باش بەت

zefer

626يوللانما
35مەستانە

iPhone 8 باھاسىنىڭ بۇنچە ئۆرلەپ كېتىشى سامسۇڭنىڭ «ئويۇنى»مۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 12:13 11 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا، كەيجى ئاكسىيەسىنىڭ ئانالىزچىسى گو مىڭجى ئەڭ يېڭى تەھلىل دوكلاتى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا OLED ئېكرانلىق iPhone 8نىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە ئالمىنىڭ Touch IDدىن ۋاز كېچىش مۇمكىنچىلىكى تىلغا ئېلىندى.

بۇندىن ئىلگىرى، چەتئەللىك داڭلىق ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى بېنجامىن گېسكىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە iPhone 8 باھاسىنىڭ 999 دوللاردىن 1199 دوللارغىچە بولىدىغانلىقىنى، 512GB سىغىمدىكى iPhone 8نىڭ 1199 دوللار (تەخمىنەن 7827 يۈەن)غا يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. 

دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىم iPhone 8نىڭ ئېكران دېتاللىرى بىر يۇمشاق OLED تاختا، بىر سېزىمچان OLED تاختا، بىر 3D Touch مودېلى ۋە بىر OLED مودېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3D Touch مودېلىدىن باشقا ئۈچ بىرىكمە دېتالنى سامسۇڭ تەمىنلەيدۇ. iPhone 8گە ئىشلىتىلگەن OLED تاختىنىڭ تەننەرخى Plus تىپلىق iPhoneدىكى LCD تاختا تەننەرخىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ھەر بىر تال OLED بىرىكمە دېتالىنىڭ تەننەرخى 120~130 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ، ھەر بىر تال LCD تاختىسىنىڭ تەننەرخى ئاران 45~55 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. مانا بۇ iPhone باھاسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

ھېچبولمىغاندا 2019-يىلىغىچە سامسۇڭ ئالمىنىڭ بىردىنبىر OLED بىرىكمە دېتال تەمىنلىگۈچىسى بولالايدۇ. شۇڭا سامسۇڭ تېخىمۇ يۇقىرى ھەق ئېلىشى مۇمكىن. 

بىراق بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «كورېيە LG گۇرۇھى 2018-يىلى ئاز مىقداردا OLED ئېكران ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن.»

ئۇندىن باشقا، گو مىڭجىنىڭ قارىشىچە، ئالمىنىڭ Touch IDدىن ۋاز كېچىشىدىكى سەۋەب، OLED بىرىكمە دېتالى بارماق ئىزى سېنزورىنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەن بولغاچقا، يېڭى تىپتىكى iPhoneغا Face ID يۈز قىسمى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىشلىتىلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نۇرجان1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بالېلاردا پۇل جېق ئوخشايدۇ تېلېفون دېگەن كۆز كۆز قېلېدخان نەرسە ئەمەس بالېلار ئېشتانخا قاراپ پۇتنې سۇنخۇلۇق ھازېر پۇل تاپماقنېڭ تەسلېگېدە 6000مېڭ سوممۇ ئېخېر كېلېۋاتسا ما بالېار سەكسەن مېڭ يۈئەنگە بېر تېلېفون ئالېمەن دەپسېز قولېڭېزنې يۈرېگېز گە قويۇپ بېقېپ گەپ قېلېڭ ئاشۇ پۇلنېمۇ تاپماق ئوڭاي ئەمەس

  • بايقۇش2 ئاي ئىلگىرى

    ئوجون مالانى سامسۇڭنى مەدىكار دىمەيمىز ئىنژىنىر دەيمىز ئالما پەقەت بىر خوجايىن خالاس ئىنژىنىر يوق بولسا خوجايىنمۇ يوق خالاس ئىككىسى بىر تەندە ئىككى پۇت دىگەندەكلا ئىش تالاشماڭلا

  • يىگانە2 ئاي ئىلگىرى

    مۇرات نۇرداش ئۇنداقتا سىز كىمنىڭ مەدىكارى ھازىر نەدە ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز سىزمۇ خوجايىنىڭىزغا مەدىكا بولغان بولىسىز ،

  • مۇرات2 ئاي ئىلگىرى

    سامسوڭ ئەسلى ئالمىنىڭ مەدىكارىكەندە ئەمدى بىلىۋالدىم

  • ساراڭ 2 ئاي ئىلگىرى

    مەيلى سەككىز مىڭ يۈئەن ئەمەس ، سەكسەن مىڭ يۈئەن بولسىمۇ سېتىۋالىمەن.

  • ئىرپان2 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزەمدە يوق سىسىق ئىشىم ،
    كىشى يىسە ئىسىت ئىشىم .

  • 137******842 ئاي ئىلگىرى

    قادى قوناق ئىمسى جىسمىڭغا لايىق قوناقكەنسە ، پۇچۇق ئالمىنڭ زاپچاسلىرىنى سامسۇڭ تەمىنلىمىسە ئالما 8 نەدە تۇرۇپتۇ
    يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك ياساپ بەرسە بۇلاكە ساڭا
    ئالما بۇندىن كىيىنكى تەرەقىياتىدا سامسۇڭدىن ئايرىلالمايدۇ ئالما نوچى سامسۇڭ ناچار دىگەن بىلەن بەرىبىر ئىشلەتكىنىڭ سامسۇڭ بىلسەڭ ماكىسىلا ئالما

  • 137******842 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزى قىلالمىغانكىن ئامال يوق، يارايسە سامسۇڭ ئالمىنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ تۇرۇپ تىخىمۇ قىممەت سات
    ئالمىچىلا بىر بۆرىكىنى ساتسا
    ئالما ھەر قانچە قىممەت بولسىمۇ سېتۋالىدۇ ئاقماقلا

  • قادى قوناق2 ئاي ئىلگىرى

    ئامما باھاسىنى20مىڭ كويغا چىقاسىمۇ كىشىلە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئالىدۇ 50مىڭلىق كومپىيوتىرلىرىنىمۇ سىتىپ ئۈلگىرەممەۋاتىدۇ.ئەمما ما سامسا 50كويمىغۇ يارىمايدۇ.

  • 135******002 ئاي ئىلگىرى

    ئەزەلدىنلا سامسۇڭ ياخشى مەنمۇ بىر سامسۇڭنىڭ ھەۋەسكارى دە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号