك ئىشىنىدىكەنسىلەر باللار تىلىفۇنغۇ شۇ .... پۇلۇڭلار جىق نوچىكەنسىلەر ...مانا مەن ھاياتىمدا 4- تىلىغۇنۇم ھەممىسى قاتمىدى يا پارتلاپ كەتمىدى يا چاتاقچىقمىدى ،..ھەممىنى قوشسامما 3 مىڭدىن ئاشمىغىدەك 10 يىل ئشلىتىپ تىمەن

  • سەلتەنەتلك5منۇت2 ئاي ئىلگىرى

    قەدرۇس ئالما شركىتىنڭ ئنزېنىرمۇ نىمە نىمگە ئھتياجلىق بولسا تور بىلەن كومپيوتىردىن ئايرللالمايدىغان ئەپسز قۇرۇق سۆلەت ئالمىنى رومان سۇپەت تەرپلىۋىتپتغۇ

  • ئارمان2 ئاي ئىلگىرى

    كەتمەننى يوقسۇل چاپقان بىلەن مانتىنى باي غوجاملا شۆپۈكلۈپ يەيدۇ ، تولا ئاق يەردىن نان تالىشىپ قوۋۇرغامنى ئەگمەڭلا باللا،ئىنكاس دىگەن ئىنكاس قوللاش چوقۇنۇش دىگەن ئۇ باشقا

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنى قاتمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ توكى تۇگەيدۇ دەپ ئۇيۇنمۇ ئوينىمايدۇ

  • ئاتەش2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇرۇشماڭلار نۇرداشلار ھەممىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ قولىدىكى يانفون ياخشى

  • ئاكاڭ2 ئاي ئىلگىرى

    كاللىسى 2000يىلدا قالغان ئادەملەر بەك كۆپكەن جىمۇ ھازىرمۇ ،
    ھازىر قايسى زامان 1000يۇەنلىك تىلفۇنلارمۇ قاتمايدۇ ،
    ئالما 6,6s,7 دە نىم يىڭلىق بار، ئوخشاش چىقرىۋىردىكەن ،
    بۇيىل 7s دەپ يەنە ئوخشاش چىقرىپ قۇيۇپ ئولتۇردۇ،

  • ھەسەل2 ئاي ئىلگىرى

    بىر جان نۇرداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن ، ئالما ئەقلى ئەمگەك بىلەن تىخنىكا كەشىپ قىلدۇ، سەنشىڭ ئۇلارنىڭ بۇيرىتقىنى بويچە ئىشلەپ تەمىنلەيدۇ ۋە شۇنىڭدىن ئۆرنەك ئىلىپ ئۆزمەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىدۇ، ھەقىقى قىممەت يارىتش بولسا ئىجاد قىلىش ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号