باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2586يوللانما
20مەستانە

بۇ دۆلەتنىڭ GDP سى 10 مىليارد دوللارغا يەتمەيدۇ، بىراق تاشقى قەرزى 100 مىليارد دوللار

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 22:24 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ياۋروپادا كىچىك ھەم سىرلىق بىر دۆلەت بار، بۇ دۆلەت ياۋروپانىڭ غەربىي شىمالىدا، كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك، ئېلىمىزنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى بىلەن تەڭ دېگۈدەك كېلىپ قالىدۇ، بىراق نوپۇسى ئارانلا 300 مىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم ناھىيەلەرنىڭ نوپۇسىدىنمۇ ئاز، بۇ دۆلەت دەل ئىسلاندىيە. پۇل مۇئامىلە بورىنىدىن كېيىن، بۇ دۆلەت گۇمران بولۇش خەۋپىگە دۇچار بولدى، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ 

بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى ئارانلا 300 مىڭ، GDP سىمۇ 19 مىليارد 370 مىليون دوللار، ئەمما تاشقى قەرزى 138 مىليارد 300 مىليون دوللار، پۇل-مۇئامىلە بورىنىنىڭ تەسىرىدە ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ كىشى بېشى قەرزى 1 مىليون 360 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى تورداشلار ئىسلاندىيەنى ھەر قايسى تورلاردا «كىم ئارتۇق» قىلىشقا باشلىغان، ئېلىمىزدىكى بىر قىسىم تورداشلارمۇ ئىسلاندىيەنى «بىرلىكتە سېتىۋېلىش»نى توغرىسىدا يازما ئېلان قىلغان. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ گۈزەل دۆلەت ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. 

بىراق، ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ كۆكسى-قارنىنىڭ كەڭلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايسىز. ئىسلاندىيەگە بېرىپ قالسىڭىز، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تاشقى قەرزدىن قىلچىمۇ ۋايىم يېمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. چۈنكى، ئىسلاندىيەلىكلەر «ئادەمنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا، شۇڭا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن خۇشال ياشىماق لازىم» دېگەن ئۈمىدۋارلىق پىسخىكىسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر ئىشىدا تولۇق نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئىسلاندىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپى گۇمران بولۇپ، پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىپ كىشىلەر تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان، شۇنداقلا ئىسلاندىيەنىڭ زۇڭلىسى كەسىپ ئۆزگەرتىپ بېلىق تۇتۇپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ ئۈمىدۋارلىق پىسخىكىسى ئازراقمۇ ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق. ئىسلاندىيەلىكلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە ياشاپ، چۆچەكلەردىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كۆنۈپ قالغاچقا، شېرىن چۈشىدىن ئويغىنالمايۋاتقان بولسا كېرەك!

ئىسلاندىيەدە يۈكسەك دەرىجىدىكى پاراۋانلىق سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈشتىن غەم قىلىشى ھاجەتسىز، ئۇلارنىڭ ئىستېمال باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بانكىغا كۆپ پۇل قويمايدۇ، شۇڭا بانكىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە جىق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئىسلاندىيەلىكلەر پاي چېكى سېتىۋېلىش، قەرەللىك مال دېگەندەك پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئېشىنچا پۇلىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئىسلاندىيە كورۇناسىنىڭ كۇرسىسى چۈشۈش سەۋەبلىك، ئىسلاندىيەگە بېرىپ مال سېتىۋالىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك ۋە سودىسى خېلى جانلىنىپ قالغان. ئەمما، دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى پاراۋانلىق سىياسىتىنىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى نامەلۇم، چۆچەك دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ بالدۇرراق رېئال دۇنياغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالوڭ1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىم دىگەن رۇمانتىك پەيزە ياشايدىكەن

  • 138******591 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋەيران بولمايدۇ چۇنكى ئاھالىسى كۆك كۆزلك گېرمان لار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号