باش بەت

نۇسرەتگۈل

7731يوللانما
110مەستانە

ئارقارنىڭ مۈڭگۈزى توختىماي ئۆسۈپ ئېچىنىشلىق ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 14:30 24 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 7-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەركەك ئارقارلارنىڭ بىر جۈپ ئەگمە مۈڭگۈزلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، تۆۋەنگە قارىتا بۇرمىسىمان ھالەتتە ئۆسىدۇ. جۈپلىشىش مەزگىلىدە ئۇلار ئاشۇ بىر جۈپ كۈچتۈڭگۈر مۈڭگۈزىگە تايىنىپ جۈپلىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مۈڭگۈزى يەنە ياۋايى ھايۋاناتلاردىن قوغدىنىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بىراق، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. يېشى چوڭىيىپ قالغان ئەركەك ئارقارلار مۈڭگۈزى تاقىشىۋالغانلىقتىن ئوزۇق ئىزدەشكە ئامالسىز قېلىپ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

بىراق، بۇ ئارقارنىڭ ئۆلۈمى بەكلا ئېچىنىشلىق. ئۇ يىرتقۇچ ھايۋاناتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ياكى قېتىپ كېتىشتىن مۇستەسنا ھالدا ئۆز مۈڭگۈزى توختىماي ئۆسۈپ كۆزىنىڭ ئاستىغا سانجىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن.

بۇ ئارقارنىڭ مۈڭگۈزى سرتىغا ئەمەس، بەلكى چەمبەر شەكلىدە ئىچىگە قاراپ ئۆسكەن. ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا قانچىلىك قىينالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 130******342 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنى تۇتماق تەس ئۇ بىر ياۋايى ئۆچكە

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    قايسىڭلىنىڭ ئارقىرىتى بۇ، خاپا بولۇشۇپ كېتىشىپسىلە-يا.

  • تەنھا2 ئاي ئىلگىرى

    نانى.قوسىقىغا.يىمەي.دۇمبىسىگە.يەيدىغانلا.ئۇدىگەن.ياۋا.جاندار.قوتاندىكى.قۇي.ئەمەس

  • كونا فىلىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئارقارنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمايدىغان گالۋاڭلار خېلى باركەن

  • Tئۈمۈت2 ئاي ئىلگىرى

    قىزىق گەپ قىلىدىكەن بەزىلەر بۇ دېگەن ياۋايى ھايۋانلار تۇرسا تاغلىقتا ياشايدىغان،ئەگەر سىز چارۋا مەيدانىدا بۇنى باقسىڭىز ، ئاشۇنداق كېسىپ ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز بولىدۇ.لېكىن جاڭگالدا ئورماندا بۇنداق ھايۋانلار سان ساناقسىز.ئۇنى قانداقمۇ ھەر بىرىنى ھەرىدەپ بولغىلى بولسۇن

  • 177******342 ئاي ئىلگىرى

    ۋاقتىدا بايقاپ سويۋەتكەن بولسىچۇ بىچچارە ........

  • دار ۋېچ2 ئاي ئىلگىرى

    بۇلا ھەقاچان ئۇسىۋەرسە قانساق بولاكىن دەپ ئۇيۇن كوگەننىمە

  • زۇكام بوپ قالدىم2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دېگەن ياۋاي ھايۋان، ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن بايقاپتۇ،بولمىسا مۈڭگۈزىنى كېسىش ئەمەس ئۇنى يىراقتىن كۆرۈشمۇ بىر مەسىلە.

  • 135******522 ئاي ئىلگىرى

    ھەي بالىلار ئارقار دەيدۇ قوچقار ئەمەس... ئارقار دىگەن تاغدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋان، چارۋىچىلارنىڭ سەكىسى ئەمەس ئۇ

  • ROCK2 ئاي ئىلگىرى

    ئارقار دىگەن ياۋايى جانۋار، تەبىئەتتە ياشايدۇ. بۇ رەسىم ئۆلگەندىنكىن بايقالغان. مۈڭگۈزى ئۆسۈپ قالغاننىڭ مۈڭگۈزىنى كىسىمەن دەپ نەدە ئىزدەپ يۈرىدۇ بۇنى؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号