باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2639يوللانما
23مەستانە

10 ياشلىق قىزچاق پاشا قوغلايمەن دەپ دادىسىنى يارىلاندۇرۇپ قويدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 16:31 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شۈيجۇ شەھەرى فېڭشيەن ناھىيەسىدىكى لى ئەپەندىم كۈتۈلمىگەن بالا-قازاغا دۇچار بولدى. ئۇنىڭ 10 ياشلىق قىزى ئاتىسىنىڭ دۈمبىسىگە بەك كۆپ پاشا قونۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، پاشا دورىسىغا ئوت ياقتى. بىراق، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەردى، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بېنزىن پومپىسىنى ئوڭشاۋاتقان ئاتىسىنىڭ بەدىنىگە «گۈپ»لا قىلىپ ئوت كەتتى، ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولغۇچە ئۇنىڭ %55 تېرىسى كۆيۈپ كەتكەنىدى. 

شياۋ لى دېيىشىچە، ئەينى چاغدا ئاتىسى بېنزىن پومپىسى ئوڭشاۋاتقانىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 لەردە سىڭلىسى ئۆيدە پاشا ئاينىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا پاشا دورىسى قويۇپ قويماقچى بولغان، ئويلىمىغان يەردىن بېنزىنغا ئوت تۇتىشىپ كەتكەن، ئارقىدىنلا بېنزىن پومپىسى پارتلاپ كەتكەن. 

كېيىن لى ئەپەندىمنىڭ ئايالى، قوشنىسى ئولاش-چولاش ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئوتنى ئۆچۈرگەن ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. لى ئەپەندىمنىڭ ئايالىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقە ئۇنىڭ 10 ياشلىق قىزىغا قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە قىزى بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىغا چىقىدىكەنتۇق. بىراق قىزى: «مەن مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىغان بولدۇم، ئاتامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىدىغانغىمۇ پۇل يوق» دېگەن. 

نۆۋەتتە، لى ئەپەندىم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ، لى ئەپەندىمنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىگىمۇ 300 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە پۇل كېتىدىكەن. بۇنچە كۆپ پۇل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان، ئۇلار ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن جەمئىيەتكە ساخاۋەتلىك كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号