باش بەت

ئىرپان

2242يوللانما
128مەستانە

ھىندىستان Eicher ئاپتوموبىلچىلىقى 2 مىليارد دوللارغا DUCATIنى سېتىۋالماقچى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 16:00 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 7-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان «ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىلاسسىك موتسكلىت ماركىسى خان جەمەتى ئېنفلىد (Enfield)نىڭ ھازىرقى ئانا شىركىتى ھىندىستان Eicher ئاپتوموبىل شىركىتى (Eicher Motors) ئىتالىيەنىڭ موتسكىلىت ياساش كارخانىسى دۇكاتى (DUCATI)غا چەكلىمە خاراكتېرلىك سېتىۋېلىش تەكلىپى سۇنۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، 1 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئارىسىدا باھا قويغان.

Eicher ئاپتوموبىلچىلىقى مەبلەغ سېلىش بانكىسى ھەمدە مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرىنىڭ ھەمدە بولىشىدا، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتتىن بۇرۇن سېتىۋېلىش تەكلىپىنى سۇنۇشقا تەييارلانغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇچۇر مەنبەسىنى نەقىل قىلىپ دېيىشىچە، ئامېرىكا موتسكىلىت ماگناتى خارلېي-داۋىدسون (Harley-Davidson) ۋە ھىندىستان Bajaj Auto Ltdلارنىڭمۇ دۇكاتىنى سېتىۋېلىش ئويى بار ئىكەن، ھىندىستان Bajaj ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ ئانا شىركىتى گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى.

خان جەمەتى ئېنفلىد شىركىتى ئەنگلىيەنىڭ 20-ئەسىردىكى كونا داڭلىق ماركىسى بولۇپ، 1902-يىلى بىرىنچى موتسكىلىتىنى چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيەدىكى زاۋۇتى 1967-يىلى تاقالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشنى ھىندىستانغا يۆتكىدى، ھازىرقى خان جەمەتى ئېنفلىدنىڭ ھەممىسى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号