باش بەت

zefer

613يوللانما
35مەستانە

ماشىنا ئادەملەر قانچە تىرىشسىمۇ ئادەملەرنىڭ بۇ كەسىپلىرىنى تارتىۋالالمايدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 09:00 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نوپۇزلۇق ئىستىراتېگىيە ۋە ئانالىز ئورگىنى Pew ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، يېرىمىدىن كۆپرەك ئامېرىكىلىق كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ماشىنا ئادەملەرنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. گەرچە نۇرغۇن خىزمەتلەر ماشىنا ئادەمنىڭ تارتىۋېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى خىزمەتلەردە ماشىنا ئادەم ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاقە تورى ۋە پەن-تەتقىقات مەسئۇلى رېينىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بەزى ئىشلار ناھايىتى مۇرەككەپ، ماشىنا ئادەمگە ھۆددىگە بېرىشكە بولمايدۇ، مەسىلەن ساتىراش، دوختۇر، سىستېرا ياكى فىزىكىلىق داۋالاش ئۇستىسى قاتارلىقلار. بۇ خىزمەتلەردە ماشىنا ئادەم ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى ئالالمايلا قالماستىن، كەلگۈسىدە مۇقىم تەرەققىي قىلىدۇ.»

رېينىي مۇنداق دېدى: «مەيلى داۋالاش ساھەسى ياكى باشقا ساھەلەر بولسۇن،  ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھەر قانداق خىزمەت ماشىنا ئادەمنىڭ قەستىدىن ساق قېلىشى مۇمكىن. پەن-تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكىغا چېتىلىدىغان خىزمەتلەرمۇ بۇ بالا-قازادىن ئامان قېلىشى مۇمكىن.» ئۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «كەلگۈسىدە ھېسابلاش ئۇسۇلى تۈزگۈچى ۋە باھالىغۇچى بەك ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مائارىپ ۋە قايتا تەربىيەلەشمۇ ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى يېقىن يولاتمايدۇ. بىر قىسىم شىركەتلەر، ئالىي مەكتەپلەر ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تۈرلۈك تەربىيەلەش پىلانى بىلەن تەمىنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان خىزمەت مۇھىتىغا ماسلىشىدۇ. ئالىي مائارىپنىڭ سودا ئەندىزىسىنى زور زەربىگە ئۇچرايدۇ.»

«نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر قاتمۇقات بېسىم ھېس قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار يېڭى خىزمەت مۇھىتىغا ماسلىشالايدىغان بىر تۈركۈم لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىشى كېرەك. ئۇلار دەرسخانىدا ئۆگىنىش ۋە توردا ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويىدۇ.»

ئالىي مائارىپ ئۇنۋانى بولمىغان جىسمانىي ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن، ياخشى پىكىرلىشىش ماھارىتى ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر قاتارلىق ناھايىتى زۆرۈر. ماشىنا ئادەم نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، لېكىن ئۇ بۇ ماھارەتلەرنى ئۆگىنەلمەيدۇ.

رېينىي يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «كەلگۈسىدە بارلىق ئەمگەكچىلەر ماشىنا ئادەمدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىشكە موھتاج.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    سامسىپەز بىلەن ناۋاينىڭ ھۈنىرىنى تارتىۋالمايدىكەن ھەرنىمە بولسا.ماشىنا ئادەم ھەرقانچە تەرەققى قىلسىمۇ سامسا بىلەن ناننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماس.

  • بىر2 ئاي ئىلگىرى

    نەخ مەن دىمەكچى بولغان گەپنى تاپتىڭىز ،تاماخور نۇرداش ،

  • تاماخور2 ئاي ئىلگىرى

    تارتىۋالىدۇ ئازلا قالدى . قاپاق كاللىغا بىلىمنى لىقلا قاچىلمىساق تۈمۈرلەرگە ئۇتتۇرۇپ قۇيمىز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号