باش بەت

ئىرپان

2242يوللانما
128مەستانە

بىرازىلىيەنىڭ 8-ئايلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتى بىردەك ئاشتى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 17:57 1 ئىنكاس چۈشتى

ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى 8-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرازىلىيە ئاپتوموبىل ياساش جەمئىيىتى 6-سېنتەبر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا بىرازىلىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت مىقدارى بىردەك ئاشقان، ئاپتوموبىل كەسپى داۋاملىق ئەسلىگە كەلگەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا بىرازىلىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 260 مىڭ 300 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.7 ئاشقان، بۇ يىلقى ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا يۇقىرى رېكورت ياراتقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا بىرازىلىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 749 مىڭ 700 دانە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.5 ئاشقان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا بىرازىلىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى 66 مىڭ دانە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.7 ئاشقان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا بىرازىلىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى 506 مىڭ دانە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.1 ئاشقان.

كەسپىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، بىرازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ پەيدىنپەي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل كەسپى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ياخشىلىنىدىكەن. بىرازىلىيە ئاپتوموبىل ياساش جەمئىيتىىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل بىرازىلىيەنىڭ ئومۇمىي ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون 700 مىڭ دانىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %25.2 بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Justin Bieber2 ئاي ئىلگىرى

    بىرازىليە مۇ ئاپتوموبىل ئېكىسپورت قىلدىغان سەۋيەگە يىتىپتۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号