باش بەت

zefer

607يوللانما
35مەستانە

تېخنىكا يېتىشمەسلىكتىن iPhone 8نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بىر ئاي كېچىكتى

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 16:00 21 ئىنكاس چۈشتى

iPhone 8 تېزلا ئېلان قىلىنىدۇ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مەسىلە كۆرۈلگەندەك قىلىدۇ. «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، iPhone 8نى ئىشلەپچىقىرىش تەخمىنەن بىر ئاي كەينىگە سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە بىز ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان ئۇچۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنغان: OLED بىرىكمە دېتالىنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، iPhone 8نىڭ باشلىنىش باھاسى 1000 دوللار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم OLED ئېكران بىلەن چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىدىكەن.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: «OLED بىرىكمە دېتالىغا نىسبەتەن ئالما بىر قەدەر قىيىن ئۇسۇلنى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى كېلىپ چىقتى.» بۇ تېخنىكىغا پىششىق زاتلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ OLED ئېكران بىلەن سېزىمچان ئېكراننى توپلاشتۇرىشىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئالمىنىڭ لايىھەسىدە سېزىمچان ئېكران مودېلى كۆرسىتىش ئېكرانىنىڭ سىرتىغا قۇيۇلىدىكەن. ئالمىنىڭ لايىھەسىگە تېخىمۇ كۆپ يېپىشتۇرغۇچ ۋە قوغداش قەۋىتى ئىشلىتىلگەچكە، قۇراشتۇرۇشتىكى خاتالىق نىسبىتى يەنىمۇ زورايغان.

ئىلگىرى كەيجى ئاكسىيەسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: «ئالما پەقەت سامسۇڭنىڭ OLED تاختىسىغىلا تايىنىدۇ، سامسۇڭ چوقۇم باھانى ئۆرلىتىدۇ.» ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئالما ھازىر LGنى ئىككىنچى تەمىنلىگۈچى قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، لېكىن بۇ 2019-يىلى ئاندىن ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىكارچى2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ پۇلۇم يوڭ شۇڭا ئالما ئىشلىتىمەن ،سامسىدەك تولا بۇزۇلۇپ يەرگە چۈشسە شاپاقتەك ئىككى پارچە بولۇپ كەتسە مەندەك پۇلى يوقلار رىمۇنت قىلىشقا چىقشالمايمىز .پۇلى بارلار سامسا ئىشلىتىدۇ ،بۇزۇلۇپ قالسىمۇ پۇلى جىق بولغانكىن ئىغىر كەلمەيدۇ

  • 137******842 ئاي ئىلگىرى

    بايقۇش قانچىلىك پۇلۇڭ با ئاقماس گەپنى قىلدىكەنسە ئۇنداق ئالما تىلفۇننى ھازىر قەلەندەرلەمۇ ئىشىلتىدۇ
    پۇلى بالا ئالما ئىشلىتەمىش
    بىلسەم بىلمىسەم مۇددەتكە بۈلۈپ تۆلەيدىغانغا ئالسە
    يا بىر بۆرىكىڭنى ساتاسە

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    بايقۇش ھەقىقەتەن بايقۇشكەن

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    پۇلى بارلار 4s تۇتىدۇ ئالما ئەمەسمۇ پۇلى يۇقلار سامسوڭ تۇتىدۇ ئادەتتە سامسۇڭنىڭ ئېكرانىنىڭ پۇلىغا بىر پۇچۇق كېلىدۇ

  • بايقۇش2 ئاي ئىلگىرى

    كىمنىڭ پۇلى بولسا شۇ نوچى پۇلى بارلار ئالما ئىشلىتىدۇ يوقلا ئامال يوق سامسا ئىشلىتىدۇ

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    شارىپنىڭ لاھىيىسىنى ئۇغىرلاپ ئەمدى ،

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    سامسوڭ ئېكران بەرمىسە يەنە lcdئىشلىتىپ يۇرۇيدۇ بىچارە بايقۇشلار ئالمىىدا ھەتتا بىر سەرەڭگە ياسىغىدەك تېخنىكا بولمىسا

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما بىر ئولوك تۇرسا ئامالى يۇق سامسوڭنىڭ يېرىم ئوتگۇزگۇچ كەسپى دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا بىلمەيدىغانلار بىلگەن قىياپەتكە كىرۋالماڭلار

  • ئويۇنخۇمار2 ئاي ئىلگىرى

    apple and دىگەن تورداشقا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ، ئالمىنى ماختاپ بولامماي سامسۇڭنى سۆكەپ بولامماي بەك قىيلىنىپ كەتكەندەك تۇرسىلە ئىسىسىت ، قارغاندا سىلەر ئادەتتە مەدىكا ئىشلەپ كۆنۈپ كىتىپسىلە زۇۋۇتنى كىڭەيتىپ ۋاكالىتەن ياساش ياكى سېتىپ چىقىرىش ھەرگىزمۇ مەدىكارلىق ھىساپلانمايدۇ ، بۇ پەقەت ۋە پەقەت مەدىكارلىق كاللىسىغا سىڭىپ كەتكەن ئادەمنىڭ خىيالى .

  • باتۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزى ياسىيالايدۇ ئەممە مەدىكار چىلىققا سالىدۇ دىگەن سەل قاملاشماپتۇ ئكزى ياسىيالايدۇ دىگەن ھېشنەرسىگە ھىساپ ئەمەس،بېرە قېتىم ياساپ باقسا ھىساپ، ما ئالمىغا دەششەت ئىشىنىدىغانلا قېنى ئالما نىمە ياساپتۇ بىر كۆرەپ باقىلى ئالمىنى قانچىلىك داملىساڭلا داملاۋېرىڭلا ئىشقىلىپ باشقىلانىڭ قولىغا قارايدىكەنغۇ ئۇ بىچارىمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号