باش بەت

چالىقۇش

1038يوللانما
155مەستانە

كۆڭلى بۆلۈنگەن ئەرلەر يوشۇرالمايدىغان 20 خىل ئەھۋال

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 22:26 22 ئىنكاس چۈشتى

 ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلى بۆلۈنسە، چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ھەرقانچە ساختىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىنچىكە دىققەت قىلسىڭىز يەنىلا بايقىۋالالايسىز. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئېرىڭىزدىمۇ تۆۋەندىكى 20 خىل ئەھۋال مەۋجۇتمۇ؟

   1. ئۇ ئەتكەن تاماقلىرىڭىزنى دائىم ياراتمايدۇ. تامىقىڭىز گەرچە ناھايىتى يېيىشلىك بولسىمۇ، قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ، ھەمىشە تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدۇ.

   2. ئاخشىمى ئۇخلىغاندا سىزنى قۇچاقلىمايدۇ. دائىم دۈمبىسىنى قىلىپ يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىدۇ. نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىز بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، ھېسسىياتىڭىز بىلەنمۇ كارى بولمايدۇ.

   3. سىزنى ئىلگىرىكىدەك ‹‹سۆيۈملۈكۈم›› دەپ چاقىرمايدۇ. تېلېفون قىلسىڭىز ھەر خىل باھانە–سەۋەبلەر بىلەن تېزلا ئۈزۈۋېتىدۇ. ھەمىشە «توكى يوق» دېگەننى باھانە قىلىپ يانفونىنى ئېتىۋالىدۇ، ھەرقانداق زارلىنىشىڭىزغا قۇلاق سالمايدۇ.

   4. تۇرمۇشتا ئانچە تەشەببۇسكار بولمايدۇ، ھەتتا ئەر–ئاياللىق مۇناسىۋەتنىمۇ ۋەزىپە دەپ قاراپ سىزگە قىزىقمايدۇ. بەزىدە ئامالسىزلىقتىن سىزگە مەجبۇرىي يېقىنلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا يېڭى تونۇشقان ۋاقىتتىكىدەك ھېسسىياتچان بولمايدۇ.

   5. سىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرمەيدۇ. كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئوچۇق–يورۇق، قىزغىن بولمايدۇ، كەلسە–كەلمەس ئاچچىقلىنىپ، بىزار بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

   6. ئۇنىڭ «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېيىشىنى تەلەپ قىلغىنىڭىزدا، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلىك نەزەر بىلەن قۇلىقىڭىزغا ئاستا شىۋىرلىمايدۇ، بەلكى سىزدىن «سەن بىكار بولۇپ قالمىغانسەن» دەپ سورايدۇ.

   7. ئۇنىڭغا ئاۋۋالقىدەك ئەركىلىسىڭىز، ئۇ سىزنى ئوماق دېمەستىن، بەلكى ئورۇنسىز ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ سىزگە ئاچچىقلىنىدۇ.

   8. كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغان كۈنلەردە ھەرگىزمۇ قېشىڭىزغا كېلىپ تەسەللى بەرمەيدۇ. نېمە سەۋەبتىن ئازابلانغانلىقىڭىزنى سوراپمۇ قويمايدۇ، بەلكى پەرۋاسىز ھالدا ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ.

   9. مەخپىي پۇل يىغىدۇ. بىرمۇنچە قۇرۇق گەپ قىلىپ، تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ يانچۇقىنى توملاشقا ئۇرۇنىدۇ.

   10. ئىشتىن ۋاقتىدا چۈشمەيدۇ، بەلكى ئىشخانىدىن ئەڭ ئارقىدا چىقىپ ئۆيگە كېلىپلا يېتىۋالىدۇ. قەستەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن قورسىقىدا نۇرغۇن نەيرەڭلەرنى ئويلايدۇ.

   11. قۇلىقىغا ئاستاغىنا پىچىرلىسىڭىز ھەرگىز رومانتىكلىق ھېس قىلمايدۇ، ئەكسىچە بىزارلىق ھېس قىلىدۇ، ھەتتا تېخى «يۇقىرىراق ئاۋازدا گەپ قىلغىنا» ياكى «سەن زېرىكمىدىڭمۇ» دەيدۇ.

   12. يالغاندىن ساراڭ بولۇۋالىدۇ. ئىشتىن ھېرىپ كەلگەنلىكىڭىزنى كۆرسىمۇ قەستەن كۆرمەسكە سالىدۇ. گۇمانلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلسىمۇ يەنىلا گۇناھسىز قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.

   13. كىچىككىنە، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. سىز قىلغان ھەرقانداق ئىشقا بىردەك ئاچچىقلايدۇ.

   14. ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئېسىدە قېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ ئاستا–ئاستا ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ھەتتا مۇھىم خاتىرە كۈنلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ.

   15. يولدا كېتىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سىمتاناپ تۈۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كەتسىڭىز، ئۇ ئىلگىرىكىدەك تەسەللى بەرمەيدۇ، بەلكى «قارىغۇ بولۇپ قالدىڭمۇ» دەپ سىزنى بىكاردىن بىكار ئەيىبلەيدۇ.

   16. ئۆي ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇخلايدىغان جايغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆيدە سىز بىلەن مۇڭداشمايدۇ، ئانچە ھاياجانلانمايدۇ، ئۆيگە كىرسىلا ئۇخلايدۇ.

   17. ئۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ھە دېسىلا كوماندىروپكىنى باھانە قىلىدۇ، لېكىن نەگە بارغانلىقىنى پەقەت بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر بۇنى سوراپ قويسىڭىز يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئەدىپىڭىزنى بېرىدۇ.

   18. قىتىغۇرلۇق قىلىپ كىيىنىشىڭىزدىن قۇسۇر ئىزدەپ، گىرىم قىلىشىڭىزغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ. تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، چېچىنى تېخىمۇ چىرايلىق ياسىتىدىغان، سۈپەتلىك، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

   19. غەيرىي تېلېفون كەلسىلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ خالىي جايدا پاراڭلىشىدۇ. ئەگەر سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىسا گەپنى قىسقا قىلىپ، تېلېفوننى ئالدىراپ قويۇۋېتىدۇ.

   20. ئەسلىي x يىلى پەرزەنتلىك بولۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ قەستەن پەرزەنتلىك بولۇش ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرىدۇ.

   ئادەملەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ئوخشىمىغانلىقتىن ئېرىڭىزدە يۇقىرىقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن. قالغانلىرىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

تۈرگەن تەرجىمىسى


باش سۈرەت تاللاش x
  • با ھار3 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشىمۇسىلە،دۇسلار مەن يڭى كىردىم ،منىڭ يولدۇشۇمدە،بۇ،ماددلارنڭ،ھېچقايسى ،يوقكەن ئۇنىڭغا ئشنمەن،منى بەك ياخشى كۆرىدۇ،مەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ،ئۇنىڭغا سالامەتلك،تىلەيمەن ،

  • شەبنەم2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىڭ كۆپىنچىسى توغرا مىنىڭ يولدىشىممۇ شۇنداق ئىدى مەن گۇمان قىلغان ئىچىلمايدىغان سىر يوق دىگەندەك ئاخىرى ئىچىلدى لىكىم بالام ئىككى سەۋىرى قىلدىم ھالۋىمۇ پىشاي دەپ قالدى

  • 135******802 ئاي ئىلگىرى

    ما خەۋەرنى مەن كۈرپ سالغىنمغا قاتتق پۇشايمان قىلۋاتىمەن ،چالاقۇشى ،مىنلا يزپسىز ئەمەسمۇ ،يا مىنى تۇنۇمىسڭز ،رۇخستىمنى ئلپ يازسىڭزچۇ كاشكى

  • 150******252 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ تېمىنى يۈز پىرسەنت ئايال كىشى يازغان

  • ئالىيە2 ئاي ئىلگىرى

    ئەھ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ 90%تى يولدۇشۇمدا با، ئۇ كەچلىكى يېتىپ تېلفۇندا يوۋشى ئوينايدۇ تاڭ ئاتاغا يېقىن ئۇخلايدۇ، مەن بىلەن كارى يوق كۆپىنچە، مەن كۆرگەن كىنونى ئۆچۈرۋېتىپ ئۆزى خالىغاننى ئاچىدۇ، تاماقتىنمۇ قوسۇر تاپىدۇ، قوپال مىجەزى، ئۆزىچە پۇللارنى يۇشۇرۇپ ساقلايدۇ، بىلمەسكە سالىمەن بىراق نىمە ئالدىغىنىنىمۇ سېزىپ تۇرىمەن، نەچچە يۈز يىغسا سائەتتەك نەرسىلەرنى ئالىدۇ، نەچچە مىڭ يىغسا ئالما تېلفۇن ئالىدۇ، قىزىقىشى شۇ، قىسقىسى ئۇنىڭ كۆڭلى بۆلۈنگىنى ئەمەس مەن بىلىمەن ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق كۆپىنچە چاغلاردا ماڭا ۋاي دىمىگەندەك ھالەتكە كىرىۋالىدۇ شۇڭا بۇ قىلىقلىرىغا بەك پەرۋا قىپ كەتمەيمەن،

  • ئارمان2 ئاي ئىلگىرى

    سابا:
    ئاياللاردا ئۇنداق سەۋەپ كۆرۈلسە چۇقۇم خىيالىغا شامال تەگكەن مەلۇم،

  • سابا2 ئاي ئىلگىرى

    ئاياللاردا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۇلسە بۇنىڭ سەۋەبى نىمە

  • قەشقەر2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى مەندە باركەن، خۇددى مەن دەپ بەرگەندەكلا، مىنى يازغاندەكلا يىزىپتۇ، ئۇيلاپ باقسام ئايالىمغا ھەقىقەتەنمۇ يۇز كىلەلمەيدىكەنمەن، بۇنى ئۇقۇپ چۇڭقۇر تەربىيە ئالدىم، ئەمدى ئايالىمغا يۇز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ياش چىقارمايمەن، ياخشى دەرىسلىك بۇلدى مەن ئۇچۇن،

  • مىسكىن قەلىپ2 ئاي ئىلگىرى

    سەبى راس دەيسىز ، مەنمۇ يولدىشىمنىڭ سىرىتقا قاراپ قالغىننى بىلىپ ئازاپلانساممۇ ئىچىمگە سىلىپ يۈرگەن ئەمما ئۆيگە باشلاپ بارغاندىن كىيىن سەۋىر قىلالماي بىر ئوغلۇمنى يىتىم قىلىپ ئاجىرشىپ كەتكەنتىم 7 يىلنىڭ بىرىسى ، بالامنى يىتىمنىڭ ئالدىغا ئاپارمايمەن دەپ توي قىلماي ئۆتىۋارىمەن ، باشتا سىزگە ئوخشاش سەۋەر قىلغان بولسام ، بۇ چاققا غورىدىن ھالۋا پىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس بولغىيتى بەلكىم

  • ئىمتىياز2 ئاي ئىلگىرى

    ۋوي ۋوي ۋوي چالىقۇشى خانقىز ماڭا مۇشۇ يازمىڭىز ئارقىلق باش ئاغرىقى تىپىپ بەردىڭىز جىمۇ ، مەن كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھىرىپ چارچاش ياكى ئادەت سەۋەبىدىن ، كىچدە ياتقاندا ئايالىمنى قۇچاقلىماي ياتاتتىم ئايالىممۇ بۇ، ئىشىمغا بۇرۇندىن قاخشاپ تۇراتتى .ئەمدى ماۋۇ يازمىڭىزنى كۆرسە مىنڭ كۈنۇم تەس………… . يازما يوللىغاندا بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشنى ئازراق تەشەببۇس قىلىنسا.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号