باش بەت

ئىرپان

2242يوللانما
128مەستانە

فورد قارمىقىدىكى لىنكولىن 2022-يىلدىن باشلاپ يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل چىقارمايدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 17:05 2 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 8-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئۈچ خادىمنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى قارمىقىدىكى داڭلىق ماركا لىنكولىن 2022-يىلدىن باشلاپ يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل تىپى چىقارماسلىقنى، ھەممىسىنى ئارىلاش ماتورلۇق ماشىنا تىپىغا ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.

مەزكۇر شىركەت ئەڭ بالدۇر بولغاندا 10-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ پىلانىنىڭ تەپسىلاتىنى جاكارلايدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە فوردنىڭ CEOسى جىم خاكېت (Jim Hackett) مەبلەغ سالغۇچىلارغا شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى تونۇشتۇرىدۇ.

ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ دېيىشىچە، فوردنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى يەنە بىر خىل ياكى تېخىمۇ كۆپ توكلۇق ماشىنا تىپى چىقىرىش چىقارماسلىقنى يەنىلا ئويلىشىۋېتىپتۇ. بۇ پىلان لىنكولىننىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى كەلگۈسىدە ھەل قىلغۇچ مۇھىم، چۈنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بارلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىدىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ نىسبىتىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

لىنكولىننىڭ ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىلى فوردنىڭ كەلگۈسى 5 يىلدا ئاز دېگەندە 18 خىل يېڭى توكلۇق ياكى ئارىلاش ماتورلۇق ماشىنا تىپى چىقىرىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئومەر2 ئاي ئىلگىرى

    سۇرئەت 60 كلومېتېردن تۇۋەن بۇسا توكتا ماڭدۇ ئېشېپ كەتسە مايغا ئۇتېدۇ

  • يامغۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ئارلاش ماتۇرلۇق دىگنى توكلۇق +ماتۇرلۇق دىگنىمۇ مۇشۇ ھەقتە بىلدىغانلا بولسا بىر چۈشەنچە بەرسەڭلا رەخمەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号