باش بەت

نۇسرەتگۈل

6490يوللانما
54مەستانە

ھەرقانداق تور قەرزى بېرىش ئورنىنىڭ ئىستۇدېنتلارغا قەرز بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 12:00 8 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 6-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مائارىپ مىنىستىرلىكى مالىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جيەنجۈن 6-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەكتەپ قەرزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججىتىگە ئاساسەن توردا قەرز بېرىدىغان ھەرقانداق تارماقنىڭ ئىستۇدېنتلارغا قەرز بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى، ئىستۇدېنتلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنتىزىم سودا بانكىلىرى ئىستۇدېنتلارغا قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەت قەرزى تۈرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جاۋ جيەنجۈن قاتارلىقلار مەملىكەتلىك 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ مېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار يۇقىرى ئىستېمالى سەۋەبلىك مەكتەپ قەرزى پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆلۈۋالدى. مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئىستېمال ئۇسۇلى ۋە ھازىر مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ-يوق؟

جاۋ جيەنجۈن: «ئىستۇدېنتلار نېمە ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قەرز ئالىدۇ؟ چۈنكى ئاتالمىش تور سۇپىلىرى ساختا تەشۋىقات قىلىپ، قەرز ئېلىشنىڭ ئاسانلىقى ھەمدە كېتىدىغان چىقىمنىڭ ئازلىقىنى ئېيتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە بىلىمى كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئالدىنىپ قەرز ئالىدۇ. ئۆسۈمى زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن قەرز سوممىسى بارغانسېرى كۆپىيىپ ئوقۇغۇچىلار قايتۇرۇپ بولالمىغۇدەك ھالغا كېلىدۇ» دېدى. 

جاۋ جيەنجۈن يەنە: «2016-يىلىدىن بۇيان مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى، بولۇپمۇ بانكا نازارەتچىلىك بىرلەشمىسى، ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بىر نەچچە ئورۇن بىرلىشىپ نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىش ھەمدە ھۆججەت چۈشۈرۈش ئارقىلىق مەكتەپ قەرزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ بېشى ۋە ئالدىنقى يېرىم يىلىدا مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ تارقاتقان مەكتەپ قەرزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججىتىدە مەكتەپ قەرزىنى ئوچۇق-ئاشكارا چەكلەپ ھەرقانداق تور قەرزى بېرىش تارمىقىنىڭ ئىستۇدېنتلارغا قەرز بەرسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىستۇدېنتلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنتىزىم سودا بانكىلىرى ئىستۇدېنتلارغا قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەت قەرزى تۈرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىقلاردىمۇ مۇشۇ كەسپ يولغا قويۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ مىنىستىرلىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل تەربىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئېڭىنى يۇقىرىلىتىش، خاراكتېرى ياخشى بولمىغان مەكتەپ قەرزى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 181******611 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ئوبدان بوپتۇ مۇشۇ ئىش بىلەن نۇرغۇن ئائىلە كىشىلىرى باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلغۇدەك نۇرغۇن باللىرىمىز ۋەيران بولدى ئەمەسمۇ بالدۇرراق يولغا قۇيۇلغان بولسىچۇ

  • ئىمىنجان رۇزى قۇتلۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭدەك خۇش خەۋەر بولمىسا كېرەك

  • ئەرباپ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا ئىش ئوخشاپتۇ ئەمدى،،،،،،،،

  • سەرۋە1 ھەپتە ئىلگىرى

    توردا قەرز بېرىشنى چەكلىگەنلىكى بەلەن ئىش بوپتۇ.

  • @:Subi1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەجەپ ئىسىل ئىش بوپتۇ يا،،،،،،

  • ناتونۇش1 ھەپتە ئىلگىرى

    بالدۇرراق مۇشۇنداق قىلغان بولسا ئۇغلۇممۇ مەكتەپتىن ھەيدىلىپ كەتمەيتى ئاىلىمىزمۇ بۇنداق بولۇپ كەتمەيتى ھەي ئامال يوقكەن چوقۇم قاتتىق تۇزەش كېرەك بونداق قىلمىشلارنى قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى سورۇشتۇرۇش كېرەك

  • بىلىمەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىر قەيەرگىلا قارىسا قەرىز بېرىمىز 10 سىكونتتىلا ھەل بولىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ،

  • دەردىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    زادى بەك بەلەن بوپتۇ مۇشۇ ئىش ئوتتۇز ھەرىپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号