باش بەت

ئىدىقۇت887

6840يوللانما
11مەستانە

يەسلى مۇئەللىملىرىنى سېمىز كۆرۈپ قىزىنى يۆتكىۋالغان ئايال

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 09:30 3 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەدىكى ھىلارى فىرىمان (Hilary Freeman) ئىسىملىك ئايال يازغۇچى قىزى ئوقۇۋاتقان يەسلىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ سېمىزلىكىنى دەپ قىزىنى باشقا يەسلىگە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن:«قىزىم ئوقۇيدىغان يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى ياخشى، ئاق كۆڭۈل ھەم سەۋرچان. لېكىن ئۇلارنىڭ سېمىز تۇرقىنى كۆرسەم، ئۆزۈمچە ئەنسىرەپ قالىمەن. ئۇلار بۇ تۇرقى بىلەن قىزىم خەتەردە قالغاندا قۇتقۇزالامدۇ؟ ئۆزى شۇنداق سېمىز تۇرسا، قىزىمغا ساغلام تۇرمۇش، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ئۆگىتەلەمدۇ؟ مەن بۇلاردىن گۇمانلىنىمەن. شۇڭا قىزىمنى يۆتكىۋالدىم. بۇ يەردىكى مۇئەللىملەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشى نورمال، ھەممىسى ساغلام ئىكەن.»

ئۇ يەنە «بۇ، بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى تۇنجى ئاشكارىلىشىم. بۇ قارارغا كەلگىنىمدىن كېيىن، نۇرغۇنلار ماڭا قارشى چىقتى، ئەيىبلىدى، ھەتتا بەزىلەر بۇنى باشقىلارنى كەمسىتكەنلىك دەپ سۈپەتلىدى. ئەمەلىيەتتە، مەن سېمىزلەرگە باشقا كۆزدە قارىمايمەن، بەلكى بەدەننىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ قېلىش تەس بولسىمۇ مۇھىم دەپ بىلىمەن. ھازىر كىشىلەر سېمىزلىككە كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، تېخى بەزى مۇتەخەسىسلەر <سېمىزلىكمۇ بىر خىل گۈزەللىك> دەيدىغان شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقتى ( بۇ توغرا ئەمەس)» دېگەن. 

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، سېمىزلىكمۇ نۇرغۇن جەھەتلەردە تاماكا چەككەنگە ئوخشاش ساغلام بولمىغان ھادىسە ھېساپلىنىدىكەن، شۇنداقلا راك، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماي، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بەدەن ئېغىرلىقى يۇقىرى بولسا، يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. نورمال ئېغىرلىقىنى ساقلاش ئۆمۈرلۈك مۇھىم ئىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ياخشىلاش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھىلارىنىڭ قارىشىچە، چوڭلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىشى كىچىك بالىلارغا مۇھىم ۋە يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەلىكە2 ئاي ئىلگىرى

    ھە مەنمۇ سىزنى قوللمەن

  • كارۋان2 ئاي ئىلگىرى

    بالىسىنىىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش تەربىيەلىنىش ئۈچۈن قىپتۇ مەن قوللايمەن تەربىيچى ئاغزىدىلا ئەمەس ئەمەلىتى ئارقىلىق تەربىلىشى كىرەك

  • 。。。。。。。。。。。。。2 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزىمۇ ئانچە ئورۇق ئەمەسكەنغۇ، غەلىتە ئىشلار جىق جۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号