باش بەت

Saharqi

117يوللانما
1مەستانە

OPPO R11 دۇنيا بويىچە ئەڭ بازارلىق ئاندىرويىد يانفونى بولۇپ قالدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 13:09 30 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئالدىنقى بىر ئەۋلاد R9s يانفونىنىڭ تۈرتكىسىدە OPPO بۇلتۇر «سېتىش رىۋايىتى» ياراتتى. بۇ يىل 6-ئايدا پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد OPPO R11 بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن مەيلى توردىكى سېتىلىشى بولسۇن ياكى ئەمەلىي دۇكانلاردىكى سېتىلىشى بولسۇن ھەممىسى شۇنداق ياخشى بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد «سېتىش رىۋايىتى»نى بارلىققا كەلتۈردى. بازار ئانالىزى ئورگىنى Counterpoint يېقىندا ئېلان قىلغان بىر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 7-ئايدا پۈتۈن دۇنيا ئەقلىيفون سېتىلىش رەت تەرتىپىدە ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 7 ۋە  iPhone 7 Plus يانفونى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇننى ساقلاپ قالدى. جۇڭگو كارخانىسى OPPOنىڭ R11 ۋە A57 ئىككى يانفونى بۇ تىزىملىكتە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، OPPO R11 بۇ يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، 7-ئايدىلا دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق ئاندىرويىد يانفونى بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭدىن ئىستېمالچىلار بىلەن بازارنىڭ بۇ يانفونغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابلىز5 كۈن ئىلگىرى

    ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇr11 OPPO ئالدىم.

  • 156******962 ھەپتە ئىلگىرى

    مېيزۇ ئەڭ ياخشى باللا

  • ئابلىز2 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋىۋو x9s نىڭ يېڭىدا چىققان كۆك رەڭلىك نۇسخىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم.قولدىن چۈشۈرمەي ئويناشقا سەككىز سائەت يېتىدىكەن.(تورنى ئەتمەي ۋېيشىن كىيۇكىيۇ ، ئويۇن، كىنو كۆرۈپ دېگەندەك…)ۋىۋو تېلېفوننىڭ توكى بەك ئۇزۇن يېتىدۇ دەپ ئالغان.ماڭا نىسبەتەن بوش يەتكەندەك بىلىندى.OPPO تېلېفونلارنىڭ قانداق يېتىدۇ ؟ بالىلار؟

  • نازلا2 ھەپتە ئىلگىرى

    1ئىغىز گەپ بوپ قويدۇ مەن r9sبا

  • قاسىم بوران2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەمەت مەنتەڭ توكى ئۇزۇن يىتىدىغان ئاندرويىد تېلېفون ئالماقچى بولسىڭىز OPPO ماركىلىق تېلېفون ئېلىڭ،مەنمۇ بۇرۇن ليەنشياڭ ئىشلىتەتتىم توكى پەقەت يەتمەييتى ،توختىماي ئىشلەتسەممۇ بىر سائەت يەتمەييتى ،نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ،OPPO A51 تېلېفونىنى سېتىۋالدىم ،توكى ئۇزاق يىتىدۇ ،%3 توكى قالسىمۇ 15 مىنۇتقىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ
    تېلېفون ئالساڭلار OPPO ئېلىڭلار

  • ئابلىز2 ھەپتە ئىلگىرى

    cr7 مۇمكىن بولسا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقىلى …مەن ئەسلى oppor11 ئالماقچىدىم باشقىلانىڭ تەۋسىيەسى بۇيچە vivox9s …ئالغان· لىكىن ئانچە ئىقتىدار بايقىيالمىدىم

  • 132******772 ھەپتە ئىلگىرى

    مەندېمۇ oppor11بار باللا بەك ياخشى كەن ئىقتىدارى سىستېمىسى تۇكى جەھەتتىن بەك رازى بولدۇم رەڭگى مۇ ھەر جەھەتتە بەك ياخشىكەن

  • غەلىتە2 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي كىم ئالاممايدا بۇ تىلفۇننى ،كىملىك بىلەن 120كوينى ئەكىرسىلا بىرىدىكەنغۇ دەيكۈەنگە ،

  • بۈيۇك2 ھەپتە ئىلگىرى

    شاۋمىينىڭ سىستىما يىڭىلىشى تىز ھەر ھەپتىدە يىڭىلاش يامىقى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ يىڭى ئىقتىدارلارنى قىتىپ تۇرىدۇ ( سىستىما جەھەتتىكى)

  • بۈيۇك2 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمە دىگەن ئەقمەقلىق ھە ، ئالمىنىڭ گىپى چىقىپ بولغىچە ئالما ئاندىغەي سامسۇڭنىڭ گىپى چىقىپ بوغىچە سامسا ئدندىغەي دەپ ئەمدى ئوپپو چىقىپ بولغىچە ئوپپو ياخشى دەپكەتكىنىنى ھەممە نەرسە پۇلغا چۇشلۇق ، لىكىن ما ئوپپو ۋىۋو پۇلغا چۇشلۇق ئەمەس ئۇنىڭدىن شاۋمىي ئالغان ياخشى
    ھەممە ئادەمدە مۇنداق بىر كۆز قاراش بار ئىكەن
    مەسلەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چىققان تىلفۇن بىلەن بۇ يىل چىققان تىلفۇننى سىلىشتۇرىدىكەن ئاندىن ئۆزىنىڭ قولىدىكى تىلفۇننى داڭلاپ كىتىدىكەن ئويلۇنۇپ بىقىڭلار ئوپپو ۋىۋو سىتىۋاتقان باشقا تىلفۇنلار بىلەن باھاسى ئوخشاش تىلفۇننى سەپلىمىسىنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭلار شاۋمىي بىلەن قايسىسى ھەقىقى ياخشىكىن بىلىسىلەر قايسى تىلفۇن ئىلىشنى ئۇقالمىغانلارنى قايمۇقتۇرماڭلار، مەن قەتئىي داۋاملىق شاۋمىي تەرەپتە شاۋمىي يۇقىرى سەپلىمە تۆۋەن باھا يولىنى تۇتقان ئۇيغۇرچە تىل بار سىستىمىسى شۇنداق قولاي ھەم راۋان قالغىنى ھەركىمنىڭ تاللىشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号