باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8742يوللانما
417مەستانە

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ساختا تەشۋىقات تۈزۈلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 18:42 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقات ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، پۇقرالار قاتتىق نەپرەتلەنمەكتە. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بى جىڭچۈەن يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقاتنى تۈزەپ، «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
بى جىڭچۈەن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقاتنى تۈزەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ساختا ئورگانىك ئىسپات بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە بولمايدۇ. ئورگانىك يېمەكلىكلەر چوقۇم ئىسـمى جىسـمىغا مـاس كېلىشى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ئىشلەنگەن بولۇشى كېرەك. تەكشۈرۈلگەندە دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋىچىلىق دورىسى تېپىلسا بولمايدۇ. يېشىل يېمەكلىكلەرگە چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە، بەلگىلىمىدە بېكىتىلگەن خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋىچىلىق دورىسى چەكلىك ئىشلىتىلىشى ياكى خىمىيەلىك ماددىلار ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.
بى جىڭچۈەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زىيانسىز يېمەكلىك ئىچىدە، ئىشلىتىشكە بولىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋىچىلىق دورىسى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، ئېغىر مېتاللار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. بارلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېمەكلىك خەتكۈچى ۋە چۈشەندۈرۈلىشىدە ئېنىق، توغرا، ئەينەن كۆرسىتىلىشى، ھەرقانداق ساختىلىق بولماسلىقى كېرەك. ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدە ئېيتىلغان ئىقتىدارلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولۇشى كېرەك. بارلىق يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئېلانى، تەشۋىقات قوللانمىسى، ئۈن- سىن، يىغىن لېكسىيەسىدىكى مەزمۇنلار خەتكۈچتىن چەتلەپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش رولىغا چېتىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

مەنبە: خەلق تورى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号