باش بەت

دەۋران

353يوللانما
7مەستانە

داڭلىق مودېل «دوللار كۆينەك» كىيىپ مېتروغا چىقىپ نامراتلارغا ياردەم بەردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 17:41 11 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكا «سۆلەتۋاز بايۋەچچە» ژۇرنىلىنىڭ مودېلى ۋىكتورىيە پۈتۈن بەدىنىگە دوللار چاپلاپ نيويورك شەھىرىنىڭ مېترو ۋە چوڭ كوچىلىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىدىن پۇللارنى ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋىكتورىيە: «چۈنكى مەن دائىم ساياھەت قىلىمەن، مەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆزۈمگە مەن كەلگۈسىدە چوقۇم بۇ ئىشنى قىلىمەن دېگەن، مەن مېتروغا چىقتىم، چۈنكى مېنىڭچە بۇ يەردە شەھەردىكى ئەڭ نامرات ئادەملەر بار دەپ ئويلايمەن، مەن پۈتۈن يېرىگە دوللار چاپلانغان كۆينەكنى كىيىپ بۇ يەردىكى ياردەمگە ئېھتىياجى بار ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان پۇللارنى ئېلىشنى ئويلىدىم» دېگەن.

ئۇ يەنە: «تۇرمۇش ماڭا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى، ھازىر مېنىڭ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغان ۋاقتىم كەلدى، مەن مېترودىكى پۇلى يوق، ئۆيى يوق كىشىلەرگە پۇل بېرىشنى خالايمەن»دېدى.

ۋىكتورىيە ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى سىنغا ۋە سۈرەتكە تارتىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقارغان، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قىزىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان، تورداشلار ئۇنىڭغا: «ماڭا ئازراق پۇل بەرسىڭىز بولامدۇ؟»، «سىزنى تەبرىكلەيمىز، سىزنىڭ قىلغان ياردىمىڭىزگە رەھمەت» دېگەندەك سۆزلەرنى قالدۇرغان.

رەسىمدە ۋىكتورىيە دوللار كىيىمنى كىيىپ مېتروغا چىقىش ئالدىدا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تامام1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈنتاغ تورداش سىز ھىچكىمگە بىلىندۈرمەي باشقىلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ياردەم قىلىپ باقتىڭىز

  • سۇنتاغ1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزدە ئوڭ قۇلۇڭ بەرگەننى ،سول قۇلۇڭ بىلمىسۇن دېگەن گەپ بار لىكىن ئۇلاردائوڭقۇلڭدا بەر گىنىڭ كامىرادىن چۈشۈپ قالمىسۇن دىگەن دەك قىلىدىكەن باشقىلارغا خەيرى ئېھسان قىلىش ياخشى پەزىلەت لىكىن مانداق ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى سۈرەتلەرگە تارتىپ سىنلاغا ئىلىش مەنچە ياخشى خىسلەت ئەمەس

  • دۇنيانى بويسۇندۇرۇش1 ھەپتە ئىلگىرى

    قالتىس قىپتۇ ۋىكتورىيە.

  • 138******591 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ كۆك كۆزلەر خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەمنى كۆپ قىلدۇ

  • يالغان ياۋىداق1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بولسام قىز بالىنىڭ كىيىملىرى بىلەن قېتىپلا ئەپ قاچاتتىم.يۈزى قىزارغان چىراي ئىپادىسى.

  • ئىسمىمما1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى بوپتۇ ، مەن قوللايمەن ،پۇلى باركەن ئازدۇر كۆپتۈر باشقىلارغا ياردەم قىپتۇ ، ئەگەر ھەشەمەتلىك داچا ، ئالى ماشىنا ،ئىسىل كىيىملەرنى سېتىۋىلىپ ، ھىچكىمگە بىر پۇڭ بەرمەي ياشىغان بولسىمۇ بولىۋىرەتتى

  • ئىسمىمنى دوراشما1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش دېگەن شۇ دە ……

  • ئەنۋەر ئەركىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. يەنىلا قولى بىلەن بەرگىنى ياخشى.

  • 2151 ھەپتە ئىلگىرى

    شىنجاڭدا چىققان بولسا بۇلاڭ تالاڭ بۇلاپ كىتەتتى دە .رەسىمگە تارتىشقىمۇ ئۈلگىرمەي پۇللار تۈگەپ كەتكەن بۇلاتتى .

  • Riyla1 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇللانى كىيىمىڭىزگە چاپلاپ ماڭغىنىڭىز ئادەمگە سەل غەلىتە بىلىنسىمۇ لېكىن باشقىلاغا ياردەم بەگىنىڭىز بەك ياخشى بۇپتۇ مىنىڭمۇ جىق پۇلۇم بوسا قىيىنچىلىقى با قېرىنداشلىرىمغا چۇقۇم ياردەم قىلىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号