باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

346يوللانما
4مەستانە

ھاۋا سوغۇق ھەم قۇرغاق ۋاقىتتا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 10:59 0 ئىنكاس چۈشتى

كىلىمات ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايلاردا مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايۇونلىرىنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكى قۇرغاق سوغۇق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىل مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن «قۇرۇق سوغۇق مەزگىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شىمال تەرەپنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى نىسبەتەن چوڭ، ھاۋاسى قۇرغاق، قار يامغۇر مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولۇش تۈپەيلىدىن، ھاۋارايىدا بىر خىل ئۇدا داۋاملىشىدىغان «ئوچۇق سوغۇق» بولىدىغان ۋەزىيەت پەيدا بولىدۇ.

سوغۇق قۇرغاق قىش پەسىلدە نۇرغۇن كىشىلەر سۇ تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما قىش كۈنلىرى تەرلەش نىسبەتەن ئاز بولىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ سۇ ئىچىشكە بولغان تەشنالىقىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل كىشىلەر توپى ئاكتىپلىق بىلەن سۇ ئىچىپ بىرىشى كېرەك.

بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر توپى بولسا زۇكام بولۇپ قالغانلار. سوغۇق تېگىشتىن پەيدا بولغان ئادەتتىكى زۇكامنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسلىقى باش قىيىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقىسى ئېقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تەرلەش ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپرەك قايناق سۇ، قىزىق شورپا ياكى ئىسسىق شوۋىگۈرۈچ ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندىن تەر چىقىپ ئورگانىزىمنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى تېزلىشىدۇ ھەم بەدەندىكى سوغۇقنى تارقىتىشقا ياردىمى بولىدۇ. قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا بەدەن تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقۇىرى بولىدۇ، ئاسان تەرلەيدۇ، كېكىردەك قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىيدۇ، بەلغەم كېلىدۇ، بۇرۇن پۈتۈپ قىلىپ سېرىق پوتلا ئاقىدۇ، بۇنداق چاغدا يالپۇز چىيى دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر توپى بولسا سەمىرىپ كەتكەنلەر. ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقى قانچە ئېغىر بولسا بەدەنگە كېرەكلىك بولىدىغان سۇ مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق كىشىلەر ئامال بار تەكىيە كاۋا شورپىسىنى ئىچىپ بەرگەندە قورساق تويغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ ھەم ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىگە ياردەم بېرىپ، قەنت تۈرىدىكىلەرنىڭ ياغلارغا ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈشتىن كېيىن بىر ئىستاكان پەمىل چاي دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە چارچاش كەيپىياتىنى تۈگەتكىلى ھەم تاماق يېيىش تۇيغۇسىنى ناھايىتى ياخشى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر توپى بولسا خىزمەت قىلىدىغانلار. ئۇزۇن مەزگىل ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىشى كېرەك، مۇنداق قىلغاندا سۈيدۈك يولىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىگىلى ھەم دوۋساق ياللۇغىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر كۈنلۈك جىددىي خىزمەت پەيدا قىلغان ھارغىنلىقىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. قىش پەسلىدە ئىشخانا، سىنىپ قاتارلىقلاردا ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى بولغاچقا، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسى ئۆي سىرتىغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇرغاق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە بىر ياكى بىر قانچە داسقا سۇ قويۇپ قويغاندا ئۆي ئىچىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

تۆتىنچى تۈردىكى كىشىلەر توپى بولسا ھاراق ئىچىپ مەس بولغانلار. كىشىلەر ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن بەدەننىڭ سۇ يوقىتىشى تۈپەيلىدىن ئېغىز قۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا بىر نەچچە ئىستاكان قايناق چاي ئىچىپ بەرگەندە بەدەندىكى سۇنى تولۇقلاپ، ئىسپىرىتنى سۇيۇلدۇرۇپ، جىگەرنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاراق ئىچىپ مەس بولغان كىشىلەر يېڭى ئۈزۈم شىرنىسىنى ئىچىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ ھاراق ئىچىشتىن پەيدا بولغان كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن كاربوناتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى فوسفور، كوففېئىن، سۈنئىي پېگمېنت قاتارلىقلار سالامەتلىككە پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق چاغدا كاربوناتلىق ئىچىملىكلەرنى ئامال بار ئازراق ئىچىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号