باش بەت

Kelly

1665يوللانما
129مەستانە

ئامىرخان بىلەن پرىيانكا چوپرا فىلىمدە باش رول ئالامدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 22:40 0 ئىنكاس چۈشتى

پرىيانكا چوپرانىڭ كېينكى بوللىۋود فىلىمى توغرىلىق خەۋەرلەر كىشىلەرنى قىزىقتۇرماقتا ۋە مۇنازىرىگە سالماقتا. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئارتىسنىڭ بىرقانچە فىلىمدە رول ئېلىدىغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر بېرىلگەن لېكىن رەسمىي دەلىللەش بولمىغان.

تۈنۈگۈن نوپۇزلۇق تاراتقۇ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پرىيانكا چوپرا بەلكىم ئامىرخان بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىسى راكېش شارما بىئوگرافىيەلىك فىلىمىدە باش رول ئالىدىكەن. بۇ فىلىمگە «Salute»دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، فىلمدە ئامىرخان ئالەم ئۇچقۇچىسى راكېش شارمانىڭ رولىنى، پرىيانكا چوپرا راكېش شارمانىڭ ئايالىنىڭ رولىنى ئالىدىكەن.

لېكىن بۇ پەزەرلەرگە قارىتا پرىيانكا چوپرانىڭ ئاپىسى مادھۇ زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ھازىر پرىيانكانىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، بوللىۋود فىلىملىرىگە ۋاقتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ يەنە «ئۇ كېلەركى ئايدىن باشلاپ Quanticoنىڭ كېينكى بۆلۈمىنى سۈرەتكە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم ..» دېدى.

مادھۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Quanticoنىڭ يېڭى بۆلۈمى ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمگە ئوخشاش 20نەچچە قىسىم ئەمەس پەقەت 13 قىسىم بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا پرىيانكا يېقىندا جىم پارسونس، كلەير دەنىس بىلەن يېڭى ھوللىۋود فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى فىلىمىدە پرىيانكا رېبېل ۋىلسون، لايىم خەمسۋورس قاتارلىقلار بىلەن رول ئالىدىكەن.

پرىيانكا ھازىر بومبايدا بولۇپ، بۇ يەردە ئۇ ھازىر ئۆزى ئوبراز ۋەكىلى بولغان ماركىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن دەم ئېلىش پەيتلىرىدىن ھورۇزلىنىۋاتىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号