باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

يەر شارىدا 40 مىليون يىل ياشاپ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىق--تاپىر

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07 22:22 5 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 5-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا نىكاراگۇئانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى Ticuantepe ھايۋاناتلار باغچىسىدا مۇنداق بىر توپ «سىرلىق» ھايۋانات ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، سىرتقى قىياپىتى غەلىتە بولۇپ، يەر شارىدا ياشاۋاتقىنىغا 40 مىليون يىل بولغان. ئۇلار دەل تاپىرلار. ئىگىلىنىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاپىرلارنىڭ ياشاش دائىرىسى بارغانسېرى تارىيىۋېتىپتۇ، ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.

نۆۋەتتە، بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىدا 13 ئوتتۇرا ئامېرىكا تاپىرى بار بولۇپ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، دەرەخ يوپۇرماقلىرى ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. بۇ ئاز ئۇچرايدىغان تۈرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن باغچا خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ياۋايى ھايۋاناتلار مۇتەخەسسىسى ئېدۋارد: «ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى بەك مۇھىم. بىز ئۇلارنىڭ ساغلام ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر بىر قىسىم تاپىرلار بەك سەمىرىپ كەتتى. بىز چوقۇم مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، نىكاراگۇئانىڭ تەبىئىي ئېكىلوگىيەلىك سىستېمىسى ئاللىبۇرۇن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، نۇرغۇن تۈرلەر، مەسىلەن چۈمۈلىخور، ئامېرىكا قاپلىنى، ھۆركىرىگەك مايمۇن قاتارلىقلار يوقىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. 

ئېدۋارد: «بۇ ئوماق ھايۋاناتلارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يىللاردا بىز نۇزغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى ياكى كىلىمات سەۋەبىدىن نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنى خالىمايمىز. ھازىر بىز ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى دالىغا قويۇۋېتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. بىراق، بۇنىڭدا يەنە بىر قىسىم خەتەرلەرمۇ مەۋجۇت» دېدى.

تاپىرلارنىڭ تەقى-تۇرقى تولىمۇ غەلىتە. ئادەتتە ئۇلارنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 300-220 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ، 30 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. سۈرەتتە، ئېدۋارد بىر تاپىرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مولۇن2 ئاي ئىلگىرى

    ياۋا چوشقىمىكىن دەپ قالدىم ئۆزەمچە

  • شاخدىيار2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ،،،ئنجىنىر،فىراپىسور،،ئالىملامۇ،،،سىز ئەقىلىق دەپ بەرسە ئاغزىغا كەلگەننى جۈيلىيدىكەن،،،خۇددى 40مىليۇن يىل بۇرۇن بۇ كايىنات تتا بادەك ئۆزلىرى

  • 151******482 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلار ئەجدادىدىن تارتىپ ئەۋلات قالدۇرۇپ ھازىرغىچە ياشىغىلى 40مىلىيۇن يىل بولدى دىمەكچىدە

  • ئوسال ئاشىق2 ئاي ئىلگىرى

    ھەئە خەۋەرنى چۈشۈنۈپ ئوقۇڭ

  • ھە ئە2 ئاي ئىلگىرى

    كىم 40 مىلىيون يىل ياشاپتىكەن توۋا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号