باش بەت

نۇسرەتگۈل

6618يوللانما
60مەستانە

جۇڭگودىكى 4 قېتىملىق يەر تەۋرەشنى باشتىن كەچۈرگەن «پىسا قىيسىق مۇنارى»

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 13:14 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 7-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«جۇڭگودىكى پىسا قىيسىق مۇنارى» دەپ نام ئالغان ئابا ئوبلاستى جىبو پوتەيلىرى جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنمۇ ئاۋۋالقىدەكلا قەد كۆتۈرۈپ تۇردى.

جىبو پوتەيلىرى ئابا ئوبلاستى باركام شەھىرى سوڭگاڭ بازىرى جىبو كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغدىلىدىغان ئورۇن. بوشلۇقتىن قارىماققا بۇ پوتەيلەر جىبو كەنتى مەنزىرىسىگە باشقىچە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

بۇ پوتەيلەر تاغقا يانداپ سېلىنغان بولۇپ، جەنۇبتىكىسى كەنت ئىچىدە، شىمالدىكىسى كەنتنىڭ شىمالىدىكى تاغ ئومۇرتقىسىدا، ئىككى پوتەينىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 50 مېتىر كېلىدۇ.

بۇ پوتەيلەر چيەنلوڭ دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 43 مېتىر كېلىدۇ، سىرتى سەككىز قىرلىق، ئىچى يۇمىلاق، ئۈستىگە چىققانسېرى تارىيىدۇ. سەككىز قىرلىق پوتەينىڭ 300 نەچچە يىللىق تارىخى بار بولۇپ، قەدىمدە ئۇرۇش بولغان ۋاقىتلاردا خەت ئالاقىسى ۋە مۇداپىيەلىنىشكە ئىشلىتىلگەن.

جىبودىكى پوتەيلەر 1993-يىلى ديېشى بازىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى، 1976-يىلى سوڭپەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى، 2008-يىلى ۋېنچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى، شۇنداقلا تېخى يېقىندىلا جيۇجەيگۇدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى باشتىن ئۆتكۈزدى، قىيسىيىپ قالغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگودىكى «پىسا قىيسىق مۇنارى» دەپ ئاتالدى.

جىبودىكى پوتەيلەرنىڭ شەكلى مۇكەممەل بولۇپ، ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان، پوتەي سالغۇچىلارنىڭ ئىستېتىك قارىشى ۋە پىشقان ھۈنىرىنى نامايان قىلىدۇ، تارىخ ۋە قۇرۇلۇش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号