باش بەت

zefer

613يوللانما
35مەستانە

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتوموبىلنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلماقتا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 22:50 0 ئىنكاس چۈشتى

ئادەمنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى كەڭ قوللىنىلماقتا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، قاتناش جەھەتتە شەخسنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشتىن باشقا، چىقىمداننىڭ ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىمۇ چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يېقىندا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل «چىراي تونۇش» تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلدى، بىراق ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ خىل تېخنىكا ئادەمگە ئەمەس، بەلكى تۆت چاقلىق ئائىلە ئاپتوموبىلىغا ئىشلىتىلەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تېخنىكا ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى ئالاھىدىلىكى ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيدىكەن، خاتىرىلەش ۋە ئانالىز قىلىشقا ماھىر بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىزدەپ تاپالايدىكەن.

تەتقىقاتچىلار بۇ «ئاپتوموبىل چىرايىنى تونۇش» تېخنىكىسىغا Repression Network دەپ ئات قويغان بولۇپ، ئاپتوموبىل تىپىنى پەرقلەندۈرۈش ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىكەن، بىرى، ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىكى «ئادەتتىكى تەپسىلات»لار، مەسىلەن رەڭ، ماركا، تىپ نومۇرى قاتارلىقلار؛ يەنە بىرى، ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىدىكى كەمتۈك ۋە زەخىمىلەر ئىكەن. تەسۋىرلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر سىستېمىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكىنى توغرا سۈرەتكە ئالالايدىغان كامېراسى بار بولۇپ، كامېرا ئاپتوموبىل ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىچكى قىسىمدىكى سىستېما خاتىرىلەنگەن سۈرەتنى پەرقلەندۈرىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى باسقۇچتا، Repression Network سىستېمىسىنىڭ قاچان ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تېخى بېكىتكىلى بولمايدىكەن، چۈنكى بۇ سىستېما شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما بېكىتىشكە بولىدىغىنى بولسا، ئەگەر مەزكۇر سىستېما كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىدا خاتىرىلەنگەن ئاپتوموبىل سۈرەتلىرىنى پەرقلەندۈرەلىسە، ئاپتوموبىل ئوغرىلاش قاتارلىق دېلولارنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە دېيىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېكامىراسىنىڭ كەڭ ئىشلىتىلىشىگە ماسلىشىپ، بىر غايەت زور سۈرەت ۋە سىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىزدەشنى مۇھىم تېخنىكىلىق قوللاش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

گەرچە نومۇر تاختىسى ئاپتوموبىلنىڭ مۇھىم بىر سالاھىيەت ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن نازارەت قىلىش تېلېكامىرالىرى تەسۋىر سىيرىش ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا نومۇر تاختىسىنى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنىڭ سان بىلەن ھەرپ ئارىلاشقان چاغدىكى پەرقلەندۈرۈش ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار. مەسىلەن، 8 بىلەن Bنى، O بىلەن D ياكى 0نى پەرقلەندۈرۈش. شۇڭا ئۇلار بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكى سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان ئېنىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号