باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

لى شياۋلوڭنىڭ ياپونىيەلىك شاگىرتىنىڭ ئۇنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈپ كېلىۋاتقىنىغا 44 يىل بولدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 12:58 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 7-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لى شياۋلوڭ 1973-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا سېئاتېل كۆلى مەنزىرە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. 1993-يىلى ئوغلى لى گوخاۋ ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ يېنىغا قويۇلدى. شۇنىڭدىن بۇيانقى 40 نەچچە يىل جەريانىدا ھاۋا قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىرەيلەن ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ تۇردى. ھازىر بۇ ئادەم 92 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىق بىر نەچچە خىل كېسىلى بار. ئەمما ئۇ بۇ قەبرىلەرنى يوقلاپ، سۈپۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

تاكىي كىمۇرا لى شياۋلوڭ بىلەن تونۇشقاندا 35 ياشتا، لى شياۋلوڭ 19 ياشتا ئىدى. بىراق، ياش پەرقى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. لى شياۋلوڭ تاكىي كىمۇرانى بەكلا ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى تاكىي كىمۇرانىڭ ئۇنىڭغا ياشاش توغرىسىدىكى نۇرغۇن قائىدىلەرنى ئېيتىپ بەرگەنلىكى، يەنە بىرى لى شياۋلوڭ يولۇققان چوڭ مەسىلىدىن بىرنى ھەل قىلىشىپ بەرگەنلىكى ئىدى. بۇ چوڭ مەسىلە چېنىقىش مەيدانى مەسىلىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تاكىي كىمۇرانىڭ يىغىپ قويغان ئازراق پۇلى بار بولغاچقا لى شياۋلوڭنىڭ چېنىقىش مەيدانى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىپ بەرگەنىدى. كېيىن لى شياۋلوڭ قۇرغان تۇنجى چامباشچىلىق سارىيى دەل تاكىي كىمۇرانىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغانىدى.

تاكىي كىمۇرانىڭ يېشى چوڭ بولغاچقا گۇمپا مەشىق قىلغاندا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ تۇرۇۋالاتتى. بىراق، ناھايىتى تىرىشچان ئىدى. شۇڭا لى شياۋلوڭ ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پات-پات ئايرىم پاراڭلىشاتتى، ئۇنىڭغا تىرىشچانلىقنىڭ بىلىم-سەۋىيە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تاكىي كىمۇرا تېز ئىلگىرىلەپ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلدى، كېيىنچە تېخى لى شياۋلوڭنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالدى. 

ھازىر تاكىي كىمۇرانىڭ يېشى خېلىلا چوڭىيىپ قالدى. بىراق، ئۇ ئەزەلدىن ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، لى شياۋلوڭنىڭ نامىنى سېتىپ پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىدى. ھازىر ئۇ بۇ قەبرىستانلىقنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، لى شياۋلوڭنىڭ قەبرىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم سۈپۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئېھتىمال ئۇ قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش بولسا كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 黑风1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇستاز شاگىرىت مىھرى مۇھەببەت بولسا كىرەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号