باش بەت

نۇسرەتگۈل

7758يوللانما
112مەستانە

ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى كۈچەپ يولغا قويۇلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 18:11 4 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- چېسلادىن 7- چېسىلاغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شەندۇڭنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شەندۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار، سوت مەھكىمىسى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە جىنەن، زىبو ۋە چىڭداۋ قاتارلىق جايلار، شەھەر-يېزا ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قىلدى. ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملار، ئامما ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار دېگەندەك كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇردى، ئەھۋال ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى ۋە ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى.

شېن يۆيۆ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى يولغا قويۇش جەريانىدىكى نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تېخىمۇ ئوبدان يولغا قويۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Yěs =_= 玩2 ئاي ئىلگىرى

    SAS گېپىڭىز راسمۇ يا يۇمۇر مۇ …… بىييەلىرى بىخىليا … !

  • ❥゛ÐáT~Tùしα ✌2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ كۈنۈم تەسكەن زوراۋانلىق قىلىپ مۇھاببەتلە بىلەنمۇ ئەپ ئۆتمەيتمە قالاڭ شۇڭا ئوڭشالغىچە خوتۇن ئاماي تۇدۇم مىنە

  • ŞAŞ2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ بىر خىزمەتدىشىم داۋاملىق ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.مۇش،پەشۋا ئارقا-ئارقىدىن ئىتىلىپ تاياق يىگىنى يىگەن بولىدىكەن.ئازراق قارشىلىق كۆرسەتسە ئىش تىخىمۇ چاتاق ئىكەن.نۇر تورىدىكىلەر ئىشەنمەسلىگى مۈمكىن بىچچارە يىگىت قورقۇنچاق بولۇپ قالدى.ئايالىنىڭ كەسپى چىلىشچى بولۇپ ھازىر ئوقۇتقۇچى.

  • ئەسكى بالا،،2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى خەۋەركەن ماۋۇ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号