باش بەت

ئىدىقۇت887

6850يوللانما
11مەستانە

چىرايلىق ئايالىنى تالاغا قاراپ قالدى دەپ قارىغان ئەر ئايالىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 10:27 9 ئىنكاس چۈشتى

رۇگاۋ سودا ئۇچۇرلىرى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ۋۇشىدىكى 26 ياشلىق بىر ئايالنى يولدىشى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايال بەك چىرايلىق بولغاچقا، يولدىشى ئۇنى تالاغا قاراپ قالغانمىدۇ؟ دەپ دائىم ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ يۈرگەن ھەمدە زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنى دۇمبالاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكەن. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەر ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان ۋە ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى يالغۇز قالدۇرۇپ قولغا ئېلىنغان. 

لى خانىم (ئۆلگۈچىنىڭ ئاچىسى) بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەنخۇيدىن بولۇپ، ئۇنىڭ سىڭلىسى شياۋ لىڭ (يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى) بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەنىدى، شياۋ لىڭنىڭ يولدىشى دەي X جياڭشىدىن بولۇپ، بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەنىدى. شياۋ لىڭ 2010-يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋۇشىغا كېلىپ ئىشلەشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ دەل يولدىشى دەي X بىلەن بىر شىركەتكە ئىشقا چۈشكەن، ئەينى چاغدا شياۋ لىڭ بىلەن دەي X ئىككىسى بىر كۆرۈشۈپلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان. بۇ ئارىلىقتا، لى خانىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر شياۋ لىڭ بىلەن دەي X نىڭ ئارىلىشىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 2-يىلى شياۋ لىڭنىڭ بويىدا قالغان.

لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دەي X شياۋ لىڭ بىلەن توي قىلماي ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقان چاغلىرىدىلا شياۋ لىڭنى ئۇرغان بولۇپ، شياۋ لىڭنىڭ دادىسى بۇنى ئاڭلاپ ئەگەر يەنە نىيىتىدىن يانماي دەي X بىلەن داۋاملىق ئارىلاشسا شياۋ لىڭ بىلەن دادا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن شياۋ لىڭ دەي X بىلەن ئارىلىشىش قارارىدىن قەتئىي يانمىغان بولۇپ، ئۇ ھامىلدار بولغىنىغا 7 ئاي بولغاندا دادىسىنى ئىزدەپ كېلىپ نوپۇس كېنىشكىسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەم دەي X بىلەن جىياڭشىغا بېرىپ توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن شياۋ لىڭ جياڭشىغا بارغاندىن كېيىنلا دەي X نىڭ ئەسلىدە بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقانلىقىنى شۇنداقلا بىر بالىسى بارلىقىنى بىلگەن، دەي X نىڭ شياۋ لىڭنى ئىزچىل ھالدا ئالداپ كەلگەنلىكى پاش بولۇپ قالغان.

2012-يىلى، شياۋ لىڭ بىلەن دەي X ۋۇشىدا توي قىلغان ھەم ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇشقا باشلىغان، دېلو يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، شياۋ لىڭ بىلەن دەي X ۋۇشى شەھىرى شىنۋۇ رايونى مېيجى گۈللۈكى 117-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇپ كەلگەن. لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دەي X تويدىن كېيىن سىڭلىسىنى نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇپ-دۇمبالىغان بولۇپ، لى خانىمنىڭ 3 قېتىملىق ئۇرۇپ-دۇمبالاشتىن خەۋىرى بار ئىكەن. لى خانىمنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، سىڭلىسى شياۋ لىڭ 2015-يىلى يولدىشى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ دۇمبالانغان بولۇپ، بېشى ئىششىپ پۈتۈن بەدىنى كۆكىرىپ كەتكەن شياۋ لىڭ قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئاچىسى لى خانىمنىڭ ئۆيىگە قېچىپ بېرىپ 2 ئاي تۇرۇۋالغان، بىر كۈنى دەي X لى خانىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ شياۋ لىڭنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان، لېكىن لى خانىم سىڭلىسىنىڭ دەي X بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقتىن ئىشىكنى ئېتىۋىلىپ ئۇلارنى ماڭغىلى قويمىغان، لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دەي X دەل مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئىزچىل ھالدا لى خانىمغا ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، دەي X ھەر قېتىم  شياۋ لىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قالسىلا، ئەگەر شياۋ لىڭ ئۆزىدىن ئاجرىشىپ كەتسە، ئۇنداقتا شياۋ لىڭنىڭ ئاچىسى لى خانىمنى ئۆلتۈرۈۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سېلىپ كەلگەن.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 10 لاردا، شياۋ لىڭنىڭ ئاپىسى خۇاڭ خانىم يۇرتىدا تۇرۇپ كۈيئوغلى دەي X تىن كەلگەن تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، خۇاڭ خانىم مۇنداق دېگەن: <ئۇ كۈنى دەي X ھاراق ئىچىۋالغان بولۇپ، ئۇ تېلېفوندا ماڭا شياۋ لىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى، بۈگۈن ئۆزىنىڭ مېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاپا دەپ چاقىرىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە ماڭا بۈگۈن ئاخشام قىزىم شياۋ لىڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ كەچ سائەت 10 دا نىڭبودىن قايتىپ كەلگەندە قىزىم شياۋ لىڭنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىنى بايقاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، قىزىم شياۋ لىڭ ئەسلىدە شۇ كۈنى كەچتە بىر نەچچە قىز دوستى بىلەن تالاغا تاماق يېگىلى چىقىپ كەچ قالغان ئىكەن، قىزىم ئەمدىلا سىرتتىن قايتىپ كېلىپ بىنانىڭ 1-قەۋىتىدىن كىرىشىگە، دەي X قىزىمنى بولۇشىغا ئۇرۇپ دۇمبالاپ ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلىۋېتىپتۇ، قىزىمنىڭ ئاغزى ۋە بۇرنىدىن توختىماي قان ئېقىشقا باشلاپتۇ>.

دەي X خۇاڭ خانىمغا تېلېفون قىلغان چاغدا، شياۋ لىڭنىڭ ئاچىسى لى خانىممۇ ئاپىسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ۋۇشىدىكى يولدىشى ۋاڭ ئەپەندىگە تېلېفون قىلغان. لېكىن ۋاڭ ئەپەندى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ شياۋ لىڭلارنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە، كارۋاتتا ياتقان شياۋ لىڭنىڭ پۈتۈن بەدىنى تاياقتىن كۆكىرىپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، شياۋ لىڭنىڭ يۈز-كۆزى ئىششىپ، پۇت-قولىنىڭ ساق يېرى قالمىغانىدى. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ دەي X كە دەرھال شياۋ لىڭنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشنى ئېيتقان بولۇپ، دەي X دەسلىپىدە بۇنىڭغا قوشۇلغان بولسىمۇ، كەينىدىن يەنە گېپىدىن يېنىۋالغان. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆي ئىگىسى ۋە يەنە بىر ئۆيدە ئىجارە ئولتۇرىدىغان قوشنىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاپ شياۋ لىڭنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان.

شياۋ لىڭلار بىلەن بىر بىنادا ئولتۇرىدىغان سۈن ھاممىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ئاخشىمى، سۈن ھامما 5-قەۋەتتىكى بىر ئۆيدىن چىققان ئۇرۇشۇۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇرۇشقان ئاۋاز ناھايىتى قاتتىق  ئاڭلانغان، كەينىدىن يەنە بىر ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا ھۆكىرەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلانغان. <دەي فامىلىلىك ئەر ئايالىنىڭ بېشىنى تامغا ئۈستۈرگەن بولۇپ، بىز پەستە تۇرۇپمۇ < دوڭ-دوڭ> قىلىپ تامغا ئۈستۈرۈلگەن ئاۋازنى ئاڭلىدۇق، بۇ ئاۋاز خېلى ئۇزاق ئاڭلاندى>. بۇنى كۆرگەن قۇلۇم-قوشنىلار ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر ھەتتا دەي X بىلەن ئايالى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيگە چىقىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ قىلچە كار قىلمىغان.

يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ ھاممىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى كەچتە بىر نەچچە دوستى بىلەن پەستە شامالداپ ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇلار شياۋ لىڭنىڭ يولدىشى تەرىپىدىن ئۇرۇپ دۇمبالانغان جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. <بىز بۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ باش-كۆزىگە شاپىلاقلاپ ئۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، بىر ئاجىز ئايال 1.8 مېتىردىن ئاشىدىغان قاۋۇل ئەرنىڭ ئۇرۇپ-دۇمبالىشىغا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ بۇ ئەر قارىماققا ئايالىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغاندەكلا قىلاتتى. ئەينى چاغدا بۇ ئەر تېخى بىزگە قاراپ ۋارقىراپ: <نېمىگە قارايسىلەر؟ دەرھال تارقىلىپ كېتىڭلار، ھازىر مېنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئويۇم بار، دېدى>.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2 لەردە، شياۋ لىڭ قاتارلىقلار دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ۋاڭ ئەپەندى ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا دەي X نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شياۋ لىڭنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ ئائىلە زوراۋانلىقى پەيدا قىلماسلىققا كېپىللىك بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4 لەردە، شياۋ لىڭنىڭ ئاچىسى لى خانىم سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان بولۇپ، دەي X ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ شياۋ لىڭنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دەي X شياۋ لىڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئاچىسىغا تېلېفوندا ئۇقتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ئەينى چاغدا دەي X بىلەن شياۋ لىڭنىڭ 6 ياشقا كىرگەن ئوغلى نەق مەيداندا يوق بولۇپ، بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن 2 ئاي ئىلگىرى، ئۇلار ئوغلىنى دەي X نىڭ يۇرتىغا ئاپىرىپ قويۇپ كەلگەنىكەن. لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دەي X نىڭ مىجەزىدە باشقىلاردىن توختىماي گۇمانلىنىغان ئادەت بولغاچقا، سىڭلىسىدىن دائىم گۇمانلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىكەن. لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، سىڭلىسى شياۋ لىڭ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، ناۋادا دەي X باشقا ئەرلەرنىڭ شياۋ لىڭغا ئازراق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا قالسا، شياۋ لىڭنى ئۇرۇپ دۇمبالايدىكەن، لېكىن شياۋ لىڭ ئىزچىل ھالدا ئىززەت-ھۈرمىتىنى ساقلاپ يولدىشى ۋە ئائىلىسىگە سادىق بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، دەي X ئۇنىڭدىن ئىزچىل ھالدا تالاغا قاراپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىپ كەلگەن.

نۆۋەتتە، ساقچىلار بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەدىمى شەھەر1 ئاي ئىلگىرى

    سىز شۇنداق دىگەن بىلەن بەزەن ئاياللار قۇلنى ئۈزەلمەي ئىرىنى قاران چۇق قىپقۇيدۇ ئاڭلىمىغانما ئايال كۇنلىسە ئۆي بۇزلار ئەركۈنلىسە ئۆي تۈزلەردەپ

  • بەختلكمەن2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق،كۇنلەمچىلەدىن،يىراق،تۇرۇش،كىرەك،ئادەمنى،يۇرەك،كىسەل،قىلىپ،قويدۇ

  • بەختلكمەن2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ،ئىرىم،شۇنداق،كۇلەمچى،مىنڭمۇ،باشقىلا،بىلەن،پاراڭلىشىپ،تۇغۇنۇمنى،كوسە،ئويگەچىرىپ،نىمەدشتىڭ،دەپ،ئۇشىدۇ،شۇنداق،ۋاقىتا،بەك،ئاچىقىم،كىلدۇ،بەك،بەك،يولسىز،ئاشۇنداق،ۋاقىتا،بەك،ئاجىراشقم،كىدۇ

  • زىلال ئاي ئاۋات2 ئاي ئىلگىرى

    يىگىتىم كۈنلەمچىتى تەگسەم بۇلارمۇ بولماسمۇ دەپ يۈرگەن قىزلار كۈرۈڭلار مانا

  • لەيلا2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق ساراڭلارنى قاتتىق جازالاش كىرەك تاياق يەپ ئۆلىدىغىنى مۇشۇ تەلۋىكەن ئەسلى

  • Tئۈمۈت2 ئاي ئىلگىرى

    ھېلىقى ناتۇنۇش كىشىلەرگە گەپ قىلماڭ دىگەن فلىمدىكى ئەنجاخې بىلەن ئوخشاش كەنغۇ بۇتەلۋە، ئۇنىڭدىنمۇ قەبى كەن

  • خوتەنلىك2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دىگەن ياخشى كۆرۈش ئەمەس ئەسەبىلىشىش ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۇنداق ئۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويمايدۇ ئېتىۋىتىش كىرەك بۇنداق ساراڭنى

  • مىھمان بىز2 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ پالۋان يىگىتكىنە شاپلاق بىلەن ئايالىنى ئۆلتۈرگەن بولسا
    توۋا بەزىلەرنىڭ پۇت قۇلىنى كىسىۋەتسىمۇ جىنى چىقمايتى

    ئەپسۇس تۈگەپ كەتكەن ئەجەل لىكىنزە بەك بەك ياخشى كۈرۈشمۇ مانا مۇشۇنداق دۈشمەنلىكنى ئىلىپ كىلدىكەن

  • جەسۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ قىز ئۇ مەلئۇننىڭ بىر توي قىلغىنىنى بىلگەندىمۇ كوڭلىگە ئالماي ئاتا ئانىسىىدىن كىچىپ توي قىلغىنى ئۇ مەلئۇنغا سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇدۇ يەنە نىمىگە گۇمانلىنىدۇ بۇ ھايۋان ئوغرى شۇنداق چىرايلىق سادىق ئايالىنى گۇمانخورلۇق قىلىپ ئۇرۇپ ئولتۇرۇپ قويغىننى بۇنىڭ بۇ ئەسەبىيلىكىدىنمۇ خوتۇنىنى نەقەدەر ياخشى كورۇدىغانلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئۇنى ئوز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچچىغا چىققان دوتلۇك،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号