باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

435يوللانما
4مەستانە

ئادەمنىڭ ئەقىللىق بولۇشى ياكى بولالماسلىقىنى گېن بەلگىلەمدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 10:15 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگىلىيە ئالىملىرى يېقىندا «ھارماي تىرىشقاندىلا پەمسىزلىكنى يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراشقا ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە ئېغىر كېلىدىغان بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئەقىل بۆلۈمچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى دانە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن گېن گورۇپپىسىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا M1  ۋە M3 دەپ ناملارنى بەرگەن. ئالىملار يەنە ھەر بىر گېن گورۇپپىسىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك نەچچە يۈزلىگەن گېنلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ تونۇش، ئەستە ساقلاش، دىققىتىنى يىغىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. تەتقىقاتچى خادىملار تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن بىمارلار، شۇنىڭدەك ئوپېراتسىيە قىلىنغان بىمارلارنىڭ مېڭە ئەۋرىشكىسىگە قارىتا گېن جەھەتتىن تەھلىل ئېلىپ بارغان، ئاندىن ئېرىشكەن سانلىق قىممەتلەر بىلەن ساغلام ئادەملەر توپى ۋە باشقا تۈردىكى نېرۋا سىستېمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر توپى بىلەن سېلىشتۇرغان، شۇنىڭدەك بۇ ئىككى گېن گورۇپپىسىنى بېكىتىپ چىققان. ئۇلار يەنە ئەقىل بۆلۈمچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇم گېنلاردا ئەگەر ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، بۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاش كىشىلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈمچىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرغان.

ئالىملار كەلگۈسىدە يەنە تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش مېخانىزىمى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بۆلۈمچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گېن گورۇپپىسىنى تەڭشىشى، شۇنىڭدەك ئەقىل بۆلۈمچىسىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号