باش بەت

ئىدىقۇت887

6827يوللانما
11مەستانە

ھىندىستانلىق ئەر-ئايال ئامېرىكىغا بېرىپ كېلىنىنى ئۇرۇپ دۇمبالىدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 09:35 11 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى ئۇنۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتلىق ساقچى تەرەپ 2-سېنتەبىر كۈنى يولدىشى ۋە قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى تەرىپىدىن ئۇرۇپ دۇمبالىنىپ خورلانغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ھىندىستانلىق ئايالنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغىنى شۇكى، بۇ ئايالنىڭ قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى ئوغلىغا ياردەملىشىپ كېلىنىنىڭ <تاناۋىنى تارتىش> ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاتايىتەن ھىندىستاندىن ئامېرىكىغا كەلگەنىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتى خىللىسبورگ ناھىيەلىك (Hillsborough County) ساقچى ئىدارىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن سىلكىي گەيند (Silky Gaind) ئىسىملىك ئايال ھىندىستاندىكى ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا يولدىشى ۋە قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى تەرىپىدىن ئۇرۇپ خورلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، كەينىدىن بۇ ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ئامېرىكىدىكى ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغانىكەن.

ساقچى تەرەپنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، سىلكىي ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ يولدىشى دېۋبىر كالسى (Devbir Kalsi) ئۇنى فىلورىدا شىتاتىدىكى ئۆيىگە سولاپ قويغان بولۇپ، سىلكىينىڭ قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى كالسىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن <گەپ ئاڭلىمايدىغان كېلىنىگە نەسىھەت قىلىپ تاناۋىنى تارتىپ قويۇش> ئۈچۈن ئاتايىتەن ھىندىستاندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن. بىر ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىلگىرى سىلكىي تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئىشىكىنى نۇرغۇن قېتىم چەككەن بولسىمۇ لېكىن ئۆي ئىچىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىغان. كەينىدىن سىلكىي ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ سىرتقا چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يولدىشى ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىگەن، ئاخىرى ساقچىلار ئامالسىز ئىشىكنى مەجبۇرىي تېپىپ ئىچىپ ئۆيگە كىرگەن. ساقچىلار كالسى ئىسىملىك ئەرنىڭ قولىغا كويزا سالغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن.

ساقچى تەرەپنىڭ قولغا ئېلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كالسى ۋە سىلكىي ئىسىملىك ئەر-ئايال 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە تەگىشىپ قالغان بولۇپ، كالسى ئايالىنى كەينى-كەينىدىن ئۇرۇپ دۇمبالىغان. سىلكىي يولدىشىنىڭ ئۇرۇپ-دۇمبالىشىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكچى بولغاندا، ھىندىستاندىن كەلگەن قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىمۇ قوشۇلۇپ ئۇرۇپ تېپىشكە باشلىغان. ئەينى چاغدا سىلكىينىڭ قۇچىقىدا بىر ياشلىق قىزى بار بولۇپ، بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا قىز بوۋاقمۇ يارىلانغان. سىلكىينىڭ قېيىنئاتىسى جاسبىر كالسى (Jasbir Kalsi) پىچاق بىلەن ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان، ئۇلار سىلكىينى بىر ئېغىز ئۆيگە سولاپ قويغان ھەم يانفونىنى تارتىۋالغان. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قوشنىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: <بۇ ھەقىقەتەن ئۇۋالچىلىق بوپتۇ، ئەسلىدە ھېچكىم بۇنداق خورلۇققا ئۇچرىماسلىقى لازىم ئىدى. بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدۇ. ئەر-ئايال تەگىشىپ قالغان يەردە يەنە بىر ياشقا كىرگەن بوۋاقمۇ بار ئىكەن، كىممۇ ئايالى بىلەن تەگىشىپ قالسا ئاتا-ئانىسىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ دەيسىز؟>.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    ئىمكان شامال چىقمسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلگىلى بولمىسمۇ لىكىن سۇپتىڭىزنى ساقلاڭ

  • 130******702 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق بىمەنە ئىشلار.ھىندىستاندىلا چىقامدۇ ياكى ھىندىستاننىڭكىنىلا ئاڭلانغاندىمىز.

  • سابا2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق ئشلار ئەتراپىمىزدىمۇ بار پەقەت بىزنىڭ جاۋراڭ سىلىپ يۇرمەيدىغان يىرىمىز با

  • قارقۇچقار2 ئاي ئىلگىرى

    بەك قاملاشقان گۈيكەن ئاۋۇ راسلا

  • ئىمكان2 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ ئېرىمنىڭ، جۇپتىكەن ماۋۇ لاتا گۇي…
    ئاتائانىسىنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، خوتۇنىنى باشقۇرغۇزىدىغان…

  • huojia532*2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىڭدىن قارىغاندا« ھىندىستان پۇقراسى ئامرىكا پۇقراسىنى ئۇردى…»دىگەن گەپ چىقىدىكەن-دە؟

  • ئەفسۇس2 ئاي ئىلگىرى

    توۋا قانداقلا خورلىنىش بولسا مۇشۇ ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ دىسە

  • خۇمارىم2 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىغا چىقىپ ھىندىستاننىڭ خەۋەرلىرنى كۆرسەملا كۈلكە باسىدىغان بوپ قالدى مىنى جاھاندىكى بارلىق غەلىتە ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇ ھىندىستاندىن چىقىدىكەن

  • ئادىل2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ھىندىلار نىمدىگەن غەلىتە، ئەرلىرى بەك لاتا ئىكەن جۇمۇ بۇلارنىڭ

  • رەھىمدىل2 ئاي ئىلگىرى

    بىزدىمۇ بارغۇ بۇنداق بولۇمسىز ئەرلەر، مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ سابىق ئېرى شۇنداق قىلغان، تېخى دوستۇمنىڭ قورسىقىدا يەتتە يېرىم ئايلىق بالىسى بارتى، ئاجرىشىمەن دىسە بالىنى چۈشۈرۋېتىسەن دەپ ئارقىغا كىرۋېلىپ،ھەتتا ئېرى ئانا بالا ئىشلەۋاتقان يېرىگىچە بېرىپ تەھدىت سېلىپ ئۇرۇشۇپ ،ئاخىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قۇتۇلدى. بالا تۇغۇلغىچە سوتتىن مەجبۇرى ئاجراشتۇرۋەتتى،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号