باش بەت

نۇسرەتگۈل

6597يوللانما
60مەستانە

ئۈندىدار توپىغا قانۇنسىز ئۇچۇر يوللانسا توپ قۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 12:00 10 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 7-سېنتەبىر «ئىنتېرنېت تورى توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. «بەلگىلىمە»دە ئېنىق قىلىپ، ئىنتېرنېتتا توپ قۇرغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ توپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، توپتا قانۇن، قائىدىگە خىلاپ ئۇچۇرلار يوللانسا توپ قۇرغۇچى مەسئۇل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

«بەلگىلىمە»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

«بەلگىلىمە»دە ئېنىق قىلىپ ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوقۇم ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇلازىمەت كۆلىمىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئابۇنتلار تىزىملىتىشى، ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك قوغدىنىشى قاتارلىق مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بەلگىلىمە»دە ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن بەھرلەنگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي كىملىك ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى، ئىناۋەتلىك دەرىجىسى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشى، توپ كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشى، دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

«بەلگىلىمە»دە ئىنتېرنېت توپ قۇرغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى چوقۇم باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، قانۇن-نىزام، ئابونتلار كېلىشىمى ۋە سۇپا ئەھدىنامىسى قاتارلىقلار بويىچە توپتا يوللىنىدىغان ئۇچۇلارنى ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەدەنىي، تەرتىپلىك تور بوشلۇقى قۇرۇپ چىقىشى تەلەپ قىلىندى.

«بەلگىلىمە»دىكى قېلىپلاشتۇرۇلىدىغان ئىنتېرنېت توپى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئىنتېرنېت توپى تور ئابۇنتلىرى تور بېكىتى، كۆچمە ئىنتېرنېت قوللىنىلىشچان پىروگراممىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق قۇرغان، توپتىكىلەر ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان تور بوشلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۈندىدار توپى، QQ توپى، مىكرو بىلوگ توپى، تيېبا توپى، مومو توپى، چىقىمدان توپى قاتارلىقلار.

ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن پايدىلانغۇچى توپ قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە توپ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى بىر سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن توپنى باشقۇرغۇچى بولۇشتىن ئىبارەت سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. «بەلگىلىمە»دە بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، توپ قۇرغۇچى سۇپا ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل:

بىرىنچى، باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە توپ ئەھدىنامىسى بېكىتىش ھەمدە ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، توپ ئۇچۇرىدىن پايدىلانغۇچى تەرەپلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئېنىق بېكىتىش؛

ئىككىنچى، «ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم، ئالدى سۇپىدا ئۆزى خالىغان ئىسىمنى قوللىنىش» پىرىنسىپى بويىچە توپ ئۇچۇرىدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى دەلىللەش ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

ئۈچىنچى، ئىنتېرنېت توپىنى دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنى ئىناۋەتلىك دەرىجىسى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇش؛

تۆتىنچى، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ئىنتېرنېت توپى ۋە توپتىن پايدىلانغۇچىلارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش؛

بەشىنچى، ئامما، ساھە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىشتا مۇكەممەل لىنىيە قۇرۇش ھەمدە ئەرز ۋە پاش قىلىنغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش.

«بەلگىلىمە»دە توپ قۇرۇش شەرتى، توپ كۆلىمى، توپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا قانداق تەلەپلەر قويۇلدى؟

ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت كۆلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن توپ ئەزالىرى سانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىش، قۇرغان توپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىش ھەمدە قاتناشقان توپلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىشى كېرەك. يەنى توپ قۇرغۇچى ئۆز ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان توپلارنى قۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى توپنىڭ كۆلىمى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، توپ قۇرغۇچىنىڭ توپ قۇرۇش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، توپنى مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، توپقا كىرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە بىردىنبىر توپ پەرقلەندۈرۈش نومۇرى بېكىتىشى كېرەك.

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىنتېرنېت توپى ئارقىلىق شەھۋانىي نەرسىلەرنى تارقىتىدۇ، ئىغىۋا تارقىتىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا «بەلگىلىمە»دە قانداق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

«بەلگىلىمە»نىڭ 10-ماددىسىدا ئىنتېرنېت توپ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنتېرنېت توپىدىن پايدىلىنىپ قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى، مەزمۇنلارنى تارقىتىشىغا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى.

قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان توپلارغا سۇپا باشقۇرغۇچى قانۇن ۋە توپ ئەھدىنامىسى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆزگەرتىش، ئۇچۇر يوللاشنى توختىتىش، توپنى تاقاش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

سۇپا باشقۇرغۇچى قانۇن ۋە توپ ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان توپ قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچىلارغا ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى توختىتىش، توپ قۇرۇش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇپا باشقۇرغۇچى قارا تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، قانۇنغا ۋە توپ ئەھدىنامىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان توپ قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە توپ ئەزالىرىنى قارا تىزىملىككە ئەكىرىۋەتسە بولىدۇ.

«بەلگىلىمە»دە توپ قۇرغۇچى بىلەن توپ باشقۇرغۇچىغا قانداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

ئىنتېرنېت توپى قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچىلىرى توپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، يەنى «كىم توپ قۇرغان بولسا شۇ مەسئۇل بولۇش»، «كىم باشقۇرغان بولسا شۇ مەسئۇل بولۇشى»، قانۇن-نىزام، ئابونتلار كېلىشىمى ۋە سۇپا ئەھدىنامىسى بويىچە توپ مەشغۇلاتى ۋە يوللىنىدىغان ئۇچۇرلارنى قېلىپلاشتۇرۇشى، مەدەنىي، تەرتىپلىك ئىنتېرنېت توپ بوشلۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 138******762 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىلتىماس قىلسىڭز بولىدۇ

  • 150******232 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەگەر سىزدەQQبولسا http://mail.qq.comغا كىرىپ QQنومۇربىلەن مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ئاچسىڭىز ،QQئېلخەت ئېچىلىدۇ. ئاندىن QQنومۇرنىڭ كەينىگە qq.com@ نى قوشۇپ باسسىڭىزqq ئېلخەت شۇ ،

    مەخپىي نومۇرى QQ نىڭ مەخپىي نومۇرى

  • كارۋان2 ھەپتە ئىلگىرى

    گېپىڭزدىن قارىغاندا ئىلخەت ساندۇقىڭىز يوقكەندە يوق نەرسىنى تاپقىلى بوممايدۇ ئەلۋەتتە توردىن ئىلتىماس قىلىپ ئالىسىز

  • ئارام جاڭگال2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاۋال ئىلخەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلىسىز ، بەك بولمىسا QQ نۇمۇرىڭىز بولسا ئاشۇ ئىلخەت ئادىرىسنى كىرگۇزۇش تەلەپ قىلىغان ئۇرۇنغا XXXXXXX.@QQ.COM دەپ يازىسز، بۇ يەردىكى XXXXXXX بولسا سىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىز بۇلىشى كىرەك، بەلكىم خەت ساندۇقىڭىڭىزغا جەزىملەش ئۇچۇرى ئىۋەتىشى مۇمكىن، سىز چۇقۇم QQ خەت ساندۇقىنى ئىچىپ ئاشۇ ئۇچۇرنى ئۇقىيالايدىغان بۇلىشڭىز كىرەك، ئەگەر QQمۇ بولمىسا126 نىڭ مۇلازىمىتىرىدىن خەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ، ئەگەر يەنە بىلمىگەن بولسىڭىز ئەزا بولمايلا قۇيۇڭ
    ئىلتىماس قىلىش ئادىرىسى:
    www.126.com

  • ئابلىز2 ھەپتە ئىلگىرى

    لاچىن دوستۇم، سىزنىڭ چ چ نۇمۇرىڭىز شۇ ، مەسلەن xxxxxxxx@qq.com دىگەندەك ، ئالدىغا xبار يەرگە چ چ نۇمىرىڭىزنى كىرگۇزۇپ كەينىنى ئوخشاش قىلىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ

  • 155******652 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۈندىدارغا يەنە بىر ئىقتىدار قوشسا بولاتتى ئۇ بولسىمۇ توپ ئەزالىرى يوللىغان ھەرقانداق ئۇچۇر ناخشا ئېلان ۋە باشقا مەزمۇنلارنى توپ باشلىقى ئۈچۈرۋېتەلىسە باشقىلار قانۇنسىز نەرسىلەرنى يوللىيالمايتى

  • لنكولىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    توپنى قۇرۇپ كارى بولماي تاشلاپ قويسا بولمايدۇ ئەمدى

  • دىلاش2 ھەپتە ئىلگىرى

    كىيۇ كىيۇ ئىلخخەت ئادىرىسىنى بىلمەمسىز ،،شىنلاڭنىڭ ۋاڭيىنىڭ بولسىمۇ بولدۇ

  • ئوت يۈرەك2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ ئۇقمايدىكەنمەن.

  • لاچىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    دوستلار تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال سورايدىغان بولدۇم كەچۆرۇڭلار ئۆزىنڭ ئلخەت ئادېرىسىنى قانداق تاپىدۇ مەن بىر مۇنبەرگە ئەزا بولماقچى ئدىم ئلخەت ئادىرسىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى بۇ ئشنى بىلمەيمەن ياردەم قىلساڭلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号