باش بەت

ئىدىقۇت887

6850يوللانما
11مەستانە

مېكسىكىدا 8.0 بال يەر تەۋرىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 15:12 1 ئىنكاس چۈشتى

 

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك چارلاش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكسىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە 8.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 33 كىلومېتىرغا يەتكەن، مېكسىكا پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەۋرىنىش كۆرۈلگەن.

پۇقرالار كوچىلارغا قېچىپ چىقىپ ئاپەتتىن پاناھلانماقتا

تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ سائەت ئىچىدە خەتەرلىك دېڭىز تاشقىنى مېكسىكا، گىۋاتىمالا، سالۋادور، كوستارىكا، نىكاراگۇئا، پاناما، گوندۇراس، ئېكۋادور قاتارلىق قىسمەن دېڭىز بويى رايونلىرىغا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

             

ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك چارلاش ئىدارىسى تور بېكىتىدىكى دېڭىز تاشقىنى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم كۆرۈلىدىغان دېڭىز تاشقىنىنىڭ دەرىجىسى بىنەپشە رەڭگە يېتىدىغان بولۇپ، تىنچ ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە مېكسىكىدىكى قىسمەن دېڭىز بويى رايونلىرىدا 3 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىر تۇرۇشلۇق مېكسىكا شەھىرىدە يەر تەۋرەشتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئاڭلىتىلغان بولۇپ، ئەتراپتىكى رايونلاردا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا تەۋرەش كۆرۈلگەن، نۇرغۇن ئاھالىلەر كەڭرى جايلارغا يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاپەتتىن پاناھلانغان. قىسمەن رايونلاردا ئاللىقاچان توك ۋە تور ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، مېترو سىستېمىسى جىددىي لايىھەنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    يېقىندىن بۇيانقى يەرشارى مۇھىتى پەقەت نورمال ئەمەس.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号