باش بەت

ئابدۇرەھىم

391يوللانما
51مەستانە

مېكسىكىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھازىرغىچە 9 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 17:16 2 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى (PTWC)نىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7-سېنتەبىر يېرىم كېچىدە مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى چىياپاس ئىشتاتىنىڭ تاپاچۇلا دېگەن يېرىدە 8.2 بال يەر تەۋرىگەن، ئارقىدىنلا دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەن، ئاپەتتە ھازىرغىچە 9 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئىككى كىچىك بالا بار.

يەر تەۋرەشنىڭ بال سانىنى ھەر قايسى ئۆلچەش مەركەزلىرى ھازىرچە ھەر خىل بېكىتكەن بولۇپ، تۆۋىنى 8.0 بال، ئەڭ يۇقىرىسى 8.4 بال.

ئاپەت يۈز بەرگەن جايدا نۇرغۇنلىغان ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن.

PTWCنىڭ ئېيتىشىچە يەر تەۋرەش ئاپىتى دېڭىز تاشقىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكا دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىمۇ بۇ خەۋەرنى دەلىللىگەن ھەمدە ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدا زور كۆلەملىك دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بېرىشى ۋە بۇ ئاپەتنىڭ مېكسىكا، گىۋاتېمالا، سالۋادور، كوستارىكا، نىكاراگۇئا، پاناما، ھوندۇراس، ئېكۋاتور قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ھازىر ئاپەت رايونىدا كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەپرا2 ئاي ئىلگىرى

    بىرۋاقىتتا دەۋاتىتى بۇيىل يەرتەۋرەش يىلى دەپ ، تەۋرەپتۇ مانا ...

  • ئىدىرس2 ئاي ئىلگىرى

    موشۇ كۈنلەدە يەرتەۋرەش خەۋەرلىرى جىقيپلا قالدى دىسە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号